جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7- مارت ئاۋىستىرالىيەنىڭ سېدنى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر سانائەت رايونىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى شۇ جايدىكى بىر ئىمارەتنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنىۋالغان. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ بىنا ئىچىدىن ھازىرغىچە ئۈچ كىشى چىقىپ كەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى 7- مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، بىر قوراللىق كىشى 43 ياشلىق بىر ئەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە يەنە ئىككى كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلغۇچى يەنىلا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى بىر ئىمارەت ئىچىگە يۇشۇرنىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىمارەت ئىچىدە بىر قانچە ئادەم بار بولۇشى مۇمكىنكەن. ساقچىلار نۆۋەتتە بۇ بىنانى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ بىنا ئىچىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved