ﻧﻮبېل ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ئېرﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩىنىي ئېتقاد

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-21 19:11:24

ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ چاغدا نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىم شەھىرى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھرىدە داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

     
    ﻧﻮبېل ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ئېرﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩىنىي ئېتقاد
     
    ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ چاغدا نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىم شەھىرى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھرىدە داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ھەيئەت 1901-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا (ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرتىدا) جەمئىي 639 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى باھالاپ چىققان.
    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 639 نەپەر ئالىم ئىچىدە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياكى دىنىي ئېتىقادى ئاجىزلار 21 نەپەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋە سابىق شەرقى ياۋروپا سوتسىيالىستىك ئەللىرىدىن ئىكەن. 639 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بولسا 618 نەپەرنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خرىستىيان دىنى (كاتولىك دىنى، پىروتېستانتىيە دىنى، پىراۋوسلىۋىيە دىنى) غا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 596 نەپەر، يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8 نەپەر، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 8 نەپەر، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 4 نەپەر، ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار 2 نەپەر ئىكەن. نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 81 كىشىدىن بىرمۇنچىلىرى دىنىي داھىيلار ياكى دىنىي ئالىم-ئۆلىمالار ئىكەن. بولۇپمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەزى مەشھۇر جەمئىيەت ئەربابلىرى، سىياسىئونلار ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەسىلەن: ئامېرىكىدىن كېسىگېر (يەھۇدى دىنىدا)، جەنۇبى ئافرىقىدىن ماندېلا (پىروتېستانتىيە دىنىدا)، پەلەستىندىن ئەراپات (ئىسلام دىنىدا)، پولشادىن ئوۋېنسا (كاتولىك دىنىدا) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.
    «ھىدايەت گۈلزارى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.