ئەدەبىيات مەنىۋى بايلىقنىڭ مەنبەسى(چىڭغىز ئايتماتوۋ)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-05 15:35:11

ئەدەبىيات مەنىۋى بايلىقنىڭ مەنبەسى(يازغۇچىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن)چىڭغىز ئايتماتوۋ(توختىبەگ قۇرمانتاي تەييارلىغان) * *ئەدەبىيات فۇنكسىيىسى ئۆزگىرىشى ئېھتىمال، شۇنداقلا ئۆزگى...

    ئەدەبىيات مەنىۋى بايلىقنىڭ مەنبەسى
    (يازغۇچىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن)
    چىڭغىز ئايتماتوۋ
    (توختىبەگ قۇرمانتاي تەييارلىغان)


    *          *
    ئەدەبىيات فۇنكسىيىسى ئۆزگىرىشى ئېھتىمال، شۇنداقلا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاساسى تامامەن ئۆزگەرمەيدۇ.
    *          *
    ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئاساسىي مەسلىسى−پلانېتىدا ئەنئەنىۋى كىلىماتنىڭ ياخشىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇش، بۇ بۈگۈنكى كۈندە بىزنى ئوراپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىتنى پاكىز ساقلاش ھەققىدىكى مەسىلىلەردەكلا مۇھىم، ئۇنىڭسىز يەر يۈزىدە نورمال، ھەقىقىي پاك تۇرمۇشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
    *          *
    ئەدەبىي تەنقىد ئىجادىيەتنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېڭىلىقنىڭ شەكىللىرىنى ئېنىقلايدۇ. ئەدەبىي تەنقىد−ئەدەبىي جەرياننىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ باشقا ژانىردىن ھېچقانداق تۆۋەن ئەمەس. ھەقىقىي ئەدەبىي تەنقىدنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەھلىل قىلىشلىرى بولمىسا، بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىز دەسلەپكى سەۋىيىمىزدىن يۇقىرى ئۆرلىمەي قالغان بولىمىز.
    *          *
    ھازىرقى ياش يازغۇچىلار يەرلىك مەزمۇندىكى دەسمايە سېلىنغان بوغچىنى ئېسىۋېلىپ، ئەدەبىي سەپەرگە ئاتلىنىشقا تېگىشلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ دەۋر يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئەنە شۇ دەسمايىنى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەپچىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا زور مەزمۇن سىڭدۈرۈپ، ئۇنى زور بايلىق سۈپىتىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
    *          *
    ئادەم روھىنىڭ كۈچى نېمىدىن بارلىققا كېلىدۇ؟ يولۇققان مۇرەككەپ توسالغۇلارنى ئۇ قانداق يېڭىدۇ؟ ئادەمنىڭ ئادەم بولۇشىغا ۋە ھاياتنىڭ ئاخىرىدا: «مەن ياشىدىم، مەن بۇ تارىخنى چۈشەندىم» دەپ ئېيتىشىغا نېمىلەر ھوقۇق بېرىدۇ؟ قانداقلا تېماتىكىلىق ماتېرىيالغا ئاساسلانسۇن، تۇرمۇشنى بەدىئىي ئۆزلەشتۈرۈشتىكى زۆرۈر مەسىلىلەر مانا مۇشۇلار.
    *          *
    مەن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى پروزىدا پەلسەپىۋىلىكنىڭ سېلىشتۇرما ئۆلچىمى قولىدىن كېلىشىچە يۇقىرى بولۇشى لازىملىقىغا كۆپرەك قايىل بولۇۋاتىمەن. ئەگەر ئۇ تۆۋەن بولغان بولسا تېمىسىنىڭ ۋاقىتلىق مۇھىملىقى بىلەن كۆڭۈلنى ئازدۇرىدىغان ئەسەر ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى تېزلا يوقىتىپ قويۇشى تەبىئىي.
    *          *
    سەنئەتكارنىڭ قەلبى پۈتۈن روھىي ئادەمگە ۋە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئېسىل پەزىلەتلىك تەپەككۇرلارغا، ھەسرەتكە ۋە مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندىلا ئاندىن ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ.
