ھېلىن كىللېر-مەڭگۈ ئۆچمەس چىراق

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:06:11

مەڭگۈ ئۆچمەس چىراق ھايات ئازابمۇ ئەمەس، بەختمۇ ئەمەس، ھايات رەسىم سىزىدىغان بىر پارچە ئاپئاق قەغەز ، ئۇنىڭغا نېمە سىزسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئازابىڭىزنى سىزسىڭىزمۇ، بەختىڭىزنى سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، ...

    مەڭگۈ ئۆچمەس چىراق


      ھايات ئازابمۇ ئەمەس، بەختمۇ ئەمەس، ھايات رەسىم سىزىدىغان بىر پارچە ئاپئاق قەغەز ، ئۇنىڭغا نېمە سىزسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئازابىڭىزنى سىزسىڭىزمۇ، بەختىڭىزنى سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، نېمە سىزىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز.
       تۇغما ئەما بولغىنىغا قارىماي دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان تالانتلىق يازغۇچى ھېلېن ھەربىر ئادەمنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ باراۋەرلىك جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە بەل باغلىغانىدى. ئۆزىنى مېيىپلەردىن ئۈستۈن قويۇۋالىدىغان پوزىيسىيىدىكىلەرنى ئىنتايىن يامان كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئازاب ئىچىدە ئۆتۈشى ناتايىن  دەپ قارايتتى. دېمىسىمۇ «كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەر ۋاقىتلىق بولىدۇ، كۆرگىلى بولمايدىغان شەيئىلەرلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ. چۈنكى، قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى دەرەخ يىلتىزىمۇ دەرەخ شېخىدىكى يوپۇرماقلارغا ئوىشاش بەھرىلىنەلەيدۇ». شۇڭا، خېلېن، ئادەم مېيىپ بولسىمۇ، نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ياشىغىلى،خىزمەت قىلغىلى، بەلكى ھاياتلىقتا بەختلىك ئىز قالدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى.
     سىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلا بولسىڭىز، تۇرمۇشتا گۈزەللىكنى تاپالايسىز. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، كۈن بويى ئاغرىنىش ـ زارلىنىش بىەلن ئۆتىسىز. سىز ئىگە بولغان ھەم ئىگە بولماقچى بولغان گۈزەل نەرسىلەر يېنىڭىزدىن جىم ـ جىملا غايىپ بولۇپ كېتىدۇ، سىز ھەرقانچە قاۋۇل، زېرەك بولسىڭىزمۇ، بەرىبىر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۇرمۇشتا كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار كزلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ھامان ئانچە قەدىرلىمەيدۇ. «ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىنى تۇتۇق كۆرىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ، بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ ھەم كۆڭۈلمۇ بۆلمەيدۇ». بىر قېتىم خېلېن ئورمانلىقنى ئايلىنىپ يېڭىلا قايتىپ كەلگەن بىر دوستىدىن: «نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟» دەپ سورايدۇ، دوستى:«ئالاھىدە بىرەر نەرسىنى كۆرمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭدىن خېلېن ئىنتايىن ھەيران بولىدۇ. بىراق، بۇنداق جاۋابلارنى كۆپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاشتىن ئىبارەت بۇ بەختلىك سەزگۈ ئىقتىدارىنى زادىلا قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى، «كۆزىنىڭ ھېچ نەرسىنى كۆرمەيدىغانلىقى»نى بىلدى.
      خېلېننىڭ ھەر كۈنكى تۇرمۇشى ئەركىن ـ ئازادىلىك، جۇشقۇن ـ كۆتۈرەڭگۈ روھ ئىچىدە ئۆتەتتى، ئۇنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ تۇرمۇشتا بايقىغان ۋە ئىنسانلارغا يارىتىپ بەرگەن گۈزەللىك فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى.
