خۇسۇسى شىركەت قۇرۇشتىكى 6 تاشقى ئامىل

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش ، ئۇتۇقنامە باھا:3

خۇسۇسى شىركەت قۇرۇشتىكى 6 تاشقى ئامىل
شىركەت قۇرۇش بىر تۈرلۈك يول ئېچىش خارەكتىرلىك كەسىپ بۇلۇپ ، پەقەت جەمىيەتكە سىڭىپ ، جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىلا ، ئاندىن شىركەت قۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ . شۇڭا كارخانا قۇرۇشتىكى چەكلىگۈچى ئامىللارنى ئىگەنلەش ئىنتايىن مۇھىم .بۇلار ئىچىدىكى تاشقى ئامىللار تۆۋەندىكىچە :
1. سىرتقى مۇھىت بېلەن ماسلىشىش .
بىر شىركەت قۇرۇشتا ، ھامان تۈرلۈك سىرتقى ۋە ئىچكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ . بۇ ئامىللار مۇرەككەپ ، ھەرخىل بۇلۇپ ، دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭغا ناھايىتى دېققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
2. سىياسى مۇھىتتىن پايدىلىنىش .
سىياسى مۇھىت مەبلەغ سېلىپ ئېگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھەربىر مەبلەغ سالغۇچى شىركەت قۇرۇشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسى مۇھىتنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك .
3.ئىقتىسادى مۇھىتتىن پايدىلىنىش .
ھەرقانداق ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتى مۇئەييەن ئىقتىسادى مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ ، ئىقتىسادى مۇھىتتىن تەمىنلىگەن ئەۋزەللىكلەردىن تۇلۇق پايدىلانغاندا ، ئېگىلىك تىكلەش پائالىيىتى ئاندىن راۋاجلىنىدۇ .
4.رايۇنلار مۇھىتىنى ئېگەنلەش .
سىياسى ، ئىقتىسادى مۇھىت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا «پۇرسەت» ، لىكىن «جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك» ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا ، يېڭى شىركەت قۇرغاندا چوقۇم رايۇنلار مۇھىتىدىكى ئامىللارنى ئويلىشىش زۆرۈر .
5. كەسپى ساھەلەر مۇھىتىغا يېقىنلىشىش .
ھەر بىر ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بۇلىدۇ . بىرەر يېڭى شىركەت قۇرۇلسا ، تەبىئىكى ئۇ ئۆزى تەئەللۇق بولغان شۇ ساھەنىڭ پۈتكۈل ئالاھىدىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ . شۇڭا ، ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى باسقۇچتا ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى پۈتكۈل ساھەلەر مۇھىتىغا نىسبەتەن ئېنىڭ تۇنۇشقا ئېگە بۇلۇپ ئاقىدىغان كەسىپنى تاللىشى ، ئاقمايدىغان كەسىپلەردىن ساقلىنىشى كېرەك .
6. ئىستمال بازىرىنى ئويلىشىش كېرەك .
ئىقتىسادنىڭ تەەققىياتىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىستمال كۆز قارىشى ۋە ئىستىمال شەكلىدە مۇقەررەر ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ، شۇڭا مەبلەغ سېلىپ شىركەت قۇرۇش جەريانىدا ، سىياسى مۇھىت ، ئىقتىسادى مۇھىت ۋە رايۇن مۇھىتىنى ئانالىز قىلىپلا قالماي يەنە كىشىلەرنىڭ ئىستىمال كۆز قارىشى ۋە شەكلىنىمۇ ئانالىز قىلىش كېرەك .

شىركەت قۇرۇشتا ، ھەم « باشنى چۈكۈرۈپ ھارۋا سۆرەش » ھەم « باشنى كۆتۈرۈپ يولغا قاراش » كېرەك . بىر مۇنەۋۋەر تەدبىر بەلگۈلىگۈچى چوقۇم يۇلۇققان ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ ، تېخىمۇ يۇقىرى نوقتىئىنەزەر بېلەن تۈرلۈك مۇھىتلارنى ئېگەنلەپ ، كۈزۈتۈپ پىكىر يۇرگۈزگەندىلا ، ئاندىن ھەم پۇرسەتنى ياخشى تۇتالايدۇ ، ھەم جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنالايدۇ ۋە كىشىلەرنى قوللىشىغا ئىرىشەلەيدۇ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.09.13 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ، ،
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.09.16
08:56
1-قەۋەت: «سالام» مۇنداق دېدى:

مەن شىركەت قۇرغاندا سىزنى ئىزدەيمەن .

[Reply]

2011.09.28
15:09
2-قەۋەت: «ئابدۇرەھىم ئابدۇقادىر» مۇنداق دېدى:

ياخشى بىلىملەركەن،،،،داۋاملىق مۇشۇنداق تىملارنىڭ چقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن

[Reply]

باي دادام Reply:

تىرىشقايمىز .

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se