    *          *
    سۆزنىڭ كۈچىگە ئىشەنمىسەم، مەن نېمىشقا يازىمەن؟ بىز يازغۇچىلار ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى پۈتۈن جان-دىلىمىز بىلەن مۇستەھكەملەپ، ھازىرقى ئادەمنىڭ−قەھرىماننىڭ روھىنى، ئەڭ تېز سۈرئەت ئۇچۇرلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئېچىپ بېرىشكە مەجبۇرمىز.
    *          *
    ئەگەر بىز ھەقىقىي رېئالىستلار ھەمدە گومېرنىڭ، شېكىسپىرنىڭ، تولستوينىڭ ھەقىقىي داۋاملاشتۇرغۇچىلىرى بولساق، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە−رېئالىزم مېتودلىرى ۋە ئۇنىڭ تولۇق جاكارلىنىشى(جاكارسى) ئالدىدا ئادەمدىكى ئادەمنى ئېچىش، بۇرۇن ھەرگىز بولۇپ باقمىغاندەك مۇرەككەپ دۇنيانىڭ ئوبرازىنى يارىتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
    *          *
    ...ھە، پوئېزىيە(شېئىرىيەت) دېگىنىمىز−ھەممە ھۇزۇرلىنىشنىڭ، ھەممە راھەتلىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
    *          *
    كىتاب−ئادەملەرنىڭ روھىي مۇناسىۋىتىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس جەۋھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئادەملەرنى ئۆز مەنبەسىگە كىرىشكە، روھىي دۇنياسىنىڭ خىسلەتلىك تۈگۈنلىرىگە يېتىشكە، ھازىرقى، ئۆتكەنكى ۋە كېلەچەكتىكى تۇرمۇش ئىقبالىغا يېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. كىتاب ئادەملەرنى ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلدۇرىدۇ.
    *          *
    بارلىق ئەدەبىياتلارنىڭ ئومۇمەن جان تومۇرى بىر دەپ ئويلايمەن. ھەممىمىزگە بىردەك سىڭىپ كەتكەن بىر تۇتاش سەنئەتكارلىق خىيال بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ياكى بۇ ئەدەبىيات مۇشۇنداق بىر تۇتاش سىستېمىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇ ئامالسىز دائىرىسىنى تارايتىپ، بۇرۇن يېڭىۋالغانلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
    *          *
    ئەگەر ئەسەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاق بىلەن قارىغا قارىتا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئېنىقلاپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئېستېتىك دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئۇنى ئىچكى قىسىمدىن قوزغاپ ئويغىتالمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ ئەسەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پايدىلىق، مەنىلىك نەرسىلەر ئېيتىلسۇن، قانداقلا تېمىلار، پروبلىمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلسۇن−ئۇ بەرىبىر ھەقىقىي سەنئەت ئەمەس.
    *          *
     بىزنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىنتايىن چوڭ كەمچىلىكىمىز−ئارىسالدىلىقنىڭ كۆپلۈكى، گۈرۈچكە ئارىلاشقان كۈمەكىنىڭ موللۇقى، مۇشۇنداق شارائىتتا بىزنىڭ چوڭ يېزىقچىلىق مۇھىتتا نۇقتىلىق سۆزلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە ئەمەس، كۆپرەك بولۇپ تۇرۇشى ئەۋزەل ئىدى. ھەقىقەتەن، مەركەزدە بولسۇن، باشقا جايلاردا بولسۇن، كۆپلىگەن ئۇچرىشىشلاردا، يىغىنلاردا، چوڭ-كىچىك ھەممە ئەدەبىي فورۇملاردا(يىغىن مەيدانلىرى) بەدىئىي ماھارىتىنىڭ پروبلىمىلىرى ھەققىدە ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتىلا ئېيتىلىپ قالىدۇ.
