دادا بۇلغاندىن بۇيانقى ئازكەم 4 ئاي ۋاقىت بوۋىقىمنى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان قىلىقلىرىغا ، يىغىسىغا ۋە كۈلكىسىگە قاراپ ئۈتۈپ كىتىپ قاپتۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى ئىشلارنى ئۆگەندىم ، نۇرغۇن ئىشلارغا كۆندۈم ، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا گاڭگىراپ قايمۇقۇپ تۇرۇپمۇ قالدىم ، قىسقىسى ئاتا بۇلۇپ پىشىپ يىتىلىۋاتاتتىم .
ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧھﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ، ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺋﯧﺸﯩﻨﭽﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ھەشەمەت ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻱ- ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﻰ 1960- ﻳﯩﻠﻰ 1ﺩﻩ 30 ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1ﺩﻩ 80 ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ- ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ …
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك نۇرۇز بايرىمى ئەڭ قەدىمى ، ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئېگە بايرىمىمىزنىڭ بىرى .
بۈگۈنگىچە بىزنىڭ قانچىلىك بايراملارنى يېڭىدىن قۇبۇل قىلىپ قانچىلىك بايراملىرىمىزنى تاشلىغانلىقىمىزنى بەلكىم تارىخچلارمۇ ئېنىق بىرنىمە دىيەلمەسلىكى مۇمكىن . مانا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ بۇ ئەڭ قەدىمى بايرىمىمىزنى ھەقىقى تۈردە بايراملىق ھېس تۇيغىلاردا قۇتلۇقلاپ ، قۇتلۇقلىنىپ ئۆتكۈزۈدىغانلار ئازلاپ كىتىپ بارماقتا . بۇ تەرەپلىرى كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺩﻩﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﭼﻪ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ.
ﻣﺎﯕﻐﯘﺩﻩﻙ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ، ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﯧﯖﯩﯔ. ﯞﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ، ﯞﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﻣﯧﻨﯩﯔ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﯓ ﻳﺎﻛﻰﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﻤﻪﯓ، ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺗﯧﻨﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﻻﻳﺴﯩﺰ. ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ، بەزەن بىر سەۋەپلەر بېلەن ۋاقىتلىق توختاپ قالغان تور خاتىرىمىز ئۈچۈن ھەر قايسىڭلاردىن سەمىمىلىك بېلەن كەچۈرۈم سورايمىز . سالامەتلىك ۋە يېڭى تور بەتكە يۆتكىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر بېلەن ۋاقىت سەل ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كىتىپ قالدى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىلىكمىز . بۇيەرلەردە بۇلالماي قالغان ۋاقىتلاردا يوقلاپ تۇرغان ،ساقلىغىمىز ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى قىلىپ تۇرغان دوسلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ! سىزلەرگىمۇ خۇدايىم ساقلىق ۋە خوشاللىقلارنى نىسىپ قىلغاي .
قازان بېشىنى خوتۇندىن تارتىپ ئالدىم .
بىر ئائىلىدە تاماقنى ئەر ئىتەمدۇ ياكى خوتۇن ئىتەمدۇ ؟
بۇ سۇئالغا نۇرغۇن كىشىلەر – ئايال كىشى ئىتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئەر كىشى ئىتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . بۇ خىل قاراشتىكىلەر يېڭىدىن پەيدا بولغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر .
يەنە بىر قىسىم …
مەن نىمە ئۈچۈن كەمبەغەل بۇلۇپ قالدىم ؟
چۈنكى مەن ………………………
1.ئاچكۆز.
2.ياۋۇز…
3.شۆھرەتپەرەس……..
4.بىپەرۋا…….
5.دەسمىنى ئاز سېلىپ پايدىنى كۆپ ئېلىشنى ئىستەيمەن…..
6.ئىدارىگىلا يۆلىنىۋالىمەن……………
7.مەن تاللىنىشقا مۇھتاج……..
8.مەن ھۈنەر ئۆگەنمەكچى……..
9.مەن مائاشقىلا قاراشلىق……….
10.ماڭا خوشاللىق بولسىلا كۇپايە دەپ قارايمەن……..
11.مەن ئالتۇن تاقايمەن…………
12.مەن تېلىۋۇزۇر كۈرىمەن……………
13.مەن قۇرۇق گەپ ساتىمەن ……….
14.دائىم تور ئۇيىنى ئوينايمەن………….
15. بەدەن قۇۋەتلەيدىغان دورا يىمەكلىكلەرنى يەيمەن……..
16.مەن كەمبەغەللىكىمگە قايىل بولمايمەن…….
17.مەن ئۈيۈمگە دائىم مىھمان چاقىرىمەن………..
