ئىجادىيەت ۋە يازغۇچى(ھېمىڭۋاي)

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-01 12:37:00

ئىجادىيەت ۋە يازغۇچى (ئامېرىكا) ئېرنېست ھېمىڭۋاي تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان مەن گەپكە ئانچە ئۇستا ئەمەس، پەقەتلا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەنلىكىگە ر...

      ئىجادىيەت ۋە يازغۇچى (ئامېرىكا)

    ئېرنېست ھېمىڭۋاي

    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

       مەن گەپكە ئانچە ئۇستا ئەمەس، پەقەتلا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. نۇرغۇنلىغان بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر يازغۇچى بۇ مۇكاپاتنى ئالغاندا خىجىللىق ھېس قىلماي قالمايدۇ. بۇ يەردە ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ دەپ يۈرۈش ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ۋىجدانىغا ئاساسەن بىر تىزىملىكنى تىزىپ چىقالايدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ باش ئەلچىسىگە مەن ھاۋالە قىلغان بۇ بىر پارچە نۇتۇق تېكىستى بىلەنلا بىر يازغۇچىنىڭ بارلىق تەسىراتىنى دەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئەسىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى باشقىلارنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ بەزىدە بەختلىك؛ بىراق ئۇ نەرسىلەر ئاخىر روشەنلىشىشكە باشلايدۇ. ئاشۇ نەرسىلەرگە ۋە يازغۇچىدىكى ئىقتىدارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، يازغۇچى تارىختا نام قالدۇرىدۇ ياكى ئۇنتۇلىدۇ.

     يېزىقچىلىق ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا بىر خىل يالغۇزلۇق ھاياتىدىن ئىبارەت. خىلمۇ خىل يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىنى يەڭگىللىتىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولالىشىدىن گۇمانلىنىمەن. نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يازغۇچى يالغۇزلۇق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دائىم ئادەتتىكىچىلا بولىدۇ. ۋەھالەنكى، يالغۇزلۇق ئىچىدە تەنھا ئىشلەيدىغان يازغۇچى ناۋادا ھەقىقەتەن باشقىلاردىن پەرقلىنەلىسە، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەبەدىي نەرسىلەرگە ياكى ئەبەدىيلىكى كەم بولغان نەرسىلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك. بىر ھەقىقى يازغۇچىنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ تېخى يېتىپ بارالمىغان ساھەسىدىكى يېڭى بىر نىشانى بولۇشى كېرەك، ئۇ مەڭگۈ باشقىلار قىلىپ باقمىغان ياكى باشقىلار تېخى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىم، شۇندىلا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ. ئەگەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلگىرى يېزىلىپ بولغان نەرسىنى يەنە بىر ئۇسۇل ئارقىلىق قايتا يېزىشلا بولۇپ قالسا ، ئۇنداقتا ئۇ تولىمۇ ئاسان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزدىن بۇرۇنقى پېشۋالار نۇرغۇن بۈيۈك نەتىجىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ شۆھرىتى بىر ئاددىي يازغۇچىنى بۇرۇنقى نەتىجىلەردىن يىراق بولغان مەنزىلگە يىتىپ بېرىشقا قىلىدۇ، ئۇنى تايانچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ گېپىم ھېلىمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. يازغۇچى ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرماسلىقى، بەلكى يېزىشى كېرەك. كۆپچىلىككە يەنە بىر مەرتە رەھمەت!

    (بۇ ھېمىڭۋاينىڭ 1949-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا ئاتاپ يازغان نۇتقى. ئۇ مۇكاپات ئېلىشقا ئۆزى بارمىغان، بۇنى ئامېرىكىنىڭ شىۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇراسىمدا ھېمىڭۋايغا ۋاكالىتەن ئوقۇغان).

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.