كۈندە ئاز-ئازدىن ئىقتىساد ئۆگۈنۈش(6)

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:2

ېڭى ئەسىردىكى تۇنجى دۇنياۋى چوڭ داۋالغۇچ – پۇل مۇئامىلە كىرزىسى

‹ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمى ئۆگىنەيلى › نىڭ داۋامى .

دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا ، يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىنكى 8-يىل پاجىئەلىك يىل بولدى .
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە ، دومىنا پېچقا تەسىرى بارا-بارا كۆرىنەرلىك بۇلۇشقا باشلىدى.
4-ئايغا كەلگەندە بىرىستون ۋەيران بولۇپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇلدى . 7-ئايغا كەلگەندە ئىككى ئۆي مۈلۈك شىركىتى فاڭدىمي ۋە فاڭلىمېي دا كرزىس پارتىلاپ،كىشىلەردە ساراسىمە پەيدا بۇلۇپ ، ساراڭلارچە نەقلەشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۇرۇلدى . 9-ئاينىڭ بېشىدا ئامرىكا ھۆكىمىتى بۇ ئىككى ئۆي مۈلۈك شىركىتىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامرىكىدىكى تۆتىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى رېيخمان ئاكا-ئۇكىلار بانكىسى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى . شۇنىڭ بېلەن بىرگە مىلام ئاكسىيەسى ئامرىكا دۆلەت بانكىسى تەرپىدىن سېتىۋېلىندى. ئەڭ ئاخىردا ئامرىكىدىكى 5چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىردا ساق قالغان ئىككىسىمۇ ، مورگان سىتانلى بېلەن گاۋشىڭ ، بانكا پېيىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان شىركەت قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى . شۇندىن باشلاپ ئامرىكىدىكى ئىكىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى تەرەققى قىلىپ يەرشارى خارەكتىرلىك پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە ئۆزگەردى .
پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ يەنە بىر ئاتالمىسى پۇل مۇئامىلە بورىنى،يەنى بىر دۆلەت ۋە بىرقانچە دۆلەت ۋەياكى بىرقىسىم ياكى ھەممە قىسمىدىكى باھارلىق پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ يامانلىشىپ كىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ . پۈتكۈل رايۇندىكى پۇلنىڭ قىممىتىنى شىددەت بېلەن تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئىقتىساد ئۇمۇمى مىقتارى ۋە ئىقتىساد كۆلىمى كۆپ مىقتاردا زىيانغا ئۇچىرايدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى زەربىگە ئۇچىرايدۇ كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ ۋەيران بۇلىشىغا ئەگىشىپ ئىشسىزلىق ئېشىپ بارىدۇ .جەمىيەت ئىقتىسادى ئۇمۇمى يۈزلۈك كاساتلىشىدۇ .ھەتتا شۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمىيەتتە ياكى سىياسىدا داۋالغۇچ كۆرىلىدۇ .
شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇ،پۇل مۇئامىلە كىرزىسى كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەزمۇنى .
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۈز بەرگەن دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ كىرزىسى بالايى ئاپىتىنىڭ ئېغىرلىقى بېلەن پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپ قالدى. 1994-يىلدىكى مىكسىكىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ۋە 1997-يىلدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ھەممىسى ئاۋال كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە پەيدا بولدى.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇ،پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى كاپىتالىزىم .پۇل مۇئامىلە كىرزىسى بازار ئېگىلىكىدە ئۆزلىگىدىن پەيدا بۇلىدىغان پۇل كىرىدىت مىخانىزىمىدە مەۋجۈت بولغان بولىدۇ .
پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىنىڭ بىردىنلا كونتۇروللۇقىنى يوقىتىپ، پۇل ۋە كاپىتالنىڭ دېبىت ۋو كىردىتلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بېلەن بۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پارتىلىشى بۇنىڭ ئىسپاتى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ .
سىرتىدىن قارىغاندا ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى تۇرالغۇ ئۆي رەنە قەرزىدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەر سەۋەپلىك بولغان بولماستىن تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان سەۋەپلىرى بار .