       خېلېن سىرتقا سەيلىگە چىققاندا كۆپىنىچە ھاللاردا ئۇششاق چاتقاللىقلارنىڭ ھىدىغا مەپتۇن بولۇپ بىردىنلا توختاپ قالاتتى. ئۇ قولىنى سۇنۇپ بۇ يوپۇرماقلارنى ئاستا سىلايتتى، بۇ ھاياتلىق دۇنياسى  ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىدى. ئۇنىڭ  بۇ دۇنيادا بولغان تەسىراتى ۋە مۇھەببىتى بىزنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشەتتى! ئۇ بۇ يوپۇرماقلارنى سىلىغان، گۈللەرنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندا، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاندا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىلىنەتتى ھەمدە بۇنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلايتتى. شۇنىسى ئۇ ھەم يېشىل يوپۇرماقلارنى، قىزىل ئەتىرگۈللەرنى كۆرەلمەيتتى، ھەم بۇلبۇلنىڭ خۇش ناۋاسىنى، بۇلاق سۈيىنىڭ بۇلدۇقلىسىنى ئاڭلىيالمايتتى. لېكىن ئۇ تەبىئەتكە بولغان مۇھەببىتى، ئۆتكۈر سەزگۈسى ئارقىلىق، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن يېتەرلىك بەھىلىنەلەيتتى، شۇڭا ھەر قېتىم سەيلە قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال بولسىمۇ ئورمانلىقنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرمەيدىغان، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قىلچە خەۋەرسىز، بەخرىمان يۈرىدىغان دوستىغا ئوخشاش ھېچ نەرسىنى كۆرمىدىم دەپ جاۋاپ بەرمەستىن. ھېس قىلغانلىرىنى توغرا ھەم جانلىق تەسۋىرلەپ بېرەتتى.
       خېلېننىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان مەشھۇر ئەسىرى «ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بولغىنىدا» دا ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئىنتىلىشى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ ئۈچ كۈننى تولۇق ئوتۇنلاشتۇرغان، بىرىنچى كۈننى دوستلىرىغا، جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرگە بەرگەن؛ ئىككىنچى كۈنى ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت تارىخىنىڭ قىياپىتىنى كۆرگەن؛ ئۈچۈنچى كۈنى رېئال دۇنيادا نورمال بىر كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ ئەسىرىدە بىر ئەما بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە كۆزى نورمال كۆرىدىغان كىشىلەرگە مۇنداق بىر بىشارەت بەرگەن: «ئەگەر سىز ئەتە ئەما بولۇپ قېلىسىڭىز مۈمكىنلىكىنى ئويلىسىڭىز، كۆزىڭىزدىن ئوبدانراق پايدىلىنىۋېلىڭ؛ ئەتە گاس بولۇپ قېلىسىڭىز مۈمكىنلىكىنى ئويلىسىڭىز، ئاۋازلارنى، قۇشلارنىڭ خۇش ناۋالىرىنى، ئوركېستىرلارنىڭ لەرزان مېلودىيىلىرىنى ئاڭلىۋېلىڭ. ئەگەر ئەتە تېگىش سەزگۈ نېرۋىلىرىڭىز رولىنى يوقىتىدىغانلىقى ئويلىسىڭىز، تېگىش سەزگۈلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇچراشقان ھەممە نەرسىنى ئوبدانراق سىلىۋېلىڭ. ئەگەر ئەتە سىز ھېچ نەرسىنى پۇرىيالماس ۋە تېتىيالماس بولۇپ قالسىڭىز، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى قانغۇچە پۇرىۋېلىڭ، ھەربىر چىشلەم يېمەكلىكنىڭ تەمىنى مەززە قىلىپ تېتىۋېلىڭ، ھەربىر سەزگۈ ئەزايىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، تەبىئەت دۇنياسى تۈرلۈك ئۈچرىشىش يوللىرى ئارقىلىق سىزگە ئاتا قىغلان خىلمۇ خىل شادلىق ۋە گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىۋېلىڭ ۋە پەخىرلىنىۋېلىڭ.»
