تولستوي ۋە ئۇنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-14 04:15:38

دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا «رۇس ئەدەبىياتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئۇلۇغ ئەدىب (Лев Николаевич Толстой) لېف نىكولايېۋىچ تولستوي 1828- يىلى 9- سېنتەبىر ئەينى دەۋردىكى چاررۇسىيە تۇلا (Tулa)ئۆلكىسىنىڭ كراپىۋېن

    تولستوي ۋە ئۇنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى

     

    1



    دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا «رۇس ئەدەبىياتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئۇلۇغ ئەدىب (Лев Николаевич Толстой) لېف نىكولايېۋىچ تولستوي 1828- يىلى 9- سېنتەبىر ئەينى دەۋردىكى چاررۇسىيە تۇلا (Tулa)ئۆلكىسىنىڭ كراپىۋېن(Крапивен)ناھىيىسىدىكى ياسنايا پوليانا (Ясная Поляна) رايونىدا كاتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.دادىسى (Николай Илич)گراف نىكولاي ئىلئىچ 1812- يىلىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ھەربىي، ئانىسى مارىيە نىكولايېۋنا (Мария Николайевна) كىنەز ن. س. ۋولكانسكىي (Н С Волканский) نىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدى.تولستوي بىر يېرىم يېشىدا ئانىسىدىن، توققۇز يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قالىدۇ. 1841- يىلى ئۇنىڭ ھامىيسى بولغان كىچىك ئاپىسى ئا. ئى. ئوسجىئان ساكېن (А И Осжиан Сакен) قازا قىلغاندىن كېيىن، قازان (Казан) دا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەنە بىر كىچىك ئاپىسى پ. ئى. يۇشكوۋا (П И Йушкова) نىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتىدۇ.

    Leo Tolstoy

     

    تولستوي كىچىكىدىن باشلاپلا تىپىك ئاقسۆڭەكلەرچە ئائىلە تەربىيىسى ئالىدۇ. 1844- يىلى ئۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Казанского университета) شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، كەلگۈسىدە بىر دىپلومات بولۇش مەقسىتىدە تۈرك ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىدۇ. بىراق، مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىنكى يىلى كەسپىنى ئۆزگەرتىپ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئالمىشىدۇ. تولستوي بۇ كەسپنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنمەستىن، پەلسەپىگە جۈملىدىن روسسۇنىڭ (Rousseau) ئەخلاق پەلسەپىسىگە مەھلىيا بولۇپ قالىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىدۇ. 1847- يىلى 4- ئايدا تولستوي ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ياسنايا پولياناغا قايتىپ كېلىدۇ.

     

    تولستوي ئانىسىدىن مىراس قالغان قورۇقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ نىيىتىدىن يانىدۇ. 1849- يىلى 4- ئايدا ئۇ پېتېربۇرگ (Петербург) قا بېرىپ قانۇنشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ئىككى پەندىن ئىمتىھان بېرىپلا تۇيۇقسىز قايتىپ كېتىدۇ ھەمدە شۇ يىلى كۈزدە دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەكتەپ ئاچىدۇ. 1851- يىلى 4- ئايدا، تولستوي ھەربىي قوشۇندا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان چوڭ ئاكىسى نىكولاي (Николай) غا ئەگىشىپ كاۋكاز (Кавказ) غا بېرىپ، پىدائىي ئەسكەر سالاھىيىتى بىلەن ئىككى يېرىم يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. 1854- يىلى 3- ئايدا، ئۇ دۇناي (Дунай) دەرياسى قىسمىغا يۆتكىلىپ، چارروسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان قىرىم (Крым) ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ.

