ئەسەر ۋە يېزىقچىلىق ھەققىدە(شوپىنخاۋېر)

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 12:49:06

ئەسەر ۋە يېزىقچىلىق ھەققىدەشوپېنخائوئېر[گېرمانىيە]ئوسمان ئىسمايىل تەرجىمىسىمۇھەرىردىن: ئارتۇر شوپېنخائوئېر(1788-1860) گېرىمانىيەلىك دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ، ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ئىزچىل تۈردە ئى...

     



      

    ئەسەر ۋە يېزىقچىلىق ھەققىدە

    شوپېنخائوئېر[گېرمانىيە]

    ئوسمان ئىسمايىل تەرجىمىسى

    مۇھەرىردىن: ئارتۇر شوپېنخائوئېر(1788-1860) گېرىمانىيەلىك دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ، ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ئىزچىل تۈردە ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. يېقىنقى زاماندىكى مۇتەپەككۇرلار ۋە ئەدىب، سەنئەتكارلار، جۈملىدىن نېتسىي، ۋاگىنىر، بورخىس، لاۋېرىنس، سارترى قاتارلىقلار شوپېنخائوئېرنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغان.

    شوپېنخائوئېر ئۇنۋېرسىتېتتا دەسلىپىدە مېدىتسىنا ئىلمىنى ئۆگەنكەن، كېيىن فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە باشقا پەنلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ بارا-بارا پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە قىزىقىپ، ئاخىرى پەلسەپە ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. پىلاتون ۋە كاتتىن ئىبارەت غەربنىڭ بۇ ئىككى داڭلىق پەيلاسوپى ھەم ھىندىستاننىڭ بۇددا پەلسەپەسى شوپېنخائوئېرنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

    شوپېنخائوئېر ھاياتىدا بىر تۈركۈم پەلسەپىۋى ماقالە ۋە چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ۋەكىللىكلىرىدىن « ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسى»، "تەبىئەتتىكى ئىرادە» ، «كۆرۈش سەزگۈسى ۋە رەڭ ھەققىدە» قاتارلىقلار بار.

    بىز تۆۋەندە بۇ پەيلاسوپنىڭ ئەسەر يېزىش ۋە ئوقۇش مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بۇ ئەدەبىي خاتىرىسىنى كىتابخانىلىرىمىز ۋە ئاپتورلىرىمىز ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.

    1

    بىز يازغۇچىلارنى ئاقار يۇلتۇز تىپىدىكىلەر، سەييارە يۇلتۇز تىپىدىكىلەر، تۇرغۇن يۇلتۇز تىپىدىكىلەر دەپ ئۈچ ئوبرازلىق تىپقا ئايرىيالايمىز. بىرىنجى خىلدىكىلەر، ئۆتكۈنچى ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «قاراڭلار» دەپ توۋلاپ بولغۇچە ئۇلار مەڭگۈلۈك غايىب بولۇپ بولغان بولىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى، سەييارىلەر بولۇپ ئۇلارنىڭ ھاياتى خېلى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى نىسبەتەن يېقىن. شۇڭا دائىم تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىنمۇ بەكرەك چاقنايدۇ. نادان كىشلەر ئۇلارنى «تۇرغۇن يۇلتۇز» ئىكەن دېگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېزلا بوشىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەقەت  باشقىلارنىڭ نۇرىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسىمۇ ئۆزلىرىگە سەپەرداش بولغان ھەمراھى (زامانداشلىرى) بىلەنلا چەكلىنىدۇ؛ پەقەت ئۈچىنچى خىلدىكىلەر بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغانلار بولۇپ، ئۇلار كۆكتە مۇقىم تۇرۇپ، ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچىدۇ. ئۇ ھەممە دەۋرگە ئوخشاشلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ كۆزىتىش نۇقتىمىز ئۆزگەرسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا كۆرۈش خاتالىقى مەۋجۇت ئەمەس. ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ئالدىنقى ئىككى خىلدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار مەلۇم بىر تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستېمىسىغا (دۆلەت-مىللەتكە) تەۋە بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل كائىناتقا تەۋە بولىدۇ. بىراق ئۇلار دەل شۇنداق ئېگىزدە بولغاچقا داۋاملىق نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن يەرشارىدىكى كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولالايدۇ.

    2

    ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يازغۇچىلار ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازىدىغانلار؛ ئىككىنچى خىلى يېزىش ئۈچۈن يازىدىغانلار. ئالدىنقىسى قەلبىدە مەلۇم بىر خىل ئىدىيە ۋە كەچۈرمىشىنى ئىپادىلەشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن يازىدۇ. كېيىنكىسى پۇل ئۈچۈن يازىدۇ، پۇلغا بولغان ئېھتىياج ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب. ئۇلار يېزىش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزىدۇ. سىلەر بۇ پاكىتلاردىن ئۇلارنى چۈشىنىۋالالايسىلەر.: ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشىنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتىپ ئىپادىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيۋى كۆز قارىشىنىڭ يېرىمى يالغان، يېرىمى راست، تۇتۇق، ئەپلەپ-سەپلەنگەن، تۇترۇقسىز. ئۇلار گۇڭگالىقنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا بېشىدىن ئۆتمىگەن كەچۈرمىشلەرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىقلىق تۇيغۇسىنىڭ كەم بولۇشىدىكى سەۋەب. سىز ناھايىتى تېزلا ئۇلارنىڭ پەقەت قەغەزنى تولدۇرۇش ئۈچۈنلا يازىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. ئەگەر سىز بۇنى سەزسىڭىز دەرھال بۇنداق كىتابىنى چۆرۈۋېتىڭ، چۈنكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت. قەلەم ھەققى ۋە نەشر ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل تۈزۈلمە ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىپادىلىمىسە بولمايدىغان نەرسىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازىدىغان يازغۇچىلار يېزىشقا ئەرزىيدىغان نەرسىنى يېزىپ چىقالايدۇ. يېزىقچىلىق پۇلغا نىسبەتەن بىر خىل قاغاش پىسخىكىسىغا ئوخشايدۇ. مەلۇم بىر يازغۇچى ئەگەر باشلىنىشتىلا قەلەم ھەققى ئۈچۈنلا يازسا، ئۇنىڭ يازغىنى ئىنتايىن ناچار نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. بارلىق ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر دەۋرگە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ دەۋردە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشنى زۆرۈر تاپقان، باشقا ھېچقانداق مەقسەتتە بولمىغان، ئېرىشكەن قەلەم ھەققىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان بولىدۇ. ئىسپان خەلقنىڭ مۇنداق بىر ماقالىسى بار: « شان –شەرەپ بىلەن پۇل بىر خالتىدا سىغىشالمايدۇ»، بۇ ماقال يۇقىرىقى پىكىرىمىزگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

    نۇرغۇن ناچار يازغۇچىلار، پۈتۈنلەي كىتابلارنىڭ چاكىنا تەلىپىنى، يەنى قوغۇشۇن ھەرپلەر بىلەن گېزىت-ژۇرناللارغا تېخى يېڭىلا بېسىپ چىقىرىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇش تەلىپىنى ئاساس قىلىپ يازىدۇ. بۇ خىل يازغۇچىلار – خەۋەر ۋە تەشۋىقات ۋارىقى يازىدىغان «ئاخبارات مۇخبىرلىرى»دۇر . بۇ نام ئىنتايىن مۇۋاپىق! «كۈنلۈك ئىشلەمچى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

    3

    بىز يەنە يازغۇچىلارنى مۇنداق ئۈچ خىلغا بۆلەلەيمىز: بىرىنچى خىل يازغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ ئازراقمۇ ئىدىيىسى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆز خاتىرىسىگە، ئەسلىمىسىگە، ھەتتا باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە تاينىپ يېزىقچىلىق قىلىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلدۇ؛ ئىككىنجى خىل يازغۇچىلار يېزىۋاتقان ۋاقتىدىلا ئىدىيەگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم ئىدىيەگە ئىگە بولۇشتىكى مەقسىتى يېزىقچىلىق قىلىش ئۈچۈندۇر؛ ئۈچىنچى خىل يازغۇچىلار يېزىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيەگە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىدە مەلۇم ئىدىيە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلار كەمدىن –كەم تېپىلىدۇ.

