شوپىنخاۋىر ھىكمەتلىرى

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 22:20:50

شوپىنخاۋىر ھىكمەتلىرىياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى ماختاشقا خۇمار، ئەيىبلەشتىن بىزار بولۇش ئادەم تەبىئىتىنىڭ ئاجايىپ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزگىلەرنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان كۆزقارىشىغا ھەددىدىن زىيادە ...

    شوپىنخاۋىر ھىكمەتلىرى
    ياسىن  ھاۋازى تەرجىمىسى

     

    ماختاشقا خۇمار، ئەيىبلەشتىن بىزار بولۇش

        ئادەم تەبىئىتىنىڭ ئاجايىپ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزگىلەرنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان كۆزقارىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئازراقلا ئويلىنىپ باقىدىغانلا بولساق، باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنىڭ ئۆزىمىز ئېرىشىدىغان بەختىمىزگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭا مەن ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشلىرىگە تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي كېتىمەن. ناۋادا سەن بىر مۈشۈكنى ئۇرۇپ قويساڭ، ئۇنىڭ تۈكلىرى تىكلىشىپ كېتىدۇ؛ بىرەر ئادەمنى ماختاپ قويساڭ، ئۇنىڭ چىرايىدا دەرھال  خۇشاللىق كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ ھەمدە سېنىڭ ماختىغىنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان تەرەپ بولسا، ئاشۇ ماختاشلىرىڭ روشەن ھالدىكى يالغان گەپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قىن - قىنىغا پاتماي ئالقىشلاپ كېتىدۇ.
       بىرەرسى ئۇنى ماختاپ قويىدىغانلا بولسا، بېشىغا قارا بالا يېغىپ تۇرسىمۇ، بەخت دېگەندىن ئۈمىدى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا پىسەنت قىلماي بىپەرۋالىق بىلەن يۈرۈۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىرەرسىنىڭ ھېسسىياتى ۋە غۇرۇرى تەبىئەتنىڭ، مەرتىۋىنىڭ ياكى يامان مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە يولۇقۇپ قالسا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىسەرەمجان بولۇشى ھەتتا كارامەت ئازابلىنىشى تۇرغانلا گەپ.
       ئەگەر شان - شەرەپ تۇيغۇسى مۇشۇنداق «ماختاشقا خۇمار، ئەيىبلەشتىن بىزار بولۇش» تەبىئىتى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان بولسا، شان - شەرەپ تۇيغۇسى ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋامنىڭ پاراۋانلىقىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئەپسۇسكى، شان - شەرەپ تۇيغۇسى كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مۇستەقىللىق قاتارلىق بەخت ئامىللىرى ئاساسىدا پەيدا بولغان تەسىرىنىڭ زىيىنى باركى، پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا بەخت كۆزقارىشىدىن قارىغاندا بۇنداق ئاجىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشىنى چەكلەش كېرەك، بەزى مەنپەئەتلەرنىڭ نىسپىي قىممىتىنى ئۆزىمىز مۇۋاپىق ۋە توغرا ھالدا ئويلىنىشىمىزغا ۋە ئۆلچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزگىلەر پىكرىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدە تەسىرلىنىش تۇيغۇسىنى سەل كېمەيتىشىمىز كېرەك؛ مەيلى ئۇ پىكىرلەرنىڭ خۇشامەت قىلىش - قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا ئازابقا ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بويىچە ئىش كۆرمىسە، باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى قۇل بولۇپ قالىدۇ  ماختاشقا خۇمار بولۇپلا يۈرىدىغان ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشمۇ ۋە كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بېرىشمۇ ئىنتايىن ئاسانغا چۈشىدۇ.

                  كۈنلەر

        ياشلارنىڭ نەزىرىدە تۇرمۇش باش - ئايىغى يوق يىراق كەلگۈسى ھېسابلىنىدۇ؛ ياشانغانلارنىڭ نەزىرىدە بولسا تۇرمۇش گويا ئىنتايىن قىسقا بىر ئۆتمۈش ھېسابلىنىدۇ. بىر ئادەم  ياشانغاندا ئاندىن تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ. بىزنىڭ ياشلىق دەۋرىمىزدە ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتىدۇ. شۇڭا ھاياتىمىزنىڭ تۇنجى چارەك باسقۇچى ئەڭ بەختلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ ئەڭ يىراقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاجايىپ كۆپ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. ناۋادا بىز كىشىلەردىن ئۆتمۈشنى ئەسلەشنى تەلەپ قىلساق، ئۇ چاغدا ھەرقانداق ئادەم بايان قىلالايدىغان ئاشۇ باسقۇچتا يۈز بەرگەن نەرسە كېيىنكى ئىككى باسقۇچتىكىنىڭ ھەرقاندىقىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى تۇرمۇش دەل پەيتىدىكى باھار پەسلىگە ئوخشايدۇ. 
    كىچىك - ياش مەزگىلىدە بىزنىڭ بىر پۈتۈن مۇكەممەل ئېڭىمىز بولىدۇ، قېرىغان چاغدا ئەمەلىيەتتە يېرىم ئېڭىمىزلا قالىدۇ. بىز قېرىغانسېرى ئېڭىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئازايتقان ھالەتتە ياشايمىز. شەيئىلەر كۆز ئالدىمىزدىن غىل - پال ئۆتۈپ كېتىدۇيۇ، گويا بىرەر بەدىئىي ئەسەر مىڭ قېتىملاپ كۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئادەمدە ھېچقانداق تەسىرات پەيدا قىلالمىغانغا ئوخشاش ھېچقانداق تەسىرات پەيدا قىلالمايدۇ. بىز ئۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەي قالىمىز. بۇ پەيتتە تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بارغانسېرى ئاڭسىز ھالەتكە ئۆزگىرىپ بارىدۇ، جەمئىيەت ئاڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغان ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ سىلجىغاندا، بۇ جەريان بارغانسېرى تېزلىشىدۇ. ۋاقىت ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوبيېكتنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەت تۈپەيلىدىن، ئەقىل - پاراسەت ئۆزگىرىپ ئاجايىپ ھالسىراپ، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ھاسىل قىلغان ئۈنۈمى بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ ۋاقىتتىكى كۈنلەر بارغانسېرى مەنىسىز  بىمەنە بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى قىسقا بولۇپ كېتىدىكەن. بالىنىڭ بىر سائىتى قېرىغان ئادەمنىڭ پۈتۈن بىر كۈنىدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشانغان ئادەمنىڭ ۋاقتى پەسكە دومىلاپ كېتىۋاتقان يۇمىلاق توپقا ئوخشاش بولۇپ، بارغانسېرى چاپسان ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.