       ئىنسانلار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تارىخ ئېقىنىدا ئېقىپ ئۆتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، جىم ـ جىملا تارىخ ئېقىنلىرىنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بىر چىراغ بولۇپ، تارىخ ئېقىنىدا كېتىۋاتقانلارنىڭ يولىنى تورۇتۇپ بېرىدۇ. خېلېن مەيلى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بولسۇن بىر چىراغ بولدى ھەم بولۇپ كەلمەكتە.
       خېلېن ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، يەنە ئالدىراش ئىدى. ئۇ ياش ئادەمگە باقمايدىغانلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ناھايىتى قىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئەمما ئۇ قىلىدىغان ئىشلار يەنە ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى، ئۇ ئاشۇ چىراغ ئارقىلىق ئىمكانقەدەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يوروتۇشى كېرەك. شۇڭا، خېلېنغا ئوخشاش ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە ياشلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ خاتىرجەم ئۆتكۈزسىمۇ، ئەمما خېلېن بىەلن پوللېي يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى سورۇنلىرىدا ئالدىراش ئۆتكۈزدى. نۇتقىنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك، ئەسەرلىرىنىڭ  تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن، خېلېن ئۆگىنىشنى تېخىچە توختاتمىغانىدى.ئۇنىڭ قىرائەتخانىسىنىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك براي ئەمالار يېزىقىدىكى كىتابلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى كىتابتىكى ئېگىز ـ پەس توچكىلارنى بويلاپ قانچىلىك يوللارنى باسقانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىسە كېرەك، ئاخىرى بارمىقىنى لاتا بىلەن ئورىۋېلىپ كىتاب ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق قىلغاندا، داۋاملىق كىتاب ئوقۇغىلى، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى، نۇتۇق سۆزلىگىلى، ھەر كۈندىكى كۈنتەرتىپىنى تولۇق ئوتۇنلاشتۇرغىلى بولاتتى. چۈنكى، خېلېن ئەما بولغاچقا، كېچە بىلەن كۈندۈز ئۇنىڭغا ھېچقانداق پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. شۇڭا، خېلېن بەزىدە كۈندۈزىمۇ، كېچىسىمۇ ئىشلاپ كېتەتتى. پوللىينىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندىمۇ خېلېن «خىزمەت مەستانىسى» بولاي دەپ قالغانىدى.
       بىراق، خېلېن شۇنى بىلەتتىكى، ئۇ ھاياتلا بولىدىكەن، ئاشۇ چىراغنى تىرىشىپ نۇر چاقنىتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن قېرىشىمنى كېچىكتۈرەلمەيمەن،  شۇنداقتىمۇ قىلىدىغان يەنە شۇنچىۋالا نۇرغۇن خىزمەت تۇرۇپتۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەما، گاس بالىلار يادەم ۋە تەربىيىگە موھتاج بولۇپ تۇرۇپتۇ. تىنىغىملا بولىدىكەن، ئەما، گاسلارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن.»
       ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى، خېلېننىڭ ئىش ـ پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خېلېننىڭ تۆھپىسى بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، گۈلدەستە ۋە ئالقىش ئۇنى پۈركىۋەتتى، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەيتلەيدىغان، ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان بولدى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپ خىلمۇخىل پەخرىي نام، مەنسەپ ـ تاجىلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى...
       1955 ـ يىلى ئىيۇندا خېلېن ئانا مەكتىپى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي ئىلمىي ئۇنۋانىغا شەرەپ بىلەن ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خارۋارد تارىخىدا بۇ شەرەپكە تۈنجى ئېرىشكەن ئايال بولۇپ قالدى.
       1956 ـ يىلى 15 ـ نويابىر كۈنى ئامېرىكا موزېل ئۆلكىسىدىكى بوستون بېركنس ئەما بالىلار مەكتىپىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئۈستىگە بۇ بىر جۈپ ئۇستاز ـ شاگىرتنى مەڭگۈ خاتىرلەش ئۈچۈن «خېلېن كېللېر ۋە ئاننې سۇللىۋان ماتىسىنى خاتىرىلەيمىز»دېگەن خەت يېزىلغان بېغىلىما ئېسىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خېلېن بىەلن ئاننې ئەڭ دەسلەپ ئىش باشلىغان بېركنس ئەما بالىلار مەكتىپىنىڭ ئىشىكىگىلا ئېسىلغان بېغىشلىما بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا گەۋدىلىك تۆھپە يازغان كىشىلەر ئۈچۈن، دۇنيا گۇمانىتار سارىيىغا ئېسىلغان بېغىلىمىدۇر. خېلېن بىلەن ئاننې مۆجىزە ئىلاھىنىڭ ئىككى قانىتىدۇر.