    يېزىشتىن بۇرۇن پۇختا ئىدىيىگە ئىگە بولغان يازغۇچىلار ئىچىدىمۇ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىلا مەركىزى ئىدىيە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى پەقەت مەلۇم كىتابلار بىلەن ، باشقىلار مەركىزى ئىدىيە ئارقلىق ئاللىقاچان ئىپادىلەپ بولغان ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلار پىكىز قىلماقچى بولسا، باشقىلار ئىجاد قىلغان ئىدىيىلەر ئۇلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىشى  كېرەك. شۇنداقلا بۇخىل ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ بىۋاستە ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈزلۈكسىز بۇ خىل ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مەڭگۈ ھەقىقىي ئىجادىي نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. بىراق يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئاز سانلىق كىشلەرنىڭ ئىدىيىسى مەركىزى ئىدىيىدىن پەيدا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىۋاستە ھالدا ئۆز مەركىزى ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. پەقەت مۇشۇنداق كىشلەر ئىچىدىنلا ئۇزاققىچە ئۆچمەيدىغان يازغۇچىلارنى تاپقىلى بولىدۇ.

    پەقەت ئۆز مېڭىسىدىن ماتېرىيال ئالىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.

    4

    بۇ ئىدىيىلەرنىڭ قىممىتى بىر جەھەتتىن شۇ ئىدىيىلەرنىڭ سۈپتىگە، يەنى يازغۇچى تەپەككۇر قىلۋاتقىنىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىگە باغلىق بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئىدىيىلەرنىڭ شەكلىگە، يەنى يازغۇچىنىڭ بۇ ئىدىيىلەرنى قانداق شەكىلدە تەپەككۇر قىلغانلىقىغا باغلىق.

    ئىدىيىنىڭ مەزمۇن تۈرلىرى خۇددى ئۇنىڭ ئەسەرگە بېرىدىغان پايدىسىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن كۆپ. بارلىق تەجىرىبە ماتېرىياللىرى، بارلىق ئەسلى مەنىدىكى ۋە ئەڭ مەنىدىكى تارىخي ياكى فىزىكىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىدىيىۋى مەزمۇن دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەسەرنىڭ خاسلىقى كىتابخان ھېسابلىغان ئوبيىكىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا يازغۇچى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتىئنەزەر ئەسەرنىڭ ھەممسى زور تەسىر قوزغايدۇ.

    بىراق بۇنىڭ ئەكسچە شەكىل جەھەتتىكى خاسلىق سۇبيېكتقا باغلىق بولىدۇ. مۇنازىرە قىلىنغان تېمىنى ئېھتىمال كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلغان، ئۇلارغا پىششىق تونۇشلۇق بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ خىل تېمىلارنىڭ شەكلى، ئىدىيىنىڭ شەكلى تېمىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ، قىممەت سۇبيكىتقا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەسەر خاسلىققا ئىگە بولغان ۋە ئالقىشلانغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مۇئەللىپىمۇ ئالقىشلىنىدۇ ۋە خاسلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىز شۇنى بىلۋالالايمىزكى، ئەسىرىنى ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان ئاپتورنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى  تارىيىپ بارىدۇ، ھەتتا بۇ خىل مەزمۇننىڭ ماتېرىيالىمۇ داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋە داۋاملىق ئېستىمال قىلىندىغان نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا تراگېدىيە يازغۇچىىسىنىڭ ھەممىسى ئىشلەتكىنى ئوخشاش بىر مەزمۇن ماتېرىيالىدىن ئىبارەت.

    شۇڭا بىر پارچە ئەسەرنىڭ نامى چىققاندا، ئۇنىڭ نام چىقىرىشىغا مەزمۇن ماتېرىيالى سەۋەب بولدىمۇ ياكى مەزمۇن ماتېرىيالىنى ئىپادىلەش شەكلى بولدىمۇ، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش لازىم.

    ئادەتتىكى كىتابخانىلار ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا بەكرەك قىزىقىدۇ، ئەكىسچە شەكلىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ شېئىرغا تۇتقان كۈلكىلىك پوزىتسىيىسىدە تەبئىي ئاشكارىلىنىدۇ، ئۇلار شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغان ھەققىي ۋەقە ياكى شەخسلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىزىقىشى شېئىرنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىشىدىنمۇ ئېشىو چۈشىدۇ. شۇڭا گىيوتىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى فائوستىنى ئالساق، ئۇلار بۇ جەھەتتە گىيوتىنىڭ كۆرگەن كىتابلىرىدىنمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار فائوست ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى "فائوست" ئېپوسىنى تەتقىق قىلغاندىنمۇ بەكرەك تەتقىق قىلىشىدۇ. خۇددى بوككېر ئېيتقاندەك① ئېيتقاندەك « ئۇلار نەزەرىيەلەرنى ئىلمىي ئۇسۇللارغا سېلىپ تەتقىق قىلىشىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، بۇ خىل ئەھۋال گىيوتىدىمۇ كۆرۈلگەن. بۇ خىل شەكىلگە قاراپ، مەزمۇنغىلا بېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتسكاننىڭ ② نەپس لوڭقىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە گۈللىرىگە سەل قاراپ، پەقەت ئۇنىڭ بوياق ۋە ماتېرىيالى ئۈستىدە خىميىلىك ئانالىز ئېلىپ بارغىنىغىلا ئوخشاش ئىش».

    5

    ئىدىيە تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىققاندىلا ئۇنىڭ ھەققىي ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆلۈك نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. بىراق ئۇ يوقىلىپ كەتمەستىن ئىرالاردىن بۇرۇنقى سەۋرلەردىكى تاشقا ئايلانغان جانلىقلاردەك ساقلىنىپ قالىۋېرىدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز تىل-يېزىقلار بىلەن ئىپادىلەنگەندىلا قايتا ھەققىي ياكى رېئال بولماي قالىدۇ. ئۇ باشقىلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشقا باشلىغاندىن ئېتبارەن بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاشتىن قالىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلە چوڭىيىپ مۇستەقىل بىر ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرگىنىدە، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئايرىلىپ يەرگە چۈشكەندەكلا بىر ئىش.

