نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس‏-مۇنازىرە

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 00:00:00

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس‏-مۇنازىرە تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۈگۈنكى كۈندە ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان، سوممىسى بىر مىلىيۇن دوللاردىن ئاشىدىغان، دۇ...

       نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىدە بەس‏-مۇنازىرە
    تەلئەت  ئىمىن تەرجىمىسى

       نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۈگۈنكى كۈندە ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان، سوممىسى بىر مىلىيۇن دوللاردىن ئاشىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ ئابرويلۇق ھەم سوممىسى ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان مۇكاپات. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن بەزى شەخسلەرگە قايىل بولمايدۇ، ياكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش پىرىنسىپىنى چۈشەنمەيدۇ. بىز بۇ ماقالە ئارقىلىق كۆپچىلىكنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قانداق ئادەملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېگىشلىك چۈشەنچىگە خەۋەردار قىلماقچى.
       ئالفىرت نوبىلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستتوتىنڭ ئون سەككىز نەپەر ئەزاسى دۇنيا بويىچە ئەڭ شۆھرەتلىك بولغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غا ئېرىشكۈچىلەرنى تاللاپ چىقىش ۋەزىپسنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقان . لېكىن ئۇلارنىڭ تاللىشغا قارىتا كىشلەر كۆپىنچە تالاش-تارتىش قىلىشماقتا. ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر قىسىم گىگانىت كىشلەر ، ئالايلۇق، لىۋ.تولسىتوي مارىك تۋېن، جامىس جويىس(ئېرلاندىيە)، جوسېپ كونراد (ئەنگىليە)، توماس خاردى (ئەنگىليە)، مارسېل پروسېت، ماكسىم گوركى، ئاۋگۇست سىترېندبېرگ، چىڭغىز ئايتىماتوۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ئېتۋارغا ئېلىنمىغان.
        ئۇنىڭ ئەكىسچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئنىستتوتى كىشلەرگە ئانچە تۇنۇش بولمىغان يازغۇچلارنى مۇكاپاتقا تاللىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1978-يىلى ‏ مۇكاپاتلانغان ياپۇنيەلىك چۇەندۇەن كاڭچېڭ، 1974-يىلى مۇكاپاتلانغان ئاۋېن جونسون بىلەن خاررىي مارتىن سون، 1977-يىلى مۇكاپاتلانغان ئسپانيىلىك ۋسونىت ، ئۇندىن باشقا يەنە ئەرەب يازغۇچىسى نەجىب مەھفۇز قاتارلىقلار بار.
       - ئەسلىدە مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك بولغان كىشلەرنىڭ ئىسىملىكى ئۇزۇن بىر تىزىملىكنى ھاسىل قىلشى مۇمكىن‏،-دەيدۇ شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئوبزورچىسى ئادىر ئارموخېرىت ،-بەزى كىشلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ،لېكىن رەت قىلىنغان. ئالايلۇق، پول ۋالىرى(فىرانسىيە)، سىتفان گىئورگى(گېرمانىيە)، .ماكسىم گوركى(سوۋېت ئىتتتىپاقى)، بېندېت كروس(ئىتالىيە)قاتارلىق باشقىلارنىڭ نەزەرىدە داڭلىق دەپ قارالغان، مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك بولغان كۆپلىگەن يازغۇچلارنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەنلىكنىڭ سەۋەبى نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن بولغان. فىرانز كافكا(ئاۋستىرىيە)، لېينا مارىيە لېرك (ئاۋسىتىرىيە) لارمۇ ئەسەرلىرى ئۈلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن كىشلەرگە تونۇلمىغان بولغاچقا مۇكاپات نامزاتلىقىدىن چۈشۈپ قالغان.
       نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قاتتىق تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى شۋېتسىيلىك ئاۋرۇۋ راگىر كىرانىس بولسا توپ ـ توغرىسىغىلا: «ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىنى تاللاپ چىقىش دىگەننىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ، شۇنداقلا بارلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىئ ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك» دەيدۇ. لېكىن گەپ شۇ يەردىكى نوبېل مۇكاپاتى نوبېلنىڭ شەخسى مۈلكى ئۇنى باشقا ئادەم خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى.