18.مەن …
توي مۇراسىمى توغرىسىدا
توي توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئەلۋەتتە خۇداغا تەۋەككۈل قىلىپ ئىنساننىڭ قىلىدىغان سەۋەپلىرىگە تەييارلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاچان كىم بېلەن قىلىشنى خۇدا ئۈزى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا ئاتىلار دەيدۇ،<نىكاھ غايىپ>. مەن شۇ نىيەتتە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز توي مۇراسىمىم توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئارزۇلۇق پىلانلىرىمنى تۇزۇپ قويدۇم . بۇنى دوسلار بېلەن ئورتاقلىشىپ باقاي. مەن ئەزەلدىن خىيالىمدا تويىمنى …
باي دادامدىكى يېڭى تەكلىپ باي دادام تور خاتىرىسىدە ئالدىنقى قېتىمدىن باشلاپ ئېلەپ بېرىلىۋاتقان ئۆزىمىز توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى يىغىش پائالىيتىدە دوسلارنىڭ قوللىشى بېلەن خېلى ياخشى تەكلىپلەر مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ ھال كىشىنى خوشال قىلىدۇ . لىكىن بۇ تىمىنىڭ تورداشلار ئارسىدىكى ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك خىيالغا كىلىپ قالدىم . يەنى نورغۇنلىغان تورداشلىرىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك …
تەكلىپىمنىڭ شەبنەمدىكى ئىنكاسى
تەكلىپ توغرىسىدىكى تىمام ھەرقايسى تور بەتلەرگە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇلۇنغان ئىنكاسلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەلدىم :شەبنەمدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە بىر قەدەر بوپ قالغىدەك ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن.
Bidar-Qutlan ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ تەكلىپلىرى:
مەركەزگە 3 تۈرلۈك، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىر تۈرلۈك تۆۋەندىكى پىكىرىمنى دەپ ئۆتەي:
1- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىي خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىسمىدىن تاۋۇش …
تەكلىپىمنىڭ دىيارىمدىكى ئىنكاسى
تەكلىپ توغرىسىدىكى تىمام ھەرقايسى تور بەتلەرگە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇلۇنغان ئىنكاسلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەلدىم :دىيارىمدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە بىر قەدەر بوپ قالغىدەك ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن.
katil731 ئىسىملىق توردىشىمىزنىڭ تەكلىۋى:
1-كىيىمگە چەك قويلىۋاتىدۇ، مەسلەن؛بىزنىڭ ناھيىدە ئىسلامچە ئورنىپ يۇردىغان ئاياللار سىرىتقا چىقسا، ئۇلارنى سولاپ قويۇپ تۇۋىنى 200يۇندىن جېرىمانە تۇلەۋاتىدۇ،بۇ قايسى دۇلەتنىڭ …
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان توردا ئاۋازغا قۇيىدىغان ، بېلەت تاشلايدىغان ،دىگەندەك پائالىيەتلەر خېلىلا كۆپىيىپ قالدى .(مەسىلەن : ئون مۇنەۋەر ياش دەيدۇ، شىنجاڭنى ياكى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس دىگەندەك ….) يەنە كىلىپ بۇ پائالىيەتلەردە ئاۋاز قۇيۇشقا تاللانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا تاشلانغان بېلەت سانىنىڭ باشقا ئاۋازغا قۇيۇلغانلار بېلەن بولغان پەرق بىزنى خېلى مەمنۇن قىلىدۇ، بۇنداق …
ساۋاقداش باياتتىن رادىئودىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئايرىلىش مىنۇتلىرى دىگەن ناخسىنى ئاڭلاپ قالدىم .شۇنىڭ بېلەن خىياللىرىم تا ھازىر غىچە مەن بېلەن ساۋاقداش بۇلۇپ ئۆتكەن باھارلىق ساۋاقداشلىرىم ئىسىمدىن كەچتى . ئۇ ۋاقىتلار شۇ قەدەر تاتلىق ئىدى .ئەشۇ تاتلىق كۈنلەر ئۈچۈن بىر خاتىرە قالدۇرۇشنى ئويلىدىم لىكىن بۇ ئالدىراشچىلىقلاردىن يېتەرلىك ۋاقىت ھەم ئىلھام تاپالماي قېلىپ …
يارى يوقنى بىچارە دەڭلار(مۇھەممەتجان راشىدىن)
يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا بۇ شېئىر خېلى ئۆزكۈچىنى كۆرسىتىپ قۇيىدۇ . ئاپتۇرغا بولغان ھۆرمىتىمدە بۇيەرگەكۈچۈرۈپ كەلدىم .خۇدا مۇشۇنداق تاتلىق مىسرالارنى يازغان شائىرىمىزنىڭ تىنىگە ھەم قەلىمىگە ھاردۇق بەرمىسۇن . يامان كوزلەردىن ساقلىسۇن.
سۆيەرى يوق،سۈيۈنەرى يوق يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.كۆيەرى يوق كۈيۈنەرى يوق يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.
بۇدۇنياغا كەلگىنى بىكارئۆزىگەقۇل ئۆزىگە …