    6

    دەۋرىمىزدە ئاساسسىز قۇرۇق گەپ ساتىدىغان نۇرغۇن يازغۇچىلار تالاي ناچار ياكى پايدىسىز ئەسەرلەرنى يېزىشتى. بۇ ئېقىم بارغانسىرى ئۇلغايماقتا. ئەدەبىي ژۇرناللار بۇ خىل ئېقىمنى توسىدىغان يىمىرلمەس، گىگانت تاش توسما بولۇشى كېرەك ئىدى. ژۇرناللار توغرا، ئاقىلانا ۋە كەسكىن ھۆكۈم ئارقىلىق لاياقەتسىز يازغۇچىلار تەرىپىدىن ئەپلەپ-سەپلەپ قوراشتۇرۇپ يېزىپ چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى، يالغان-ياۋىداق گەپ بىلەن توشقۇزۇۋېتىلگەن بارلىق مەنىسىز ئەسەرلەرنى ، يەنى ئەسەرلەرنىڭ ئوندىن توققۇزىنى ھەققانىي سۆزلەر بىلەن قامچىلىشى، پارچە-پۇرات نەرسىلەرگە، ئادەم ئالدايدىغان يالغانچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مەسئەلىيىتى قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلار مۇنداق قىلالمىدى. ئەكسىچە، بۇخىل ھادىسىنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويدى. ژۇرناللار يازغۇچىلار بىلەن نەشىرىيات سودىگەرلىرىنىڭ بىرلىشىپ كىتابخانلارنىڭ  ۋاقتى ۋە پۇلىنى شىلىۋېلىشقا شەرمەندىلەرچە سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. ژۇرنال ئاپتورلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پرافېسسور ياكى زىيالىيلار، بۇ كىشلەرنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەن، شۇڭا ئۇلار پۇل ئۈچۈن ئەسەر يازىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئورتاق، مەنپەئەتى بىردەك بولغانلىقتىن بىرلىشىپ، ئۆزئارا ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ بىر-بىرىگە گۇپپاڭچىلىق قىلىشىدۇ. بۇ ھال ناچار ئەسەرلەرنىڭ ئۇچۇرۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر ئەدەبىي ژۇرناللاردا بېسىلىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى مانا شۇنداق ناچار ئەسەرلەر. بۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقانلارنىڭ دەستۇرى: تۇرمۇش بىزنى كۈن ئالغىلى قويۇڭلار، دېگەندىن ئىبارەت.

    تەخەللۇس بىلەن يېزىقچىلىق قىلىش ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نومۇسسىزلىقنى يېپىپ قالالايدۇ. شۇڭا ئۇنى يوقتىش لازىم. تەخەللۇسلۇق ئەسەرلەر ئەدەبىي ژۇرناللاردىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇن ئالالىغانكى، ئۇ ھەققانىي ئوبزورچىلارنىڭ تەنقىدىدىن ۋە كىتابخانلارنىڭ غەزەپلىك قاغاشلىرىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. بىراق، ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، ھەتتا پۇلغا سېتىلغان، پەسكەش ئوبزورچىلارنىڭ ئوڭايسىز ھالىتىنى يوشۇرۇپ قالالايدۇ، ئۇلار نەشرىياتچىلارنىڭ ئىنئاملىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتابخانلارغا بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىمزاسىز تەخەللۇس بىلەن يېزىلغان ئوبزور داۋاملىق ئوبزورچىلارنىڭ مۈجمەل كۆز قاراشلىرىنى، قابىليەتسىزلىكنى ۋە نومۇسسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالالايدۇ. ئۇلار تەخەللۇسلۇق ئوبزورچىلىقنىڭ ئۆزلىرىنى قانات ئاستىغا ئالالايدىغانلىقىنى سەزگەن ھامان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پەسكەشلىكلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ئادەم ئىشەنگۈسىز رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن قورقمايدۇ.

    روسسو③ بۇرۇنلا مۇنداق دېگەنىدى: «بارلىق راستچىل كىشلەر ئۆزى يازغان نەرسىسىگە ئۆز ئىسمىنى يازىدۇ». بۇ سۆزنى بەس-مۇنازىرىلىك ئەسەرلەرگىلا ئىشلىتىپ قالماي، ئوبزور ماقالىلىرىغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    7

    ئۇسلۇب قەلبنىڭ سىرتلىشىشى. ئۇ بەدەننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىنمۇ ھەققىي بولىدۇ. باشقا بىر ئادەمنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىش ئۆز يۈزىگە نىقاب تارتىۋالغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. نىقاب ھەرقانچە چىرايلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ جانسىز ئىكەنلىكى ناھايىتى تېزلا ئاشكارلىنىپ كىشلەرنى تېتىقسىزلىق ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە چىداپ تۇرغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئەڭ سەت چىرايمۇ ھەر قانداق نىقابتىن چىرايلىق.

    ئۇسلۇب جەھەتتە باشقا بىر قىياپەتكە ئۆزگىرىۋېلىشنى ئادەملەرنىڭ ئۆز چىرايىنى ئۆزگەرتىۋالغانغا تەققاسلاش مۇمكىن.

    8

    مەلۇم بىر يازغۇچىغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا بېرىشتە، ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشلا كۇپايە. ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قانداقلىقى، ئىدىيىسىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئۇسلۇبى سۈپتىدە بىزنى ئېنىق تەسراتقا ئىگە قىلدۇ. چۈنكى ئۇسلۇب بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئىدىيىسىنىڭ شەكلەن ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئالاھىدىلىك باشتىن-ئاياغ ئوخشاش بولىدۇ. بۇ خۇددى خېمىر يۇغۇرغانغا ئوخشاش ئىش. خېمىرنى ئوخشىمىغان شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر يولۇچى ئولېنسپىگېلدىن ئالدىدىكى بازارغا يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىاندا، ئۇ يولۇچىغا ئىرەن قىلمىغان ھالدا «مېڭىپ بېقىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەندەكلا بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە ئۇ يولۇچىنىڭ مېڭىشىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. شۇنىڭغا ئوخشاش مەنمۇ مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىن بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا، ئۇنىڭدىن قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىلەيدىغانلىقىمنى بىلەلمەيمەن. ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇق، تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك بولۇشى مۇمكىن: ئۇلار ئۆزلىرىنى مۈجمەل ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ھەققىي چۈشەنمەيدۇ.چۈنكى بۇ سۆز-جۈملىلەر باشقىلارنىڭ بىر يۈرۈش سۆز-جۈملىلىرىدىن قارىغۇلارچە ئۆگىنىپ كېلىنگەن، ئۇلارنىڭ قۇراشتۇرۇپ چىققىنى ئايرىم-ئايرىم سۆزلەر بولماستىن، بەلكى خەقنىڭ بىر پۈتۈن جۈملىلىرىدۇر( كونىراپ قېلىپلىشىپ قالغان جۈملىلىلەردۇر) . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆز خاسلىقىنى ئىپادىلەشكە توسالغۇ بولۇپ مۈجىمەللىك پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ خىل ئەسەرلەردىن كۆرۈدىغىنىمىز بىر مۇنچە تىل جەھەتتىكى ئېنىقسىزلىق، يازغۇچىلار كۆپ تەكرارلاپ سېستىۋەتكەن جۈملە شەكىللىرى، كونىرىغان ۋە مودا بولۇپ قالغان ئادەت سۆزلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇلارنىڭ مۈجىمەل ئەسەرلىرى خۇددى كونىرىغان سۆزلەر بىلەن بېسىپ چىقىرىلغان تەشۋىقات ۋارىقىسىگە ئوخشايدۇ.