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇيىڭزۇ شۇنداق دەيدۇ:ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان سەۋەپلىرى ئىككىگە بۈلۈنىدۇ .
بىرى: ئامرىكا پۇل مۇئامىلە تەرتىۋى ۋە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات تەكشىسىزلىكى .
ئىككىنچى : ئىقتىسادنىڭ ئاساسى قىسمىدا مەسىلە كۈرۈلگەن .
1.پۇل مۇئامىلە تەرتىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى، پۇل مۇئامىلە يېڭىلىق يارىتىش تەڭپۇڭسىزلىقى،پۇل مۇئامىلە نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىقلار، ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرى .
2.ئىقتىسادنىڭ ئاساسى قىسمىدا كۈرۈلگەن مەسىلىلەر پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پارتىلاش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن 60يىلدا ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە دۆلەت ئىچى ئىستىمالى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتتى . بىر تەرەپتىن ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەقلىدلىشىشى،تەقلىدلەشكەن ئىقتىسادنىڭ كۈپۈكلىشىش جەريانىدا ئىشنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئامرىكا تارىختىكى كۆپ مىقتاردىكى قەرزلىرىنى دوللارنى زاپاسلاش ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ قىممەت ئۆتكۈزۈش مىخانىزىمى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا چاچماقچى بۇلىدۇ، بۇئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ بېقىندىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ . ئامرىكا ئىقتىسادى ۋە دوللارنىڭ ئورنىنىڭ تەۋرىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئامرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ قۇيىدۇ.
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى پارتىلاشتىن بۇرۇن،ئامرىكا ھۆكىمىتى چىقارغان بىر قاتار ئىمپورت-ئېكىسپورتنى چەكلەش سىياسەت ۋە قانۇن لاھىيەلىرى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىۋاستە ئامىل بۇلۇپ قالدى . ئىمپورتقا نىسبەتەن تەرەققى قىلىۋاتقان ياساش تىپىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتا سودا قورغىنى قۇرۇش، ئېكسپورتقا نىسبەتەن ھەرخىل تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا چەك قۇيۇش قاتارلىق سىياسەتلەر ئامرىكىدىكى مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ،ئىچكى ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى تۇرمۇزلاپ قۇيىدۇ. مانا بۇلار ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پەيدا قىلغۇچى سەۋەپلىرى .
بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئامرىكىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى بەكلا خورىتىۋەتتى .
بىرىنچىدىن : دۇنيا كاپىتال بازىرىنى كونتۇرۇل قىلىش ئەمەلى كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ .بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدە ئامرىكىنىڭ كۆپ قىسىم مەبلەغ سېلىش بانكىللىرى ، قوش قاتلاملىق فونت ، شەخسى پاي ھوقوقى فوندى قاتارلىقلار ئىنتايىن ئېغىر زەربىگە ئۇچۇردى.
ئىككىنچىدىن : يۇمشاق ئەمەلى كۈچتە ئىپادىلىنىدۇ . ئۆتكەن 20يىلدا ئامرىكىدىكى پۈتكۈل ئىقتىسادى سېستىما ھەممىسى پۇل مۇئامىلىنى مەركەز قىلىپ ئايلاندى، بۇ سېستىما ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى بولدى . كىشىلەر ھەتتا ئامرىكىنىڭ بۇ ئەندىزىسىنى دەۋرىيلىك داۋالغۇش ئۈستىدىن غالىپ كەلدى دىيىشتى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئامرىكىنىڭ ئاتالمىش يېڭىلمەس بولغان بۇ ئۈلگىسى ئۈزۈل كىسىل غولاپ چۈشتى .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.06.27 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.07.2
14:35
1-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.؟قانداق ئەھۋاللىرى.سىلە بىلەن ھىچ كۈرۈشكىلى بۇلمايدۇ.چ چ لىرىمۇ داۋاملىق ئىتىگلىكلان.ئۇنداق قىلماي،پات-پات كىلىپ تۇرالا؟قەدەم يەتسۇن ،بالا يەتمىسۇن.ھاجەتمەنلەر يانلىرىدىن ھەرگىز كەتمىسۇن.

[Reply]

باي دادام Reply:

كەچۈرۈڭ يېقىندىن بۇيان تورغا تۈززۈك چىقالماي قالدىم . يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se