     

    تولستوي كاۋكازدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، «زامانداشلار» ژۇرنىلىدا («Современник»-журнале) «بالىلىق» (Детство)، «ئۆسمۈرلۈك» (Отрочество)، «ياشلىق» (Юность) نامىدىكى ئۈچ پوۋېستى ۋە «سېۋاستوپول قىسسىلىرى» (Севастопольские рассказы) قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىدۇ. 1855- يىلى 11- ئايدا ئۇ سېۋاستوپولدىن پېتېربۇرگقا كېلىدۇ ۋە تۇنۇلغان ياش يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرگېنېف (Иван Тургенев)، نېكراسوف (Никола́й А . Некра́сов) قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە گونچاروف (Иван Гончаров)، فېت (Афана́сий Фет)، ئوستروۋسكىي (Алекса́ндр Остро́вский)، درۇژىنىن (Алекса́ндр Дружи́нин)، ئاننېنكوف (Павел Анненков) قاتارلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچىلار بىلەن تەدرىجىي تۇنۇشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا درۇژىنىن قاتارلىقلار ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئېقىمىدىكى ئەدىبلەر قۇۋۋەتلەيدىغان «ئاشكارىلاش ئەدەبىياتى»غا قارشى تۇرۇپ، «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەننى تەرغىب قىلىدىغان ئاتالمىش «نەپىس ئەدەبىيات» نى تەشەببۇس قىلاتتى. تولستوي گەرچە درۇژىنىن قاتارلىقلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە مايىل بولسىمۇ، لېكىن يەنە «ھەر قانداق سەنئەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلمايدۇ» دەپ قارايدۇ.

     

    1856- يىلىنىڭ ئاخىرىدا تولستوي ھەربىيلىكتىن چېكىنىدۇ. كېيىنكى يىلى ئۇ فرانسىيە، شۋېيتسارىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيىگە بېرىپ سەيلى- ساياھەتتە بولىدۇ. تولستوينىڭ بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرى ئۇنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، روسىيە جەمئىيىتىنىڭ قالاقلىقىغا بولغان تۇنۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

     

    روسىيىدە 19- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى ئارىلىقىدا يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ھەمدە ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، تولستوينىڭ ئىدىيىۋى قارىشىدا ئىنتايىن كەسكىن زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ لىبېرالىستلار، سلاۋىزمچىلار ھەمدە يانچىدارلار ئىچىدىكى جاھىللارنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قوشۇلمايدۇ، شۇنداقلا چارپادىشاھ يولغا قويغان ئاتالمىش ئىسلاھاتنىڭ ساختا خاراكتېرىنى كۆرۈپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە يانچىلىق تۈزۈمىنى ئىنقىلاب قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يوقۇتۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر چىقىش يولىنى تېپىش ئىستىكىدە بولىدۇ. تولستوي ئىدىيىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بىر مەزگىل پەلسەپە ۋە سەنئەتكە بېرىلىش ئارقىلىق رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى تېزلا ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ؛ 1860- يىلى چوڭ ئاكىسى نىكولاي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. 1859- يىلىدىن 1862- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تولستوي ھەتتا ئىجادىيەتتىن توختاپ، ياسنايا پوليانا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يېزىلاردىكى دېھقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن 20 دىن ئارتۇق مەكتەپ ئېچىپ بېرىدۇ ھەمدە روسىيە ۋە غەربىي ياۋروپانىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ بېقىش ئۈچۈن، 1860- يىلدىن 1861- يىلغىچە يەنە گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ مەكتەپلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە « ياسنايا پوليانا» نامىدا مائارىپ ژۇرنىلى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەريانىدا، تولستوي ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيىنىڭ تىنچلىق مۇرەسسەچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پومىشچىكلار ۋە دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش- تارتىشلارنى كېلىشتۈرۈش جەريانىدا، ھەمىشە دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنە ئاقسۆڭەك يانچىدارلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىدۇ. 1862- يىلى 7- ئايدا ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پەيتتە، ئۆيى ژاندارمىلار تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى كۈن ئاختۇرۇلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تولستوي ئۆزى ئاچقان مەكتەپلەرنى تاقايدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە تولستوينىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى سىلكىنىشى ھەمدە دېھقانلار بىلەن كۆپلەپ ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە ئۇلاردىن قوبۇل قىلغان بەزى قاراشلىرى، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئاچقۇچ ۋە يېڭى بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