    ئەسەرلەرنىڭ زېرىكىشلىك بولۇشىدىكى سەۋەب توغرىسىدا يەنە ئادەتتىكىچە كۆزىتىش ئېلىپ بارساق، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىز: بىرى، ئوبيىكتىپ ئەھۋال؛ يەنە بىرى، سۇبىيكتىپ ئەچۋال. ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى زېرىكتۈرۈش-بىز يۇقىرىدا ئېيتقان ئەسەرنىڭ كەمچىلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، يەنى ئاپتوردا ھېچقانداق ئېنىق كۆز قاراشنىڭ ياكى كۈچ سەرپ قىلىپ ئىپادىلىگۈدەك تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ يوقلۇقىدىن بولىدۇ. چۈنكى ئومۇمەن ئېنىق كۆز قاراشقا ياكى تۇرمۇش بىلىمىگە ئىگە بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ ھاسىلاتىنى بىۋاستە شەكىلدە توپتوغرا ئىپادىلەپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇ داۋاملىق چۈشەنچىلىرىنى روشەن بايان قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇزۇن، مەنىسىز، مۈجىمەل ۋە ئېنىقسىز بولمايدۇ، ھەرگىزمۇ كىشلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كۆز قارىشى خاتا بولغان بولغان ھالەتتىمۇ، لېكىنب ئۇ ئېنىقك تەپەككۇر ۋە تەپسىلىي ئويلىنىش ئېلىپ بارغانلىقتىن، ئەڭ بولمىغاندا ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ يازغان نەرسىلىرى داۋاملىق ئۆزىنىڭ بەلگىلىك قىممىتىنى ساقلاپ ساقلاپ قالالايدۇ. ئەكسچە بولغاندا ئوبيېكتىپ جەھەتتە كىشلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئىككىنچى خىل ئەھۋال-سۇبىيېكتىپ جەھەتتىن كىتابخانلارنىڭ زېرىكىشى، كىتابخانلارنىڭ مەلۇم بىر تېمىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ. بۇ كىتابخانلارنىڭ ئۆز چەكلىمىلىكىدىن بولغان بولىدۇ. شۇڭا كىشلەر ئەڭ ئالقىشلىغان ئەسەرمۇ مەلۇم بىر كىتابخانغا ياقماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سۇبىيېكتىپ جەھەتتىكى ئامىلغا باغلىق. ئەكىسچە ئەڭ ناچار ئەسەرمۇ مەلۇم بىر كىتابخانغا بېقىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ سۇبىيېكتىپ جەھەتتىكى قىزىقشنىڭ مەھسۇلى. چۈنكى بۇ كىتابخان، ئۇ ئەسەردە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسلىگە ياكى ئاپتورنىڭ ئۆزىگە قىزىقىپ قالغان بولىدۇ.

    باشقا قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان يازغۇچى خۇددى بىر ئادەم «باشقىلار مېنى ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەنبىر ئورۇنغا قويمىسۇن» دەپ ئەنسىرەپ غەلىتە ياسىنۋالغانغا ئوخشايدۇ. مۆتىۋەر ئادەملەر ئەسكى چاپان كىيىم بىلەن قالسىمۇ، ھەرگىز مۇنداق زىيانلىق ئىشنى قىلمايدۇ. خۇددى ھەددىن ئارتۇق ياسىنىۋېلىش ۋە پار-پۇر كىيىنىۋېلىش ئەكىسچە شۇ ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەرگەنگە ئوخشاش ، باشقىچە قىياپەتكە كىرىۋالغان ئۇسلۇبمۇ شۇ ئاپتور كاللىسىنىڭ ئىنتايىن ئاددى ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

    ھالبۇكى، ئەگەر سىز ئۆز ئۇسلۇبىمنى ساقلايمەن دەپ، خۇددى باشقىلار بىلەن پاراڭ سېلىشقاندەك ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئۇسۇلدا يازسىڭىز، بۇ خىل ئۇسۇلمۇ توغرا بولمايدۇ. ھازىر بارلىق يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنىڭ ھەممىسى ئازدۇر-كۆپتۇر قەبرە ياۇلىرىغا يېقىن بىر شەكىلنى ساقلاپ قالغان. بۇنداق قېلىپلاشقان يېزىقچىلىق ئۇسۇلى بارلىق ئۇسۇلى بارلىق ئۇسلۇبنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى. شۇڭا بۇنداق قېلىپلاشقان يېزىقچىلىق ئۇسۇلىدا يېزىشقا ئۇرۇنۇشمۇ خۇددى ئېغىز تىلىدا يېشىقا ئوخشاشلا تەنقىد قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى قېلىپلاشقان يېزىقچلىق ئۇسۇلىدا سۆزلىگەندە بىر تەرەپتىن بەك سىپايىلىشىپ كېتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

    تۇتۇق ۋە مۈجخمەل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ يۈزدە توقسەن توققۇزى ئىدىيىنىڭ مۈجىمەللىكىدىن، بۇنداق مۈجىمەللىك ئىدىيىنىڭ ئەسلى ھالىتى بىلەن ماسلاشمىغانلىقىتىن، ئۇنىڭ خاتالىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ئەگەر كاللىدا پەيدا بولغىنى ھەققىي ئىدىيە بولىدىغان بولسا، دەرھاللا ئۇنىڭ ئېنىق ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىۋالغىلى ھەمدە كۈچۈنمەيلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئېنىق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن نەرسىلەر مۇۋاپىق ئويلىنىش ئۇسۇلىنى ئوڭايلا تاپالايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئويلاپ يەتكەن بارلىق ئىدىيىسى، ھەمىشە چۈشىنىشلىك ۋە قىلچە مۈجىمەسىز تىل بىلەن ئىنتايىن ئاسانلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئومۇمەن قىيىن، مۈجىمەل، تۇتۇق بايانلارنى بىر يەرگە يىغىپ قويغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھەققىي يوسۇندا ئاڭقىرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلاردا بار بولغىنى پەقەت بىر خىل مۈجىمەل ئاڭ، بۇ خىل مۈجىمەل ئاڭدىن ئىدىيىنىڭ شەكىللەنمىكى تەس. بىراق، ئۇلار ھەرۋاقىت ئۆزىدىن ۋە ئۆزگىلەردىن بىر پاكىتنى، يەنى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىپادىلەپ بەرگىدەك ھېچنېمىسى يوق ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالماقچى بولىدۇ.

    ھەقىقەتەن پۈتۈنلەي قىپيالىڭاچ بولىدۇ، ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان شەكىل قانچە ئاددى بولسا، ھەقىقەتنىڭ تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ. ئالايلۇق:

    جوب مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ، دائىم ئازاب-ئوقۇبەت ۋە مۈشكۈلات تارتىدۇ. ئۈنۈپ چىققان گۈلگە ئوخشاش تۇغۇلۇپ يەنە ئۈزۈۋېلىنىدۇ. ھايات ۋاقتىدا سايىدەك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاندىن بىراقلا يولۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ». جوبنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىنسانلارنىڭ مەنىسىز تۇرمۇشىدىن پەيدا بولغان قايغۇ-ھەسىرەت ھەققىدىكى ھەر قانداق گەپ-سۆزلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەندۈرمەمدۇ؟ دەل مۇشۇنداق سەۋەب تۈپەيلى، گىيوتىنىڭ ساددا شېئىرلىرى شىللېرنىڭ بېزەلگەن بېزەلگەن شېئىرلىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ. مانا بۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەسىر قوزغىيالىشىدىكى سەۋەب. ھەرقانداق سۈنئىي نەرسىنىڭ ھەممىسى پايدىسىز.