    *          *
    بىز ئەدەبىياتتىكى نوۋېللىستىكا(قىسقا ھېكايە، چۆچەك يېزىشقا)غا ئازراق ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدۇق، ژانىرنىڭ تەقدىرى نېمىشقىدۇر بىزنى بىرئاز قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ياكى بۇ ھېكايىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك رېداكسىيىلەرنىڭ بىرىگە تەكلىپ بېرىپ سورىغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋابقا ئىگە بولغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ: «زادى سىز نېمىنى ياقتۇرىسىز؟ ھېكايە دېگەن−ھېكايە-دە. ئۇنىڭغا قانچىلىك تەلەپ قويۇلماقچى ئىدى. ئاپتور بۈگۈنكى كۈننىڭ تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مۇۋاپىق كېلىپ قالغاچقا بىز ئۇنى ئېلان قىلىپ قويدۇق».
    قىسقىسى، بۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس. ئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك بەدىئىي سۈپىتىنىڭ بۇزۇلۇشى مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە نەرسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا يول قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ھېكايىنى ئازراقلا تىلغا ئىگە بولغان ماتېرىيال بىلەن ئىدىيىنى يارقىن قىلىپ ئىپادىلىگۈچى ژانىرنىڭ قانۇنىيەتلىرى، قائىدىلىرىنى ئەستە ساقلىماي، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي، پۈتۈنلەي شەكىلسىز، ئۈنۈمسىز، مەنىسىز ھېكايە قاتارلىقلارنى يېزىۋاتقان ئاپتورلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.
    *          *
    مەن سەنئەتتىكى تراگېدىيىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنىڭ ئاساسىي چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا ئۆز بىلىملىرىمىزنى، چۈشەنچىلىرىمىزنى ۋە تەجرىبىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭتاشا تەھلىل قىلىش يۈزىسىدىن پىكىر يۈرگۈزۈش ۋاقتى كەلدىغۇ دەپ ئويلايمەن. تراگېدىيە−چىنلىقنىڭ ئوبيېكتىپ كاتېگورىيىسى، ئۇنى ئەتىۋارلىماسلىق ياكى مەنسىتمەسلىك ياراشمايدۇ. تراگېدىيە بۇ بەخت-سائادەت، ئاڭ-سېزىم، ئىجادىيەت قاتارلىقلار ئادەم بىلەن مەڭگۈ بىللە بولغۇچى نەرسە. بۇ ئۇنىڭ ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ بىر قىسمىدۇر.
    *          *
    ئەدەبىيات بىلەن پەخىرلىنىش دېگەن−بۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئۇ ھەققىدە ئويلىنىش، خەلق نېمىلەرنى ئىشلەشكە تېگىشلىك ۋە نېمىلەرنى ئىشلىيەلەيدۇ. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھەققىدە ئويغا چۆكۈش دېگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ.
    *          *
    بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا سەنئەتكارنىڭ رولى يېڭى خاراكتېرغا، يېڭىچە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنىمۇ تەكىتلىشىمىز كېرەك.
    *          *
    ھەرقانداق زامانلاردا ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا دەۋرنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى قويۇشنى بىلگەن ئەدەبىيات ئىلغار ئەدەبىيات بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن.
    *          *
    قانداقلا مەقسەتلەردىن، قانداقلا سەۋەبلەردىن بولسۇن، تۇرمۇشنى ئۆز قىياپىتى، كۆپ خىللىقى، ھەممە جەھەتلىرى، ھەممە پەردازلىرى بىلەن كۆرەلمەسلىك، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى مەخسۇس چەكلىگەنلىك. بۇ−سەنئەتكارنىڭ ئەيىبى، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى.
    *          *
    ئىلغار رېئالىستىك ئەدەبىيات−كىتابخانلار ۋە تاماشىبىنلار ئاممىسىغا ئادەمنى ئۇنىڭ بارلىق مۇرەككەپلىكىدە، روھىي دۇنياسىنىڭ ھەممە جەھەتتىن كۆپ خىللىقىدا كۆرسىتىلىشى زۆرۈر.