     

    تولستوي يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك بىر قاتار مۇرەككەپ ئىدىيىۋى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي بارلىق زېھنى بىلەن ئىجادىيەتكە قايتىدىن كىرىشىپ كېتىدۇ ھەمدە 1863- يىلىدىن 1869- يىلىغىچە ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسىرى «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» (Войну и мир) نى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. بۇ بىر ئېپوس خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەدىبنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاساسلىق ئىدىيىسى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

     

    19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روسىيىدە ئەۋىج ئالغان «بارلىق كونا تەرتىپلەرنى بۇزۇپ تاشلاش» ۋە «خەلق ئارىسىغا بېرىش» دېگەندەك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تولستوينىڭ ئىدىيىۋى قارىشىدا يېڭىچە بۇرۇلۇش پەيدا بولىدۇ. 1873- يىلىدىن 1877- يىلىغىچە، تولستوي جەمئى 12 قېتىم كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ناماياندە خاراكتېرلىك گىگانت ئەسىرى بولغان «ئاننا كارېنىنا» (Анна Каренина) رومانىنى تاماملايدۇ. تولستوي بۇ ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە بەدىئىي تالانتى ئارقىلىق، روشەن بەدىئىي خاسلىققا ئىگە يارقىن ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئەينى دەۋر رېئاللىقىدىكى مۇرەككەپ ۋە چىگىش ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ھەمدە تېز ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي ئالاھىدىلىكنى توغرا ۋە چوڭقۇر ئېچىپ بېرىدۇ.

     

    تولستوي «ئاننا كارېنىنا» رومانىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، پات- پات جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزى يەر تېرىيدۇ، موزدوزلۇق قىلىدۇ، دېھقانلارغا ئۆي سېلىپ بېرىدۇ، راھەت- پاراغەتتىن ۋاز كېچىپ، گۆشسىز تاماقلارنى يەيدۇ. 1881- يىلىغا كەلگەندە، تولستوي بالىلارنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئائىلىسى بويىچە موسكۋاغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ئەدىب موسكۋادا ياشىغان 20 يىل جەريانىدا، يەنە كەڭ دائىرىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇ 1881- يىلى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅲ گە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ گە قەست قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىنقىلابچىلارنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشىنى ئۆتۈنىدۇ؛ 1882- يىلى موسكۋا شەھىرىدىكى نامراتلار رايونىدا نوپۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەيدۇ؛ 1884- يىلى ئۆزىنىڭ ئىخلاسمىنى ۋە دوستى ۋ. چېرتكوف (В.Чертков) قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ۋاستىچى» نامىدا نەشرىيات قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي قاراشلىرى ۋە تەلىماتلىرىغا يېقىنلىشىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلىدۇ؛ 1891- يىلىدىن 1893- يىلىغىچە ھەمدە 1898- يىلى ريازان (Рязан) ئۆلكىسى ۋە تۇلا (Tулa) ئۆلكىسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ پەلسەپە، دىن، ئەخلاق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

     

    ئوبيېكتىپ جەھەتتە جەمئىيەتنىڭ تېز ئۆزگىرىش ياسىشى ۋە خەلق ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ يۈكسىلىشى، سوبيېكتىپ جەھەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلغان مەنىۋى ئىزدىنىش ۋە ئىدىيىۋى زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، تولستوينىڭ دۇنيا قارىشىدىكى ئۆزگىرىشنى جىددىيلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يازغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «زۇلمەت كۈچلىرى» (1886) درامىسى، «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلىمى» (1886) ۋە «ھاجى مۇرات» (1904) پوۋېستى، بولۇپمۇ داڭلىق رومانى «تىرىلىش» (1899) دا، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ كۈچلۈك غەزەپ- نەپرىتىنى، بۇرۇنقى ئارزۇ- تىلەكلىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ «خىياللىرىنىڭ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى، سىياسىي تەربىيىلىنىشى كەمچىل ۋە ئىنقىلابىي روھىنىڭ ئاجىز» بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