    ساۋاتلىق كىشلەرنىڭ ئوندىن توققۇزى گېزىتتىن باشقا ھېچقانداق كىتاب ئوقۇمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلى، ماقالە يېزىش ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇب ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئاساسەن دېگۈدەك گېزىت ماقاللىرىدىن  شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ساددىلىقىدىن ھەتتا تىلنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈشنى ئىخچاملىق، گۈزەللىك ۋە ھەققىي ئىسلاھ قىلىش دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەن، ئادەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىغان ياشلار گېزىتتىن ئىبارەت بۇ باسما بۇيۇمدا ماقالە ئېلان قىلىشنى بىې خىل ئىناۋەت-ئابروي دەپ قارايدۇ. شۇڭا دۆلەت دۆلەت ھەققىي پۇختا تەدبىر قوللىنىپ گېزىت تىلىنىڭ خاتا بولماسلىقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. دۆلەت رىۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ گېزىتنىڭ گېزىتنىڭ بۇ مەقسەتكە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى تەپتىش قىلىشى، رىۋىزىيە خادىملىرىغا مائاش بېكىتىپ بەرمەي، مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. مۇكاپات خىراجىتىگە كەتكەن پۇلنى خاتالىق سادىر قىلغۇچى قىلىشى كېرەك. نېمىس تىلى خالىغان ئادەمنىڭ ئويۇنچىقمۇ؟ ئەجەبا، پەسكەش ئادەملەرمۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ-يۇ، نېمىس تىلى قانۇن تەرىپىدىن ئاشۇنداق قوغداشقا ئەرزىمەيدىغان نەرسىمۇ؟ ئەگەر بارلىق يالغان-ياۋىداق گەپ قىلىدىغانلار ۋە گېزىت ئاوتورلىرى چەكسىز ھوقۇقلۇق ھالدا، ئۆز ئىختىيارىچە، قارا قورساقلارچە تىلنى مۇشۇنداق ئىشلىتىدىغان بولسا، نېمىس تىلى نېمىگە ئايلىنىپ قالار؟

    9

    ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئېۋەن ئۇسلۇبىنىڭ سۇبىيېكىتىپلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكى ۋە كونا تىلغا سەل قارالغانلىقتىن بولىدۇ. ئۇسلۇب جەھەتتىكى بۇنداق ئېۋەن بارغانسىېرى ئومۇملاشماقتا، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئېۋەن پەقەت گېرمانىيىدىلا چەكلەنمەيۋاتىدۇ. سۇبىيېكتىپ ئۇسلۇبتىكى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئىستىكىنى پەقەت ئۆزى چۈشەنسىلا بولدى. ئۇلار كىتابخانلار بىلەن كارى بولمايدۇ، كىتابخانلارنى ئۆزى خالىغانچە تەسىراتقا ئىگە بولۇۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. يازغۇچىلارنىڭ كىتابخانلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا پەرۋا قىلماستىن ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۈزۈلدۈرمەي يېزىپ چىقىشى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى گەپ قىلغىنىغا ئوخشاش ئىش. ئەمەلىيەتتە، يېزىقچىلىقتا چوقۇم باشقىلارغا سۆزلەش كېرەك، شۇنداقلا بۇ خىل سۆزلەش ئىچىدە ئىپادىلىگۈچى ئۆزىنى ئېنىق ھالدا ئىپادىلىشى، قارشى تەرەپتە ھېچقانداق شۈبھە –گۇمان قالدۇرماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، ئۇسلۇب سۇبىيېكتىپ بولماستىن، ئوبيېكتىپ بولۇشى كېرەك. ئوبيېكتىپ ئۇسلۇب شۇنداق بىر خىل ئۇسلۇبكى، بۇ خىل ئۇسلۇبتا تىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كىتابخان بىلەن يازغۇچىنىڭ ئويلىغىنىنى پۈتۈنلەي بىردەكلىككە ئىگە قىلالايدۇ. ئىدىيە تېخى پەقەت يازغۇچىنىڭ خاتىرىسىدە تۇرغان چاغدا، ئۇ قاتتىق قائىدىگە بويسۇنغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى كاللىدىن قەغەزگە چۈشۈرۈش قەغەزدىن كاللىغا سىڭدۈرۈشكە قارىغاندا كۆپ ئاسان. ئەمما قەغەزدىكى ئىدىيىنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىزنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەقەت يازغۇچى بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭدا ئوبيېكتىپ ئۇسلۇب شەكىللىنىدۇ. ئەگەر راستىنلا بۇنداق ھالەت شەكىللەنسە، ئۇ ھالدا يېزىق، خۇددى تاماملانغان ماي بوياق رەسىمدەك بىر خىل ساپ ئوبيېكتىپ ئۇسۇلدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەمما سۇبېكتىپ ئۇسلۇب تامدىكى كىر-داغلارچىلىكمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ، پەقەت كىر-داغلار تاسادىپىي ھالدا تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇۋەتكەن ئادەملا، ئۇنىڭدىكى شەكىل ۋە رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى سىزالىشى مۇمكىن، باشقىلارغا نىسبەتەن ئالغاندا ئۇ پەقەت كىر-داغلاردىنلا ئىبارەت، خالاس. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئوبيېكتىپ ئۇسلۇب بىلەن سۇبىيېكتىپ ئۇسلۇبنىڭ پەرقى پۈتكۈل ئىدىيە ئالماشتۇرۇش شەكلىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بىراق، ئۇ يەنە شەخسىي ئالاقىلاردىمۇ ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسلەن: مەن ھېلىلا بىر كىتابتىن مۇنداق سۆزنى ئوقۇدۇم. «مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشتىكى مەقسىتىم ھازىرقى كىتابلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەمەس». بۇ سۆز ئاپتورنىڭ ئەسلى نىيىتىنىڭ دەل ئەكسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئاقمايدىغان گەپ.

    10

    ئومۇمەن ئۆز قارىشىنىڭ قىممىتى بار –يوقلۇقىنى چۈشەنمىگەن ئادەم، ھە دېگەندە ئەسەرنى ئالدىراپ-تېنەپ قولىنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر بىز ئىدىيىمىزنىڭ مۇھىملىقى ۋە رېئال ئەھمىيىتىگە ھەققىي ئىشەنچ تۇرغۇزىدىغان بولساق، ئۇنداقتا، بۇ ھال بىزنى ئەڭ ئېنىق، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئىپادىلەش شەكلىنى چىداملىق روھ بىلەن قەتئىي تېپىپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ خۇددى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قۇتىلار پەقەت ئۇنىڭ ئىچىگە ئەتىۋارلىق ياكى ققىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى قاچىلانغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.