        بۇ يەردە يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە بار، يەنى مۇكاپات تارقىتىلىدىغان پۇل نوبېلنىڭ پۇلى. شۇڭلاشقا  بۇ مۇكاپات باشقىلارنىڭ ئەمەس بەلكى نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تارقىتىلىشى كېرەك. بۇ گەپ ھەقىقى بولغانلىقتىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قوبۇل قىلمىقى بىر قەدەر تەس، ئاڭلىماققا ئادىل بىلىنمەيدۇ، لېكىن ، لارىس كيۇلېنستىن (شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋە باھالاش كومتېتىنىڭ ئەزاسى) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئاقلاپ مۇنداق دەيدۇ «سىرىتتىدىكى بىر قىسىم تەنقىتلەر ھەمدە بۇرۇن كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەر بىزگە ئايان. ئەلۋەتتە، مۇكاپاتلاشنىڭ ئۆزى شۇ يازغۇچىنى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچى دېگەنلىك ئەمەس . بىراق، بىز پۈتۈن بىر يىل تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نوبېلنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادىمىلىك ۋە ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچسىنى، ئىنسانلارنىڭ باراۋەر ياشاش ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىدىغان غايىۋى يازغۇچىلارنى تاللاپ چىقىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يازغۇچىغا قارتا كەڭ دائىرلىك تەتقىق قىلىشنى ئېلىپ يازغان، ئىشىنىمىزكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقى روھى مەقسىدىنى نامايەن قىلالىغان ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات».
    تۇنجى«تاج» ئۈستىدىلا تالاش ـ تارتىش يۈز بەرگەن
        نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى دەسلەپكى تارقىتىشتىن باشلاپلا تالاش ـ تارتىش بولغان. ئەملىيەتتىمۇ شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى بىر نەچچە يىل ئىككىلەنگەندىن كىيىن، ئاندىن باھالاش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگەئېلىشقا قۇشۇلغان. ئالفرېد نوبېل 1986ـ يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، بەش يىلدىن كېيىن (1901 ـ يىلى )شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى تۇنجى قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كىيدىغان ئادەمنى تاللاشقا كىرىشتى. ئۇلار فىرانسىيە شائىرى ئارمان سۇللى پـرودومنى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى نامزاتلىقىغا تاللىدى. «شۇ قېتىم تاللانغان نامزات ھەققىدىكى قارار ئېلان قىلىنىش بىلەنلا، ‏- دەيدۇ نوبېل مۇكاپاتى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادىر ئارمىخېرت،‏- قاتتىق تەنقىتلەر ئەدەبىيات ئىنستىتوتىغا تۇشمۇ‏- تۇشتىن يېغىشقا باشلىدى. يەنە تېخى شۋېتسىيلىك قىرىق ئىككى نەپەر يازغۇچى، سەنئەتچى ۋە ئەدىبى تەنقىتچى بىرلىكتە روسىيە يازغۇچىسى لېۋ تولسىتويغا چوڭقۇر ھىسداشلىققا تولغان بىر پارچە تەسەللى خېتى يازغان. ئۇلارخېتىدە ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ لېۋ تولسىتويغا مەنسۈپ ئىكەنلىگىنى بىردەك بايان قىلىشقان». شۇ يىلى تولسىتوي چېرىك چارۇسىيە ھاكىمىيتىگە سۈكۈت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن نوبېل مۇكاپاتىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە ئىسمى نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن ئىدى. ئىككىنچى يىلىمۇ ئوخشاش سەۋەپ تۈپەيلىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئنىستىتوتى گېلىتسىرىن پارتلاتقۇشنى ئىختىرا قىلغۇچى نوبېلنىڭ ۋەسىيتىدىكى شەرتلەرگە ئەمەل قىلىش شەرت ئىدى. نوبېل ۋەسىيىتىدە «ئەدەبىيات سېپىدە ئەڭ نادىر ۋە غايىلىك ئەسەرلەرنى ياراتقان كىشىگە بېرىش» لازىملىقىنى بەلگىلىگەن. نوبېلنىڭ غايىۋىلىككە ئىلھام بېرىش ئىدىيىسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈن-رەزىل تەرەپنى تەسۋىرلىگۈچى ئاۋگۇست سىترېندبېرگ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق سايلىنالماسلىغىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى. مۇكاپات تارقىتىلغاندا نوبېلنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە تەكلىپ قىلىنغان نوبېلشۇناسلار، ئادۇۋكاتلار ۋە شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزالىرى نامزات يازغۇچىنىڭ تەسىرى ۋە تارقىلىش نوبېلنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تالاش تارتىش قىلىشىدۇ. ئوخشاش سەۋەپ تۈپەيلىدىن توماس خاردىنىڭ سايلىنالماسلىغى جون گىرسۋاردىنىڭ سايلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارتىپ بەرگەن.