     

    تولستوينىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئەينى دەۋردە ئىنتايىن زور ئىجتىمائىي تەسىر قوزغاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ ھەمدە ئۆز دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى ساراسىمگە سېلىپ قويىدۇ. شۇ چاغلاردا بەزىلەر ھەتتا چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅲ گە تولستوينى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ، لېكىن چارروسىيە ژاندارمىلىرىنىڭ گېنېرالى «ئۇنىڭ ئابرويى بەك چوڭ، ئۇنى روسىيىنىڭ تۈرمىلىرىگە سىغدۇرالمايمىز» دەيدۇ. ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت تولستوينى ئوچۇق- ئاشكارە بېسىقتۇرۇۋېتەلمىگەچكە، بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىنى روھىي جەھەتتىن بەربات قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. 1901- يىلى چارروسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋىنىڭ ئالىي دائىرىلىرى تولستوينى «دەھرى ۋە دىننىڭ خائىنى» دەپ جاكارلاپ، ئۇنى دىندىن چىقىرىۋېتىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئەدىب ئۇلارغا تىز پۈكمەيدۇ. 1905- يىلىدىكى روسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، تولستوي گەرچە 80 ياشلارغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق ماقالىلارنى يېزىپ، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى شەپقەتسىزلىك بىلەن ئېكىسپلاتاتسىيە قىلغانلىقىغا ۋە ئىنقىلابچىلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.

     

    تولستوي ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دېھقانلارنىڭ ئويغانغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىدىيىۋى ھېسسىيات پەرقىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ؛ ئۆزىنىڭ قورۇقىدىكى پومىشچىكلارچە تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىدىن تېخىمۇ ئارامسىزلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ۋە ئايالى بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئۇنىڭ روھىي ئازابىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، بىر قانچە قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي ئىزدىنىشلەر ۋە كەسكىن ئىدىيىۋى كۈرەشلەردىن كېيىن، تولستوي ئاخىرى ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشقا نىيەت قىلىدۇ ۋە بارلىق مال- دۇنياسىنى ئايالىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، 1910- يىلى 10- نويابىر يوشۇرۇن ھالدا ياسنايا پوليانادىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، «ئاددىي پۇقرا» بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بىراق، يولدا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، شۇ يىلى 20- نويابىر ئاستاپوۋو (Астапово) ۋوگزالىدا 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئەدىب ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ياسنايا پوليانادىكى ئورمانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئۇستاز لېنىن «روسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەينىكى» دەپ يۇقۇرى باھا بەرگەن، پۈتكۈل ئىجادىي ھاياتىدا 90 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان بۇ گىگانت ئەدىبنىڭ قەبرىسىگە يا كىرىست بەلگىسى، يا قەبرە تېشىمۇ ئورنىتىلمايدۇ.

     
     

    2


     

    ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئۆزئارا قەدىرلەش ئاساسىدا شەكىللەنمىگەن نىكاھتا، ھەقىقىي ۋە ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان چىن مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىلار ئىچىدە، تولستويغا ئوخشاش كۈنلىرىنى غەلۋە- غوۋغا ئىچىدە ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «دوزاخ ئازابىدەك تۇرمۇش» كەچۈرگەن، ئەڭ ئاخىرى يۇقۇرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار بولغانلار تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنداق بولسا، تولستوينىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئېغىر مەسىلىلەر يۈز بەرگەن؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، گەپنى يەنىلا باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

     