    11

    قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى ئۆي سالغاندا ئالدى بىلەن چېرتيوژلىرىنى سىزىپ ئەڭ كىچىك يەرلىرىگىچە ئىنچىكە ئويلىنىش ئارققىلىق لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشلەرلا مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ. بىراق كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ يېزىقچىلىقى دومىنو ئويۇنىغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ سۆز –جۈملىلىرى دومىنوغا ئوخشاش بىر-بىرىگە چېتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى ئويلىنىشتىن ئۆتكەن، بەزىلىرى تاسادىپىيلا تىزىپ قويۇلغان.

    12

    يېزىقچىلىق سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر پرىنسىپ شۇكى، ھەرقانداق بىر ئادەم، ئەينى بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئىشنى ئويلىيالايدۇ، شۇڭا بىز كىشلەردىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشنى ئويلاشنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز لازىم. ئىككىدىن ئارتۇق ئىشنى ئويلاشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلماسلىقىمىز لازىم. بىراق، ئەگەر بىز جۈملىنىڭ ئارىسىغا ئىكوپكا قىستۇرساق ۋە تېگخشلىك سۆزلەر بىلەن تولدۇرۇلغان بۇ ئىسكوپكا ئارقىلىق جۈملىنى بۆلۈۋەتسەك، مانا بۇ دەل بىر ئادەمدىن ئەينى بىر ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئىشنى ئويلاشنى تەلەپ قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل تېگىشلىك بولمىغان قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەھەتتە گېرمانىيە يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ خاتالىق سادىر قىلىدۇ. نېمىس تىلى باشقا تىللارغا قارىغاندا بۇ خىل خاتالىقنى تېخىمۇ ئاسان پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇ پاكىتنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق ئۇنى باھانە قىلۋېلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر تىلدا يېزىلغان نەسىرىي ئەسەرلەر فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان نەسىرىي ئەسەرلەردەك ئوقۇشقا يەڭگىل ئەمەس. فرانسۇز تىلىدا بۇنداق خاتالىقنىڭ داۋاملىق سادىر بولماسلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، فرانسىيە يازغۇچىلىرى لوگىكىغا ۋە تەبىئىي تەرتىپكە كۈچلۈك ئەمەل قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بىر-بىرىلەپ ئىپادىلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنى بىر –بىرلەپ كىتابخانلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويىدۇ.شۇڭا كىتابخانلار شۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر پىكىرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئەكىچە، گېرمانىيە يازغۇچىلىرى بارلىق پىكىرنى ئارىلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە يازغۇچىلىرى بارلىق پىكىرنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىدىن مۇرەككەپ بولغان جۈملىلەرنىڭ ئىچىگە دۆۋىلەپ مۇرەككەپ بولغان جۈملىلەرنىڭ ئىچىگە دۆۋىلەپ قويىدۇ. ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىزنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر-بىرلەپ بايان قىلمايدۇ.

    نېمىسلارنىڭ ھەققىي مىللىي ئالاھىدىلىكى قاتماللىقتۇر. ئۇلارنىڭ مېڭىش ئۇسۇلىدا، پائالىيىتىدە، تىلىدا، سۆھبەتلىرىدە، بايان قىلىش شەكلىدە، چۈشىنىش ۋە ئويلاش ئۇسۇلىدا، ھەتتا يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنىڭ ھەممىسىدە بۇ نۇقتا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن، قاتمال ۋە مۇرەككەپ جۈمىلىلەرنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىشى كىتابخانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش كۈچىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بىز جۈملىنىڭ ئاخرىغىچە قاتتىق سەۋر-تاقات قىلغىنىمىزدىلا ئاندىن ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى كۆرەلەيمەز، ئاندىن ئۇنىڭدىكى سىرنى يېشەلەيمىز. بۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلى. ئەگەر ئۇلار باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە ئۆزگىرىۋالسا ۋە چوڭ گەپ قىلالىسا تېخىمۇ مۇشۇنداق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بىراق ئۆز كىتابخانلىرىنى يوقتىپ قويىدۇ، خالاس.

    بىر خىل پىكىر توپتوغرا يەنە بىر خىل پىكىرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلسا، روشەنكە، ئۇ ئىدراكنىڭ مۇكەممەلىكىگە خىلاپ بولىدۇ. ئەگەر بىر يازغۇچى ئۆزى بايان قىلىۋاتقان سۆز-جۈملىنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر نەرسىنى يۈكلەپ قويسا دەل مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كىتابخاننىڭ كۆرىدىغىنى پەقەت ھېچقانداق مەنىسى يوق يېرىم جۈملە بولۇپ، تاكى ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئۇچرىمىغىچە ئۇنىڭدىكى مەنىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇ خۇددى مېھمانغا بىر قۇرۇق تەخسىنى بېرىپ، ئۇنى تەخسىدە بىرەر يەيدىغان نەرسە پەيدا بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلدۇرغاندەك بىر ئىش.

    ئەگەر ئىسكوپكا بىلەن ئەسلىدىكى جۈملە زىچ ماسلاشمىسا، بۇ پەقەت جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسىنى توپتوغرا بۇزۇش ئۈچۈنلا قىستۇرۇلغان بولىدۇ، ئۇ ھالدا بۇ خىل جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلى ئەڭ قاملاشقان بولىدۇ. ئەگەر بىز باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتسەك، بىر خىل ئەدەپسىز قىلمىش بولىدۇ، شۇنداقلا بىز ئۆزىمىز سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا گېپىمىزنى ئۈزۈپ قويساقمۇ ئوخشاشلا ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بىراق، ئۇ خىل قىلمىش ھېلقىدەك جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلىدا ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بارلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان پەس، بىپەەرۋا، يالغانچى يازغۇچىلار ئۆزى يازغان ئەسەرنىڭ ھەر بىر بېتىدە نەچچە يەردە ئىسكوپكا ئىشلىتىپ كەلدى، ھەتتا ئۇنى بىر خىل شەرەپ بىلىشتى، يەنى ئۇلار توساتتىنلا بىر سۆزنى قىستۇرۇپ قويۇشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۇرۇنلۇقى ۋە نادانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەقەت  ئىنتايىن ئاز ئەھۋالدىلا بۇ خىل جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولۇش ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ.

    13

    ھەرقانداق ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەسەردىكى دىداكتىكا ۋە مول تەسەۋۋۇر، مېتافورانى قوللىنىش قابىلىيىتى، دادىللىق، پۇختىلىق، ئاددىيلىق، ئىخچاملىق قاتارلىقلار ئەسلى شۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ قەدىمىدە، ھەرىكىتىدە، تىلىدا، ئاددىي-ساددىلىقىدا ۋە پاكلىقىدا تەبىي مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇنداق ئالاھىدىلىكىگە ئېرشكىلى بولمايدۇ. بىراق، ئەگەر بۇنداق ئالاھىدىلىك بىزنىڭ تەبئىي خاھىشىمىز بولىدىغان بولسا، يەنى بۇ خىل ئالاھىدىلىك بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا يوشۇرۇنغان بولسا، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئويغىتالايمىز. ئۇ ھالدا بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقاپ، ئۇنىڭ قانداق نەتىجە پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز-دە، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تەبئىي مايىللىقى ئىچىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى كۈچەيتەلەيمىز، شۇنداقلا بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى دادىلىق بىلەن قوللانغان ۋاقتىمىزدا ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرالايمىز، ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ھەققىي ھالدا بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئۇ ھالدا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىزنىڭ يېزىقچىلىقىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ تەبئىي تالانت-قابىلىيىتىمىزنى جارى قىلىشىمىزغا پايدىلىق ۈبولىدۇ. شۇڭا، پەقەت بىزدە بۇ خىل قابىلىيەت بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەگەر بىزدە بۇ خىل قابىلىيەت بولمىسا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بۇ خىل قابىلىيەتنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆگەنگىنى پەقەت قاتمال تاشقى شەكىللا بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۇ ھالدا بىز شەكىل جەھەتتىكى دورامچىغا ئايلىنىپ قالىمىز.