    *          *
    يازغۇچى−ئۆز دەۋرنىڭ ئەينىكى. ئۆزىمىزدىن بۇرۇنقىلارنى ھۆرمەتلەش بىلەن، بىز ھەربىر دەۋر ئۆزىنىڭ ئېستېتىك تەلەپلىرىنى ئالدىغا قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز زۆرۈر. مەزگىلنىڭ روھىي مەزمۇنىنى ئادەمنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى سېزىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئىجادىيىتىڭنى، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ئىلگىرىلەشلەرنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن يېڭىچە باھا بېرىشلەر بىلەن ئۆلچەشكە يېتەرلىك دەرىجىدە مۇھىم بولىدۇ.
    *          *
    بۈگۈنكى كۈندە، مېنىڭچە، بىزنىڭ ھەر بىرىمىز تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە تەرەققىي تاپقان بولۇشىمىز ئۆزگىچە مۇھىم. ئەگەر 20-، 30-يىللاردىكى يازغۇچى ھەرقانداق سەنئەتكارغا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ئاساسىي بىلىملەرگە ھەر دائىملا ئىگە بولمىغان بولسا، ھازىرقى كۈندە، مېنىڭچە، ئۇنىڭ بىلىمى  بولۇپ باقمىغاندەك كۆپ خىل ئېستېتىك ۋە پەلسەپىۋىلىك جەھەتتىن ساۋاتلىق بولۇشى مەجبۇرىيەت، بۇ تالانتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى.
    *          *
    سۆز ماھارەت ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، قالغان پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى چەتكە قېقىۋېتىش توغرا، ھەربىر سەنئەتكار ئۆزىگە: تەقەززا بولغان يۈكسەك پەللىگە يەتتىمۇ ياكى يەتمىدىمۇ؟ دېگەن سوئالنى ئېنىق، بىۋاسىتە قويۇشى زۆرۈر.
    *          *
    تەنقىدچى يېڭى نەرسىدىن يەنە يېڭى نەرسىنى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا كونكرېت ياردەم بېرىشى كېرەك، مەجبۇرىي تەنقىدچىنى دالا كېزىپ، يەردىن باش كۆتۈرگەن ھەربىر گىياھنى سۇغارغۇچىغا ئوخشاتسا بولىدۇ، بىرىنىلا تۇتۇپ، بىرىنى تاشلاپ قويسا، ئۇ قۇرۇپ قېلىشى ئېھتىمال.
    *          *
    ئەدەبىياتنىڭ تۈپكى ئاساسى ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن خىيالدىن ئۇنىڭ شەكىللىرىمۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقماسلىقى لازىم. ئەكسىچە، ئادەم، جەمئىيەت، پۈتۈن يورۇق دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بىزنىڭ ئورنىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، چوڭقۇرلىشىشى، ئەدەبىياتنىڭ مۇقەررەر ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى، تەرەققىي قىلغاندىمۇ رېئالىستىك يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، رېئالىزم−چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ ھەممە شەكىللىرىنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ بەدىئىي تەپەككۇر قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى.
    *          *
    ... كىشىلەر بىر-بىرىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئېسىل پەزىلەتلىك ۋە قىممەتلىك ھالەتلەرنى كۆرۈپ بىلىشى، تەقەززالىق بىلەن سۆيۈشى ئۈچۈن، ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۆز بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. مەن مۇشۇنىڭدىن سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسىنى كۆرەلەيمەن. بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا مەڭگۈ بولىدىغان نەرسە دەپ ئويلايمەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئىككىلەنمەي ئىشىنىمەن. نېمىشقا دېگەندە، ئادەم بالىسى سەنئەتتىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئوي-مەقسەتلىرىگە ۋە يامانلىق، ئادالەتسىزلىك، ئىجتىمائىي ئەدەپ-ئەخلاق ئىدىيىلىرىگە ماس كەلمىگەنلىرىنى چەتكە قېقىشنى قوللايدۇ. بۇ كۆرۈشمىگۈچە، ۋەھىمە تارتىپ تەقەززا بولمىغۇچە ھەمدە ئۈمىد باغلاپ جۈرئەت قىلمىغۇچە يۈرۈشمەيدىغان، ئۆتمەيدىغان نەرسە. بۇنداق ھالەت قاچانلا بولسۇن مۇشۇنداق بولۇۋېرىدىغۇ. شۇڭا، سەنئەتنىڭ قاچانلا بولسا تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە يارقىنلىقى جەھەتتە ئادەمگە تەكىتلەپ ئېيتىپ تۇرۇشى لازىم.