       شۋېتسىيە ئىنىستىتوتى يېقىنقى ۋاقىتتا مۇھىم ئەسىرى ئېلان قىلىنغان يازغۇچىنى تاللامدۇ ياكى كۆپ يىللار بۇرۇن ۋەكىللىك خارەكتىردىكى ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان يازغۇچىنى تاللامدۇ؟ نۇرغۇنلىغان ئەمىلىي مىساللار بۇ مەسلىنىڭ تېخى ئايدىڭ ئەمەسلىگىنى كۆرسەتمەكتە. ئالايلۇق ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى «بوۋاي ۋە دېڭىز » نەشىر قىلىنغاندىن كىيىنكى يىلى مۇكاپاتلانغان . لېكىن روسىيلىك شولوخوپ بولسا ۋەكىللىك خارەكتىرىدىكى ئەسىرى «تىنىچ دون» ئېلان قىلىنىپ 20 نەچچە يىلدىن كېيىن مۇكاپاتلانغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا يەنە بىر مەسىلە بار، يەنى مۇكاپاتلانغانلارنىڭ ھەممىسىلا يازغۇچى ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك نامزاتلىرى يازغۇچىلار ، دىراماتورگ ۋە شائىرلاردىن ئىبارەت . لېكىن بۇرۇن مۇكاپاتلانغانلارنىڭ ئىچىدە 3نەپەر پەلسەپىچى بار . ئۇلار 1927 ‏- يىلى مۇكاپاتلانغان ھېنرى بېرگسون)، 1950 ‏- يىلى مۇكاپاتلانغان بېرتىراد رۇسسېل (ئەنگىلىيە) ھەمدە 1964 ‏-يىلى مۇكاپاتلانغان ژان . پاۋل سارترىفىرانسىيە) . بۇلاردىن باشقا مۇكاپاتلانغانلار ئىچىدە يەنە ئىككى تارىخشۇناس ‏-‏ 1902 يىلى مۇكاپاتلان تېئودور مۇمسېن(گىرمانىيە) ۋە 1953 يىلى مۇكاپاتلانغان سابىق ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ۋېنىستون چېرچىل بار . يىغىپ ئېيتقاندا فىرانسىيدىن مۇكاپاتلانغانلار ئچىدە پەقەت 1964 ‏-يىلى سايلانغان يازغۇچى ژان . پاۋل سارترىلا بۇ «تاج» نى ھۆكۈمەتنىڭ شان-شەرىپى دەپ قاراپ ئۆزلىگىدىن رەت قىلغان. 1958‏- يىلى سايلانغان روسىيلىك بورېس پاستېرناك بولسا ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بېسمى ئاستىدا مۇكاپاتنى قۇبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچكەن .
        «بىز يىققان ئەسەرلەرنى تىزىدىغان بولسا ئۈچ يېرىم كىلومېتىر كېلىدۇ ، بەلكى ھەر يىلى يەنە ئەللىك مېتىر ئۇزار ماقتا ،‏- دەيدۇ شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى، ھەر يىلى ئالى بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىلمى تەشكىلاتلار ۋە سابىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ جەمى ئاتمىش نەپەر كىشنىڭ كۆرسىتىشگە ئاساسەن نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكنى تۈزىدۇ. ئۆزنىڭ ئسمىنى كۆرسەتكەنلەرنى ئويلاشمايدۇ، ھەر يىلى بىزدە مۇزاكىرە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىككى يۇز ئەللىكتىن ئارتۇق كىشنىڭ تىزىملىكى بار، بۇلاركۆپنىڭ كۆرسىتىلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ، بەزىلىرى بولسا كۆپ يىللاردىن بۇيان قايتا ‏-قايتا كۆرسىتىلىپ كەلگەنلەر .» ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى خېللىلا كۆپ ئادەملەرنى ياللىۋېلىپ ئىسىمى كۆرسىتىلگەن يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ،ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغۇزىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئىنىستوتنىڭ ئالتە ئەزاسى نامزات سانىنى بەشكە ئازايتىدۇ. ئەڭ ئاخىرى مۇزاكىرىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالار يۇشۇرۇن بېلەت تاشلاش شەكلى بىلەن مۇكاپات ئىگىسىنى تاللاپ چىقىدۇ.
       نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىىلدىغانلىغى تا ھازىرغىچە بىر سىر. ئەمما باھالاشنىڭ پۈتكۈل جەريانى جايلاردىكى ئەدەبىيات ئىنىستوتلىرىى كۆرسەتكەن نامزات ، نوبېل مۇكاپات كومىتېتى كۆرسەتكەن نامزاتلاردىن تاللانغاندىن كېيىن ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تەسىرى ۋە بەدىئى دىتى باھالىنىدۇ ھەمدە نامزاتلانى تاللاش ئىشى نوبېلنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن سىياسى كېلماتنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مەسلەن، فىنلاندىيلىك فىرانىس سىلانپا 1939 ‏-يىلى روسىيلىكلەر فىنلاندىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە سايلانغان . شۇنىڭغا ئوخشاش لىتىۋادا تۇغۇلغان پولشىلىق شائىر چىسلاۋ مىلوش 1980‏- يىلى پولشا ئىشچىلىرى ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە مۇكاپاتلانغان . مىلوش تارختا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش نامى بىلەن تونۇلغان پولشا مىللىتىنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارالغان . ئۇ ئوتتۇز يىل بۇرۇن غەرىپكە قېچىپ كىتىپ ئامرىكا گىراژ دانلىغىغا ئۆتكەن ۋە ئامرىكا كالفورنىيە شىتابى ئۇنۋېرسىتېتى پاكلى شۆبە مەكتىۋىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان . بۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن يەنە 1970-يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سولژىنتىسىن، 200-يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگۇلۇق گاۋشىنجەن، 1998-يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئەرەب - مىسىر يازغۇچىسى نەجىف مەھفۇز قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بەدىئى جەھەتتە بەك يۇقىرى ۋە ئالاھىدە بولمىسىمۇ لېكىن ئەدەبىياتنىڭ توغرا يۆنۈلۈشكە يېتەكلىنىشىدىكى دادىللىق ۋە ئادىللىقى، ھەققانىلىقىدىن ئىبارەت تۈپكى پىرىنسىپىغا -يەنى نوبېل ئېيتقان غايىۋىلىككە ئىگە دەپ قارالغان.
        يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ئەكىسچە ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇئس بورگىس، شۇ ۋاقىتتا ئارگېنتىنانىڭ مۇستەبىت ھەربى ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى تۇرمىغانلىغى ئۈچۈن ئىسىملىكتىن چىقىرۋېتىلگەن، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان چىڭگىز ئايتىماتوۋمۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن ئىسىملىككە كىرەلمىگەن. مانا بۇ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىشتا غەربى ۋە شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتى كۆپرەك بولۇشىنىڭ شۇنداقلا ، ئەرەپ رايۇنى ۋە جۇڭگو، ئافرىقا يازغۇچىلىرىدىن مۇكاپاتقا كۆرسىتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازراق بولۇشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى. ئالدىنقى يىللاردا ئەنگىلىيە ئەدەبىي ئوبزورچىللىرى «ئەنگىلىيە يازغۇچىسى گراھام گرېنىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىگىنى باھالاش كومتېتىنىڭ ئەزاسى لۇندېكېۋسدنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى رەت قىلغانلىغى بىلان مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ئاللىقاچان مۇكاپاتلانغان بولاتتى» دەپ قارىماقتا، لېكىن ئەدەبىيات ئنىستىتوتىنىڭ كيۇرۇ نىستېيىن ئاقلاپ مۇنداق دەيدۇ. «باھالاش كومتېتىدىكى بىرەر كىشنىڭ گېپى ھىساپ بولىدۇ دەيدىغان سۆزلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ».
        ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىردا باھالاش كومتېتى نامزاتلىققا تاللاش نەتىنجىسى پەنلەر ئاكادىمىيسىگە دوكلات قىلغاندىن كىيىن ، بىر قېتىم بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قۇيۇش ھەر يىلى 1‏- نويابىرنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆتكۈزىلىدۇ . 1981‏- يىلدىكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى سەكسەن سەككىز مىڭ شۋېتسىيە كرونىدىن بىر مىليونغا يەنى تەخمىنەن بىر يۈز توقسان مىڭ ئامرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەن . 2000-يىلىدىن كېيىن مۇكاپات سوممىسى بىر مىليۇن دوللاردىن كەم بولمىدى. « مۇكاپاتلاش مەسلىسىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بۇلۇشى چوقۇم ‏- دەيدۇ نوبېل فوندى جەميەت رەئىسى ستېفېن رامول: ‏- ئەمما بۇ مۇكاپاتنىڭ چوڭ بىر ياخشى تەرىپى شۇكى ، ئۇ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بىر قاتار نەتىجىلەرگە مەيلى ئەدەبىيات ياكى يېڭى ئىلىم‏- پەنگە دىققىتىنى قوزغاشقا ياردەم بېرىدۇ . بۇ بولسا ، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزلىنىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ ...»

    «دۇنياغا نەزەر » ژورنىلىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.