    14

    يەر ئاستى پوستىلاق قەۋىتىدە قەدىمكى جانلىقلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى جەۋەت-قەۋەتلەپ ساقلانغىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ كۇتۇبىخانلىرىمىزدىكى ئىشكاپلاردىمۇ قەۋەت-قەۋەتلەپ ئۆتمۈشتىكى خاتا نەرسىلەر ۋە بۇ خاتا نەرسىلەرگە بېرىلگەن شەرھىي كىتابلار ساقلانماقتا. قەدىمكى ئىسكىلىتلارغا ئوخشاش بۇ خىل خاتالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھىيلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئىنتايىن جانلىق ئىدى. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە ئاز بولمىغان غۇلغۇلىلارنى پەيدا قىلغانىدى. بىراق ئۇلار ھازىر قېتىپ قالدى، ھازىر ئۇلارغا بىئولوەلار ۋە ئارخىلوگلارلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

    15

    ھىرىدوتنىڭ⑤ئېيتىشىغا قارىغاندا دارا ئۆزىنىڭ ساناقسىز قوشۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا، مۇشۇنچىۋىلا ئادەملەر ئىچىدە بىرەر كىشىنىڭمۇ يۈز يىل ياشىمالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆز ياش قىلغانىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بڭزمۇ قېلىن-قېلىن كىتابلارنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ كىتابلار ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ ئون يىل ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىختىيارسىز ياش تۆكمەي تۇرالمايمىز.

    16

    كىتابنى تاللاپ ئوقۇشنى بىلىش بىر خىل ئىنتايىن ئۈستۈن ماھارەت. ماھارەت  ھەر قانداق ئادەتتىكى كىتابخانىلار ئارىسىدا قىزىقىش پەيدا قىلغان ئەسەرلەرگە ھەرگىز قىزىقىش قوزغىمايدۇ. مەلۇم سىياسىي ياكى دىنىي كىتابلار ياكى ھېكايە شېئىرلار كىشلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋاقىتتا، سىز شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىز كېرەككى، ئومۇمەن نادان كىشلەرنى نىشانلاپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ناچار كىتابلارنى ئوقۇماسلىق، چۈنكى ھايات قىسقا ،ۋاقىت قىممەتلىك.

    17

    ئەگەر سىزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز بولسا، ياخشى كىتابلارنى سېتىۋېلىڭ. ئۇ ئوبدان بىر ئىش. بىراق، ئادەتتە كىتاب سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزىنىلا بىلىم خەزىنىسىگە ئېرىشكەنلىك دەپ خاتا تونۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت.

    18

    دۇنيا تارىخىغا نىسبەتەن ئالغاندا، يېرىم ئەسىر خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى يېرىم ئەسرلىك ۋاقىتتا تارىختا داۋاملىق نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ، تارىخنىڭ مەزمۇنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىراق دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە، ئەدەبىيات تارىخىغا نىسبەتەن ئالغاندا يېرىم ئەسىر ھېچقانچە ۋاقىت ھېسابلانمايدۇ.چۈنكى، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانچە ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ، ئەھۋال يەنىلا 50 يىل ئاۋۋالقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ. بىز ئىلىم –پەن، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ دەۋر روھىدا تەخمىنەن ھەر ئوتتۇز يىلدا ئاران بىر قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئوتتۇز يىل ئىچىدە شۇ دەۋر روھىدىكى خاتالىقلار پىشىپ يېتىلىدۇ، بۇ خاتالىقلارنىڭ بىمەنىلىكى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىمى ئاخىرى شۇ دەۋر روھىنى ۋەيران قىلۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى كۆز قاراشنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۇيۇقسىز بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئەگىشىپلا قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ دەۋرلىك نامايەن بولۇشى ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ رېئال مەزمۇنىدا كۆرىدۇ.

    مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر كىشىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تراگېدېيىلىك تارىخىنى يېزىپ چىقىشىنى، بىزگە ئۇلۇغ يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنى يۈكسەك شان-شەرەپكە ئېرشتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاشۇ يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلىرى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يازغۇچىلار بىزگە بارلىق دەۋر ۋە بارلىق جايلاردىكى ھەققىي مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار داۋاملىق يوسۇندا ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ قاتمال يازغۇچى سەنئەتكارلارغا قەتئى بوشاشماستىن قارشى تۇرۇشى كېرەك، دېيەلەيدۇ. يازغۇچىلار بىزگە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەققىي مەرىپەتچىلىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغ سەنئەت پېشىۋالىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋېرلەپ بېرەلەيدۇ، يازغۇچىلار بىزگە ئاز ساندىكىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ قانداق جاپا ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئالقىشلانمايۋاتقانلىقىنى، ھېسداشلىققا ئېرشەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەكسچە نام-ئاتاق، شان-شەرەپ ۋە بايلىقنىڭ ئەرزىمەس كىشلەرگە مەنسۇن بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇلار تەقدىرنىڭ ئىساۋىنىڭ تەقدىرىگە تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى، ئىساۋ دادىسىغا ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ياقۇپنىڭ دادىسى ئىساۋغا ئاتا قىلماقچى بولغان دۇئاسىغا ئېرىشىۋالغانلىقىنى ⑦ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. يازغۇچىلار يەنە بىزگە، گەرچە مۇشۇنداق توسقۇنلۇقلار بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان مۇھەببىتى، ئىنسانىيەتنى تەربىيلىگۈچى بۇ ئالىملارنى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، مەڭگۈ تۇزىماس گۈل تاجىنىڭ ئۇلارنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى مەدھىيىلەيدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. «تەكرارلاش ئەستە ساقلاشنىڭ ئانىسى»، ھەرقانداق مۇھىم كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت ئوقۇش كېرەك. چۈنكى، ئىككىنچى نۆۋەت ئوقۇش جەريانىدا كىتابتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن بېشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن بېشىنىمۇ چۈشەنگىلىمۇ بولىدۇ، ھەتتا بىر كىتابنى ئىككىنچى رەت ئوقۇغىنىمىزدا، كىتابتىكى ھەر بىر ئىنچىكە بۆلەكلەرگىچە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان باشقا تەسىرات ۋە چۈشەنچە شەكىللىنىدۇ. بىز ئوخشىمىغان نەزەردە ئوخشاش بولغان بىر ئوبيېكتنى كۆزەتكەچكە ئەنە شۇنداق ئوخشىمايدىغان تەسىراتقا ئېرىشىمىز.