    1862- يىلى 23- سېنتەبىر، 34 ياشقا كىرىپ قالغان تولستوي ئوردا دوختۇرى، 8- دەرىجىلىك مۈلكىي ئەمەلدار ئا. ي. بېرس (Андрея Евстафьевича Берс) نىڭ 18 ياشلىق قىزى سوفىيە ئاندرېيېۋنا بېرس (Софья Андреевна Берс, 1844-1919) بىلەن توي قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 48 يىل جەريانىدا، سوفىيە ئۇنىڭغا 13 پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا پۈتۈن ئۆي ئىشلىرى ۋە ئائىلە ئىگىلىكىنى باشقۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قوليازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىنىڭ 3000 بەتتىن ئاشىدىغان قوليازمىسىنى توپتوغرا يەتتە قېتىم كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. بىراق، كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان سوفىيە ئاندرېيېۋنا، كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىلا ئويلاپ، دۇنيا قارىشى تېز ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى تولستوينىڭ ئىدىيىۋىي خائىشىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ئىناقسىزلىق ئاخىرى بېرىپ ئائىلە تراگېدىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

     

    «بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق بەختسىز ئائىلىلەر بىر- بىرىگە ئوخشاشمايدۇ». مانا بۇ تولستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا» رومانىدىكى مەشھۇر بىر جۈملە سۆزى. لېكىن كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ مەشھۇر ئەدىبنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى دەل ئاشۇ بەختسىزلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى، يەنە كېلىپ ئەڭ بەختسىزلەرنىڭ بىر خىلى ئىدى.

     

    تولستوي 82 يېشىدا ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، 48 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئايالىدىن يىراقلىشىپ، ئەڭ ئاخىرى ھەتتا خەرىتىدىنمۇ تاپقىلى بولمايدىغان كىچىك بىر ۋوگزالدىكى ياغاچ كەپىدە ۋاپات بولىدۇ. تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە ئايالى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشىۋېلىشنىمۇ خالىمايدۇ.

     

    ئامېرىكىلىق مەشھۇر تارىخشۇناس ۋىللىيام شىللېر (William . Schiller) تولستوي ۋە ئۇنىڭ ئايالى سوفىيەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ھەمدە تولستوينىڭ پەرزەنتلىرى يازغان «ئەسلىمىلەر» دىكى مول ئەسلى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، 1993- يىلى تولستوينىڭ نىكاھ مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبلىرى ئېچىپ بېرىلگەن مەخسۇس ئەسىرى «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» نى يېزىپ، تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «ئاننا كارېنىنا» ۋە «تىرىلىش» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى نېمە ئۈچۈن يېزىپ چىققانلىقىنى، روماندا تەسۋىرلەنگەن قىز- يىگىتنىڭ ھېسسىياتىنى، جۈملىدىن نىكاھ ۋە ئائىلىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نىكاھ ۋە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى جەھەتتە مەغلۇب بولغانلىقىنى تەپسىلىي يېشىپ بېرىدۇ.

     

    تولستوي داڭلىق يازغۇچى بولۇش سۈپىتىدە، ئەسلىدىنلا ئايالى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە پەرقلىنەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ ئەرلەرنى ئەزىزلەپ ئاياللارغا سەل قارايدىغان ۋە ئاياللارنى مەنسىتمەيدىغان تىپىك ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن ئىدى. ئۇ يەنە «ئاياللار ئاجىز كېلىدۇ، ئەرلەرگە ئوخشاش مەنىۋى كۈچكە ئىگە ئەمەس. روھىي زەئىپلىك دەل ئاياللارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى، بۇ ئۇلارغا قىلىنغان رەھىمسىزلىك بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ھەقىقىي رەھىمسىزلىكتۇر. تۇرمۇشىمىزنىڭ بىمەنە بولۇشىنى ئەنە شۇ ئاياللار كەلتۈرۈپ چىقارغان.» دەپ قارايدۇ.

     

    پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، تولستوينىڭ ئايالىغا مېھىر- مۇھەببەت ئاتا قىلماسلىقى ۋە كۆيۈنمەسلىكىدىكى بىر سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشىش دەل جاھاندىكى بارلىق ئاياللارنىڭ ئېرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىدۇر. تولستوي سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ- يذ، لېكىن ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ، ئايالى بىلەن مۇڭدىشىشنى تېخىمۇ پەس كۆرىدۇ. بىراق، ئايالى باشقا ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالغاندا بولسا، ئۇ ھەم غەزەپلىنىدۇ، ھەم ھەسەت قىلىدۇ. تولستوي ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا، سوفىيە كۆڭۈل قويۇپ كۈتىدۇ. بىر قېتىم تولستوي ئاغرىپ توققۇز ئاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا، سوفىيە ئىزچىل كارىۋات بېشىدىن ئايرىلماي ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، لېكىن سوفىيە ئاغرىپ قالغاندا بولسا، تولستوي قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۈرىۋېرىدۇ.

     

    ئەگەر بۇ ئەھۋاللارنى تولستوينىڭ پەرزەنتلىرى قەلەمگە ئالمىغىنىدا، بۇلارنىڭ «تىرىلىش» قاتارلىق ئىنسان تەبىئىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىنىڭ قىلىقلىرى ئىكەنلىكىگە ھېچكىممۇ ئىشەنمىگەن بولاتتى. ئۇنداقتا تولستوي سوفىيەنى ياخشى كۆرمەمدۇ؟ تولستوينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى مۇنداقلا ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى بەزى قۇرلارنىڭ يازغۇچىنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببەت خىتابى بىلەن تولغانلىقىنى بايقايمىز. بىراق، خاتىرىنى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭ بۇ مۇھەببىتىنىڭ كونكرېت، مەردانە ۋە قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇھەببەت بولماستىن، بەلكى ئابستراكت، شەپقەتسىز، خىيالىي مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. مانا شۇ سەۋەبتىن، سوفىيە ئازابلانغان ھالدا: «ئېرىمگە ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەت مېنىڭ جىسمىم، خالاس.» دەيدۇ.

     

    تولستوي ئوتتۇرا ياشلارغا كەلگەندە پروتېستانت دىنىغا كىرىپ، يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىدىيىسىدىكى ھاڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. تولستوي ھەمىشە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە نەپرەتلىنىپ، دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ يېزا تۆرىلىرىدەك ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشىدىن يىرگىنىپ، ھەتتا ئەسەر ھوقۇقىدىنمۇ ۋاز كەچمەكچى بولغىنىدا، ئايالى ھەم ئۇنىڭ بۇ نىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ، ھەم ئۇنى قوللىمايدۇ. گەرچە تولستوي پروتېستانت دىنىغا كىرگەندىن كېيىن جىنسىيەتتىن پۈتۈنلەي پەرھىز تۇتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئايالى يەنىلا ئۈزۈلمەي ھامىلدار بولۇپ، ئۇنىڭغا 13 پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھەتتا ئۇنىڭ ئاكىسى سېرگىي (Сергий) مۇ بۇ ئىنىسىنى سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىغان يالغانچى ئادەم دەپ قارايدۇ.

     

    تولستوينىڭ ئەرلەردە بولىدىغان ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ناۋادا ئۇنىڭ ئايالى سوفىيە بولمىغىنىدا، ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى بەلكىم ئۇنچە ھەسرەتلىك ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. قېرىشقاندەك سوفىيە يەنە كېلىپ شۆھرەتپەرەس، كۈندەشلىكى كۈچلۈك، جاھىل تەبىئەتلىك ھەم ئەسەبىي مىجەزلىك ئايال چىقىپ قالىدۇ. تالانت ئىگىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئۆزىدىكى ئىدىيىۋى پەرقنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. بىراق، ئادەتتىكى ئاياللار تالانت ئىگىسىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا بىر خىل چوقۇنۇش پسىخىكىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئاشۇ پسىخىكىنىڭ تەسىرىدە تالانت ئىگىسىنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان، چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىدە ئۇلارنىڭ رايىغا باقىدىغان بولىدۇ.