       1959 ـ يىلى مايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەختسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەما، گاس بالىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خېلېننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان « خېلېن كېللېر»ھەرىكىتىنى قوزغىدى. خېلېن بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى، شۈنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان، خېلېننىڭ ھاردىم ـ تالدىم دېمەي تاغمۇتاش ئېشىپ، دەريا ـ ئوكيان كېزىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ نوتۇق سۆزلىشى مۇشۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنىڭ تىنچلىققا تەشنا يۈتىكىنى ئازدۇر ـ كۆپتۈر ئۈمىدسىز قالدۇرغانىدى. مانا ئەمدىلىكتە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كىشىلەر بەختسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەما، گاس بالىلار ئۈچۈن ئورتاق ئىشلايدىغان بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ تەنھا قەھرىماندەك ئۆزىلا كۈرەش قىلاميدىغان بولدى. ئۇ مېھىر ـ مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان بالىلار ئاخىر پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشتى، ئۇ بۇنڭىدىن قانداقمۇ ھاياجانلانمىسۇن،  شادلانمىسۇن؟ بۇ كۈنى خېلېن پوللىينى مەھكەم قۇچاقلىدى، بۇ ئىككى موماينىڭ كۆزلىرىدىن شادلىق ياشلىرى تاراملىدى، ئۇلار ئاخىر ئەجرىگە تۇشلۇق جاۋابقا ئېرىشتى.
       1960 ـ يىلى 27 ـ ئىيۇن ئامېرىكا خەلقئارا ئەمالار فوندى جەمئىيىتى ] خەلقئارا كېللېر مۇكاپاتى» تارقىتىشنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەمالار ئىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەر ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئەما، گاس ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى ئىدى. بۇ كۈنى خېلېننىڭ 80 ياشقا كىرگەن كۈنى بولغاچقا، ئۆيىگە ئۇنى مۇبارەكلەپ تېلېفونلار كېلىپ تۇردى. 75 ياشقا كىرىپ قالغان پوللىي يايپېتەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ياردىمى بولغاچقىلا، خېلېن جەمئىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتاتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، خېلېنغا ئاز كەم 50 يىل ھەمراھ بولغان كاتىپى ۋە دوستى خېلېندىن جىم ـ جىملا ئايرىلىپ كېتىپ قالدى.
       1961 ـ يىلى ئاپرېلدا «دۇنياۋى مەشھۇر كىشىلەر قۇرۇلتىيى» ۋاشىنگتوندا زور كۆلەملىك. رايون خاراكتېرلىك يىغىن چاقىردى، يىغىنغا خېلېن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە شۇ يىللىق ئىنسانپەرۋەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. شۇ چاغدا ئىېلېن بۇ تەشكىلاتتىكى بىردىنبىر ئايال پەخرىي ئەزا ئىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلدى، بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئەما، گاسلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇھىم شەخسلەردىن ياردەم تەلەپ قىدلى. ئۇ ئۆزىنىڭ بوشاشامي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، جەمىئىيەتتە نورمال كىشىلەر بىەلن بىللە ئوخشاش بىر زېمىندا ياشاۋاتقان بەختسىز كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
       شۇ يىلى جون. ف. كېننېدى خېلېننى ئاقسارايغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىدلى.
       ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئاقسارايدىكى ھەربىر زۇڭتۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئىش ئەمەس ئىدى. خېلېن ئاقسارايغا بېرىشتىن ئىلگىرى بىر توپ مۇخبىر ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىدا ئۇنى زىيارەت قىلدى. بىر مۇخبىر، قانچە زۇڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشتىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، خېلېن يۇمۇرلۇق قىلىپ: بۇنى ستاتىستىكا قىلىپ باقماپتىكەنمەن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
       1964 ـ يىلى خېلېنغا يەنە شۇ يىللىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى»بېرىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولۇپ، ھەر قېرىم بۇنى زۇڭتۇڭ كزى بېرەتتى، بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ شۇ كەمگىچە جەمىئىي 30 ئادەمگىلا بېرىلگەنىدى. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر يەنە ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پۇقراسى دەپ ئاتىلاتتى...
       خېلېن كېللېر بىر ئاددىي ئىسىم، لېكىن بۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسىنىڭ ھاياتى پەۋقۇئاددە ھايات، بۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسى ئەما، گاس تۇرۇقلۇق دۇنياۋى مۆجىزە ياراتتى؛ ئۇ زېمىستان قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ،  ئىلىم ـ مەرىپەت خەزىنىسىگە يۈرۈش قىلدى، ھەرقايسى جايلار ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئەمالار مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئىئانە تۈپلىدى. ئۆمرىنى ئەمالارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھەرقايسى ئەللەر جامائەتچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. شان ـ شەرەپ ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە ھەمراھ بولدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆتكۈر تەپەككۇرى، باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ئەقىل پاراسىتى، ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەتلىك تۈرىكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى قايلىرىنى ئارىلاپ چىققان بەستلىك گەۋدىسىدىن ئۇنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىزمىز.« ھېسداشلىق»ئۇنىڭغا قىلىنغان بىر خىل بىھۆرمەتلىك!
       بىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەزىلچىسى پېتىر.ف.دۇن بىەلن ماكر تۋېن خېلېننىڭ ئىككىلا كۆزى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالىدۇ، دۇن:
       ـ توۋا، تۇرمۇش ئۇنىڭىغا نىسبەتەن نېمىدېگەن مەنىسىز ـ ھە، كۈنلىرى ئوخشاشلا ئۆتىدۇ، ئاخشىمىمۇ، كۈندۈزىمۇ ئوخشاش! ـ دېدى.
       سىز خاتالاشقاندىمۇ ئۇنداق ـ بۇنداق خاتالاشمىدىڭىز، ـ دېدى مارك تۋېن رەددىيە بېرىپ، ـ مەن سىزگە دەپ قوياي، كۆزى كۆرمەسلىك ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىش. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، قاپقاراڭغۇ كېچىدە ئۆيىڭىزگە ئۆت كەتسە، ئىچىڭىزگە ئوت كىرىۋالغاندەك بولۇپ كېتىسىز. كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشىكنى تاپالمىغىنىڭىزدە قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ.
       شۇنداق، خېلېن قاراڭغۇلۇقتا ئۆزى ئۈچۈن ھەم بارلىق ئەما، گاسلار ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىسىسق ـ سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بەختكە، قانائەتكە ئېرىشتى.
       شۇنداق قىلىپ، 1986 ـ يىلى 1 ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 35مىنۇت ئۆتكەندە، 88ئۆچمەس يىلنى بېسىپ ئۆتكەن خېلېن كېللېر ـ پۈتۈن دۇنيادىكى مېيىپلەرگە غەيرەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغان پەرىشتە، ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكوت شاتاتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
    5 ـ ئىيۇن كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى قايغۇلۇق مەرسىيە ساداسى ئىچىدە، چېركاۋ يېنىدىكى يەرلىككە ـ ئۇنىڭ قەدىرلىك ئوقۇتقۇچىسى، تۇرمۇشتىكى يول باشلىغۇچىسى ـ ئاننې سۇلللىۋاننىڭ جەسەت كۈلىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
       ئىككى روھ قايتا ئۇچراشتى، ئۇلار ئىنسانىيەت ھاياتلىق ئېقىنىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ يۆنىلىشىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، بىر چىراغ بولۇپ قوشۇلدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھېلېىن كىللېر خېلىن