    ئەسەر قەلبنىڭ جەۋھىرى. ئەگەر بىر ئادەم ئادەتتىن تاشقىرى پاراسەتلىك بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇساق، ئۇ ھالدا بۇ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق  ئېرىشكەن چۈشەنچىمىزدىنمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

    قەدىمكىلەرنىڭ كىلاسسىىك ئەسىرىنى ئوقۇشتىنمۇ ھۇزۇرلۇق ئىش بولمىسا كېرەك. ئەگەر، بىز بۇ كىتابلارنىڭ ھەر قاندىقىنى تېپىپ پەقەت يېرىم  سائەتلا ئوقۇپ كۆرىدىغان بولساق، شۇ زامات ئۆزىمىزگە كېلىپ ، بويىمىز يېنىكلىشىپ، روھىمىز پاكلىنىپ قالغاندەك، گويا سەراتان ئىسسىقتا دالىدا چاڭقىغىنىمىزدا ئېرىشكەن زىلال چەشمە سۈيىدەك چەكسىز ئارامبەخش ھېس قىلمىز. بۇ، قەدىمكىلەرنىڭ پاساھەتلىك تىللارنى ئىشلەتكەندىنمۇ ياكى ئۇ ئەسىرنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە يولۇقماي ياكى بۇرمىلىنىپ كەتمەي ئاشۇ بۈيۈك كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى ساپلىقىنى تارقىتىپ كەلگىنى ئۈچۈنمۇ؟ ھەر ئىككىلا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

    ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئىككى خىل تارىخ مەۋجۇت. بىرسى، سىياسىي تارىخ، يەنە بىرسى بەدىئىي ۋە سەنئەتلىك تارىخ. ئالدىنقىسى ئىرادە تارىخى، كېيىنكىسى بولسا پاراسەت تارىخىدۇر. چۈنكى، ئالدىنقىسى دۇنيانى قوغدايدۇ ياكى دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ... ئەكىسىچە كېيىنكىسى بولسا خۇددى دانىشمەنلەرنىڭ پىنھانە جايىدەك ئادەمگە لەززەت ۋە ئارام بەخش ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي تارمىقىنىڭ بىرى، پەلسەپىۋى تارىختۇر. ئۇنى ماھىيەتتە باس (چوڭ ئىسكىروپكا) دېيىش مۇمكىن . چۈنكى، ئۇنىڭ مېلودىيىسى پۈتكۈل تارىخقا تارقىلىپ تۇرىدۇ؛ ئەدەبىيات تارىخىدا بولسا ئوخشاشلا باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ. پەقەت پەلسەپەلا دۇنيانى ھەقىقىي تۈردە ئىستىلا قىلغۇچىدۇر. شۇڭا، پەلسەپەنىڭ ئۈنۈمى ئنتايىن ئاستا بولسىمۇ كىشلەركۈچلۈك ماددىي قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك.

    (ئاپتورنىڭ خەنزۇچە « شوپېنخائوئېر ئەسەرلىرى» ۋە « ئارزۇ-ئىستەك ۋە ھاياتتىكى ئازاب» قاتارلىق ئەدەبىي خاتىرە توپلاملىرىدىن ئېلىندى)

    ئىزاھلار

    ①بوككېر-1747-يىلدىن 1794-يىلغىچە ياشىغان شائىر.

    ②ئېتىسكان-قەدىمكى رىمدىكى يەر ئىسمى.

    ③روسسۇ-1712-يىلدىن 1778-يىلغىچە ياشىغان فرانسىيىلىك يازغۇچى ھەم پەيلاسوپ.

    ④شوپېنخائوئېر بۇ يەردە ياۋروپادا كەڭ تارقىلىپ كەلگەن مۇنداق بىر مەسەلنى مىسالغا ئالىدۇ: بىر يولۇچى ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر دانىشمەن ئادەمگە يېتىشىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن « ئالدىمىزدىكى يېزىغا قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. دانىشمەن ئىرەن قىلمىغان قىلمىغان ھالدا « مېڭىپ بېقىڭ» دەپتۇ. يولۇچى ھەيران بولۇپ «ماڭمىسام يېزىغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەن، مېنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم، مەن يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇ يەرگە يېتىپ بارالايمەن؟» دەپتۇ. دانىشمەن يەنىلا ئىرەن قىلمىغان ھالدا" قېنى مېڭىپ بېقىڭ!" دەپتۇ. يولۇچى ئاچچىقى كېلىپ " تازىمۇ غەلىتە ئادەمكەن-بۇ!" دېگىنىچە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار بىردەم ماڭغاندىن كېيىن دانىشمەن "يېرىم سائەتتە يېتىپ بارالايسىز" دەپتۇ. يولۇچى تېخىمۇ ھەيران بولۇپ « سىز ھەممىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق بايا نېمىشقا جاۋاب بەرمەيسىز؟» دەپ سوراپتۇ. دانىشمەن يولۇچىغا "بايا مەن سىزنىڭ مېڭىش سۈرئىتىڭىزنى بىلمەيتتىم، شۇڭا يېزىغا قانچىلىك ۋاقىتتا بارالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم. ھازىر مەن سىزنىڭ مېڭىش سۈرئىتىڭىزنى بىلۋالغاچقا، يېرىم سائەتتە يېتىپ بارايدىكەن دەپ ھۆكۈم چىقاردىم" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

    ⑤ھىرىدوت-قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى.

    ⑥دارا-پىرسىيە پادىشاھى. مىلادى بۇرۇنقى 465-يىلدىن 486-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.

    ⑦«ئىنجىل» دا ئېيتىلىشىچە، ئىسھاقنىڭ ئىساۋ ۋە ياقۇپ ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولغانىكەن. ئىساۋ چوڭ ئوغۇل بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تۈك قاپلاپ كەتكەنىكەن. ئۇ ئوۋغا ئىنتايىن ماھىر ئىكەن. ئىساۋ بىر كۈنى ئوۋدىن قورسىقى ئاچ ھالدا قايتىپ كەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىنىسى ياقۇپ پۇرچاق قاينىتىۋاتقانىكەن. ئىساۋنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ چىدىيالمىغاچقا، ئىنىسىنىڭ پۇرچاق شورپىسى بىلەن قوتۇرمىچىغا ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى تېگىشىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دادىسى ئىسھاق قېرىپ كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ، ئۇ ئاخىرى ئۆمرىدە چوڭ ئوغلى ئىساۋغا دۇئاغا بېرىش نىيىتىدە ئۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە ئوۋ ئوۋلاپ گۆشىنى ئەكىلىپ يېگۈزۈپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ. شۇ ئارىدا بۇنى ئاڭلاپ قالغان ئانىسى ياقۇپقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي ئىككى ئوغلاقنى سويۇپ، تېرىسىنى ياقۇپنىڭ بەدىنىگگ، ئوچۇق تۇرغان جايلىرىنىڭ ھەممىسىگە چاپلاپتۇ-دە، گۆشىنى ئېلىپ دادىسىغا ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. دادىسى ئۇنىڭ قولىدىكى تۈك-مويلارنى سىلاپ كۆرۈپ، ئۇنى چوڭ ئوغلۇم ئىساۋ بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تەڭرىدىن ئۆزىنىڭ ھەقۇقىغا ئىساۋنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىپتۇ.

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.