     

    بىراق، سوفىيە بۇنداق ئاياللاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ يازغۇچى ئېرىنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىش ئۈمىدىدە بولماستىن، بەلكى ئېرىنىڭ قورۇق ۋە ئاپتورلۇق ھەققىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەندىن باشقا، يەنە تولستوينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش دېگەندەك نەزەرىيىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ ھەم ئۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشقىمۇ قىزىقمايدۇ. ئۇ يەنە خۇرسىنىپ تۇرۇپ: «ئېرىم بىلەن ئىككىمىز خۇددى ناتونۇش ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرىمىز، مەن بۇنىڭدىن جاق تويدۇم» دەپ زارلانغان ۋاقتىدا، بۇ دېگەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تولستوينىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، ئېرىنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشەنمىگەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى تانىيە (Таня) مۇ بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئانام پەقەت دادامنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان نەرسىلىرىگە ئېتىبار بەرمەيتتى. ناۋادا ئۇ دادامنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغىمۇ شۇنداق كۆڭۈل بۆلگەن بولسىدى، ئۇنداقتا دادام بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەن ھەمدە ئانامنىڭ مېھنىتىگە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرغان بولاتتى.»

     

    سوفىيە يەنە كۈندەشلىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئايال بولۇپ، ھەسەتخورلىقى سەۋەبىدىن ساراڭ بولايلا دەپ قالماستىن، ئېرىنىمۇ بەكلا بىزار قىلىۋېتىدۇ. تولستوي سوفىيە بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى 48 يىل جەريانىدا، گەرچە ئۇنىڭ مەشھۇر نامى سانسىزلىغان ئاياللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ باشقا ئايال زاتىغا يېقىن يولىمايدۇ. بىراق، مۇشۇنداق تۇرسىمۇ، سوفىيە يەنىلا داۋاملىق ئۇنى كۈنلەپ، بىر كۈنمۇ ئارامىدا قويمايدۇ.

     

    تولستوي سوفىيە بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇنلا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ياشلىق قىلىپ قورۇقتىكى بىر خىزمەتكار ئايال بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇنىڭدىن بىر نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى سەمىمىي «ئىقرار» قىلىدۇ. سوفىيە بولسا بۇ ئىشنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چۈشىدىمۇ ئاشۇ بالىنى تېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلايدۇ. ئارىدىن 40 يىل ئۆتۈپ، سوفىيە 65 ياشقا، ھېلىقى خىزمەتكار ئايال 80 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، يەنىلا شۇ ئىشنى خىيال قىلىپ، ھەسرەت چەككەن ھالدا: «مۇشۇ رەشىك ئوتىنىڭ ئازابىغا چىدىماي ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەنغۇ ئاخىر!» دەپ زارلىنىدۇ. ئۇ ھەتتا تولستوينى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق سىڭلىسىدىنمۇ كۈنلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سىڭلىسى بىر قېتىم تولستوي بىلەن بىللە ئوۋغا چىققانىدى. گەرچە تولستوي ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھېچقانداق ئايال زاتى بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما خوتۇنى ھەتتا ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەنمۇ باردى- كەلدى قىلىشىغا ھەسەت قىلغاچقا، ئۇ ئامالسىز كارى بولماسلىق پوزىتسىيىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سوفىيەنىڭ سەزگۈر نېرۋىلىرى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، يىغلاش، جېدەل تېرىش ۋە سىرتماققا ئېسىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئېرىنى بويسۇندۇرماقچى بولغىنىدا، بۇلار ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ.