    *          *
    يازغۇچىنىڭ بىر كۈنىنىڭ بىكارغا كەتكىنى−چوڭ يوقىتىش بولىدۇ، دېمەكتۇر.
    كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئەسەرنىڭ تۈگۈنى قانداق باشلىنىدۇ، ئەسەر قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ كۆپ سورايدۇ. ئۇنىڭ يولى كۆپ، ناھايىتى مۇرەككەپ.
    *          *
    سۆز قىلىش ئەركىنلىكى ئومۇمىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىشى كېرەك.
    *          *
    كۆپنى كۆرۈپ، كۆپ نەرسىنى بىلىش−تۇرمۇشقا پىشقان ئادەمنىڭ ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ياخشى شېئىرىدۇر.
    *          *
    مەزمۇنىنى چوڭقۇرلىتىپ، بەدىئىيلىك كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلىكى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە−ئۇنىڭ پەلسەپىۋىلىك تەپەككۇر قىلىشلىرى.
    *          *
    ھەردائىم پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلاش بىلەن ئىشلەش كېرەك، ھەربىر كىتاب بىلەن بىللە ئۆلۈش كېرەك ھەمدە يېڭى كىتاب ئۈچۈن قايتا تۇغۇلۇش كېرەك.
    *          *
    ئەدەبىيات، مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە بەلگىلىك دەرىجىدە پەلسەپىنىڭمۇ، تارىخنىڭمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە دىننىڭمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.
    *          *
    ئەركىنلىك−ناھايىتى چوڭ تارىخىي كاتېگورىيە. ئۇ بىرلا خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان تەۋەررۈك ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان تەۋەررۈك.
    *          *
    ئەقىل-پاراسەت بىلەن روھنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىل−بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان جەرياندۇر.
    *          *
    بەختكە قارشى، ئۆز خەلقىنىڭ ئىچىدىلا ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدىغان كۈچلەر يوق ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ساتقۇنلۇق قىلىدۇ. مەن بۇنى مىللىي ئىنكارچىلىق دەپ قارايمەن. بۇنداق ھادىسە مىللەتچىلىككە ئوخشاشلا ئەكسىيەتچىلىكتۇر.
    *          *
    ئىنساننىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئارمىنى، ئۈمىدى ئەتىلەرگە بېغىشلىنىدۇ. ئەتە يېڭى زامان باشلىنىدۇ. ئەتە مۇشۇ ئىشىمنى پۈتكۈزىمەن. ئەتە بۇيرۇسا ياخشىلىق بولىدۇ دەپ، دائىم ئەتىلەرگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمىز، نۆۋەتتىكى زاماننى ئانچە كۆزگە ئىلمايمىز، بۈگۈن كۆڭۈل-كۆكسىمىز ھەرقانچە پەرىشان بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەتىكى ياخشىلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيمىز.
    *          *
    ئەتىكى كۈننى ئۇنتۇغان خەلقنىڭ بۈگۈنى−گۇگۇم، كەلگۈسى−قاراڭغۇ تۈن.
    *          *
    مەنىۋى بايلىقىمىزنى تولۇقلايلى.
    *          *
    بىزنىڭ ھەربىر كۈنىمىزنىڭ ئىجادكارىمۇ، سوتىمۇ ئادەم ئۆزى بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
    *          *
    ئادەم ئۆز ئېھتىياجىغا بولغان يېڭى كۆز قارىشىنى ئۆزى توغرىلىشى كېرەك.
    *          *
    چىنلىقتىن كۆزۈڭنى قاچۇرما.
    *          *
    يالغۇز ياشىماي، جامائەت بىلەن بىللە بول.
    *          *
    ئۆزۈڭمۇ ياشا، ئۆزگىنىمۇ ياشاشقا يول قوي.
    *          *
    ۋاقىتنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرىمۇ، بېشىمۇ يوق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.