     

    ئوقۇرمەنلەرگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مانا بۇلار ھەقىقەتەنمۇ بىر- بىرىنى قىينايدىغان بىر جۈپلەر ئىدى. سوفىيە دائىم كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «كۈن بويى يىغلاپ ياتتىم، گېلىمدىن تاماق ئۆتىدىغاندەك ئەمەس...» دەپ يازسا، تولستوينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە: «ئۇيقۇم بەكلا ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان ۋە ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىنتايىن ئىچىم سىقىلىپ، يىغلىغۇملا كېلىدۇ...» دېگەن قۇرلار كۆپ ئۇچرايدۇ. مانا بۇلاردىن مەلۇمكى، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» دېگەندەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان مۇشۇنداق بۈيۈك ئەدىبنىڭ ئائىلىسىدىمۇ پەقەت «ئۇرۇش»لا بولۇپ، «تىنچلىق» دېگەندىن ئەسەرمۇ بولمىغان.

     

    سوفىيە يەنە شۆھرەتپەرەس بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۆزىنىڭ داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى، تولستوينىڭ ئۆزىنى يەنىلا ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ھەتتا تولستوي سەكراتقا چۈشۈپ قالغان پەيتتە، پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئېرىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغاندا، سوفىيە ئۆزىنىڭ كەينىدە بىر توپ مۇخبىرلارنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ- دة، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ «تولستوينىڭ رەپىقىسى» نىڭ ھېلىھەم ئېرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغانلىقىنى جامائەتكە كۆرسىتىپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ شۆھرەتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار بىرگە ياشىغان ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ...

     

    «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىدىكى بەش ئائىلە ۋە «ئاننا كارېنىنا» رومانىدىكى ئىككى ئائىلە دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ ھېچقايسىسى، تولستوي دۇچ كەلگەن بۇ مۇھەببەت پاجىئەسى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمىسە كېرەك. بۇ ئىككى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلارنىڭ مۇھەببەت- نەپرىتى ھەمدە يا ئايرىلىپ كېتەلمەي، يا ئىناق ئۆتەلمەي، بىر ئۆمۈر ئازاب تارتىشىدەك مۇھەببەت ھېكايىسى، خۇددى ئۇزاق يىللار پارتلاپ چىقالمىغان ماگما ئېقىمىدەك ئۇلارنىڭ نازۇك يۈرىكىنى پۇچىلىغان نىكاھ سەرگۈزەشتىسى بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ. بىراق، خۇددى تولستوينىڭ چوڭ قىزى تانىيە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئېيتقاندەك: «بۇ دېگەن ئىككى ئىنساننىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ھەققىدىكى ھەسرەتلىك ھېكايە بولۇپ، زادى ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى كىممۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟»

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    ‹1› لى مىڭبىن (李明滨): «رۇس ئەدەبىياتى ۋە تولستوي»، خەنزۇچە «جۇڭگو تورى» نىڭ 2003- يىلى 11- سېنتەبىردىكى ئەدەبىيات بېتى.
    ‹2› «مەشھۇر چەت ئەل يازغۇچىلىرى (4)»، ئۇيغۇرچە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىل 4- ئاي 1- نەشرى، 1984- يىل 8- ئاي 1- بېسىلىشى، 385- بەت.
    ‹3› لىڭ فېڭ (凌枫): «تالانت ئىگىسىنىڭ مۇھەببەت- نەپرىتى»، خەنزۇچە «كىتابلارغا باھا» تورىنىڭ 2006- يىلى 14- فېۋرال ئەدەبىيات بېتى.
    ‹4› ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تولستوي دۇنيا قارىشىنىڭ قاتلىمى»، ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1993- يىل 4- سان، 192- بېتى.
    ‹5› مارتېنې شېننېت: «تولستوي بىلەن سوفىيەنىڭ مۇھەببىتى ۋە تۇرمۇشى»، ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1991- يىل 1- سان، 196- بېتى.
    ‹6› « Google » ئىزدەش تور بېتىدىكى تولستويغا مۇناسىۋەتلىك رۇسچە ۋە ئىنگلىزچە ماتېرىياللار (كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي ناملىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەر ناملىرى قاتارلىقلار).

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تولستوي