ئىقتىسادى تەرەققىيات دېگەن نىمە ؟

سەھپە: باي دادام تەۋسىيەلىرى باھا:16

ئىقتىسادى تەرەققىيات دېگەن نىمە ؟

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار. ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي. 
ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادى تەرەققىيات دىمەكلىك پۇل بار دىمەكلىكتۇر. پۇل نەدىن كېلىدۇ ؟ پۇلنى پەقەتلا بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى قايسى ئامىل پۇل بېسىش ماشىنىسىنى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ؟
بىر ئارالدا 1000 ئادەم بار دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇلار تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن، ئۆزى ئارا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما بەزىدە قولىڭىزدىكى مال چوقۇم قارشى تەرەپكە لازىملىق مال بولىشى ناتايىن، قانداق قىلىمىز ؟ شۇڭا كىشىلەر ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئالتۇن، كۆمۈشنى ئالماشتۇرۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بويۇم قىلىشىۋالدى، ئالماشتۇرۇشمۇ قولايلاشتى. ئەمما ئالتۇن،كۆمۈشلەر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز، ئاسان سۈركىلىپ ئۇپرايدۇ، ئالماشتۇرۇش مىقدارى كۆپ بولغاندا قولايسىز. شۇڭا كىشىلەر مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئارالدىكى باشقۇرغۇچى مەلۇم بىر بەلگىنى تارقاتتى، مۇشۇ بەلگە ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىق قىلىدۇ- شۇنىڭ بىلەن پۇل بارلىققا كەلدى.
دەسلىۋىدە پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا ئالتۇن،كۆمۈشكە تىگىشكىلى بولاتتى. كۆپچىلكنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم، چۈنكى پۇل دىگەن ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما ئارالدىكى ئالتۇن،كۆمۈش زاپىسى بەك ئاز بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەندە، پۇل يىتىشمەي ئامالسىز توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئالماشتۇرۇشنى توختىتىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، كىشىلەر باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان بويۇملارنى ئىشلەپچىقارمايدىغان بولدى. چۈنكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئالماشتۇرش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى گەپ بويىچە ئېيتساق، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاستىلىدى. ;

 شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك يەنە بىر ئامال ئويلاپ تېپىپ سەررەپخانا قۇرۇشتى. بۇ سەررەپخانا كۆپچىلىككە تەۋە. پۇلنى سەررەپخانا تارقىتىدۇ. بېسىلغان پۇلنى لازىملىق كىشىلەرگە قەرىز بېرىدۇ،كىينچە بۇ كىشىنىڭ پۇلى بولغاندا سەررەپخانىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بانكا پەيدا بولدى.
بانكىنىڭ پەيدا بولىشى، ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك جېننىڭ بارىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.ئارالدىكى مال كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، بانكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن توختىماستىن پۇل باستى. كىشىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەنسىرى، بىر بانكا يىتىشمەي، كۆپلىگەن بانكىلار پەيدا بولدى.ئەمما ھامان ئاساسلىق بىرسى بولۇش كېرەكقۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن بىر سەررەپخانىنى باشقا سەرراپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى،ھەمدە پەقەت مۇشۇ سەررەپخانىنىڭلا پۇل بېسىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگۈلىدى. بۇ سەرراپخانا پۇلنى باسقاندىن كىيىن، باشقا سەرراپخانىلار ئارقىلىق پۇلنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرىز قىلىپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەركىزى بانكا پەيدا بولدى. 

2. تاشقى سودا دېگەن نىمە ؟
بىر كۈنى ئارالدىكى كىشىلەر كىمىنى كەشىپ قىلدى، ئۇلار كىمە ئارقىلىق ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ باشقا بىر ئارالنى بايقىدى. ئۇ ئارالدىمۇ كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇسى كەلدى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنڭ ئارىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بەك كۆپ،مۇنۇ ئارالدىكى مەھسۇلاتلار ئاز. بىر سومغا ئۆزىنڭ ئارىلىدا بىر كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولسا، مۇنۇ ئارالدا يېرىم كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولىدىكەن.شۇڭا، ئۆزىنڭ ئارىلىدىكى پۇلنى مۇنۇ ئارالدا خەجلىمەكچى بولسا،ئۆزىنڭ ئىككى سوم پۇلى بىلەن بۇ يەرنىڭ بىر سوم پۇلىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئايرىۋاشلاش قىممىتى دىگەن ئۇقۇم بارلىققا كەلدى. ئايرىۋاشلاش قىممىتى بىكىتىلگەندىن كىيىن، ئىككى ئارالدىكى كىشىلەر ئۆز ئارا مال ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى- تاشقى سودا دىگەن مۇشۇ. تاشقى سودا كىشىلەرنىڭ سودا مەزمۇنىنى بېيتتى.ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
3. پۇل پاخاللىغى دېگەن نىمە ؟
بىر كۈنلەردە ئارالدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلا ر بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ زادى قانچىلىك پۇل تارقىتىش كېرەكلىگىنى مۆلچەرلەش قىيىنغا چۈشتى. تارقىتىلغان پۇل كۆپ بولۇپ كەتسە، سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئۇنچىلىك كۆپ مال بولمىغانلىغىلى ئۈچۈن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، تارقىتىلغان پۇل ئاز بولۇپ قالسا مال باھاسى چۈشۈپ كەتتى. باھانىڭ مۇقىملىغىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا ھەرقايسى بانكىلاردىن بىر بۆلۈك پۇلنى مەركىزى بانكىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەركىزى بانكا مال باھاسىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ قانچىلىك تارقىتىش بەلگۈلەيدىغان بولدى. مانا بۇ پۇل ئامانەت كۆرسەتكۈچىسى(存款准备金率 تەرجىمىسى خاتا بولسا ئەسكەرتىش بېرەرسىلەر). 
ئەمما بەزى ئەقىللىق كىشىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئۇلار دېڭىز بويىدىن بىر تاشنى تېرىۋېلىپ ، ”بۇ تاش بىر مىليۇن سومغا يارايدۇ !“ دەپ تەشۋىق قىلىپ يۈرۈپ ئۇنى باشقا بىر ئادەمگە سېتىپ بەردى. بۇ كىشى ئارالدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى يىغسىمۇ بىر مىليۇنغا بارمايدۇ دەپ ئويلاپ، سەرراپخانىدىن قەرىز ئالماقچى بولدى. سەرراپخانىنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، يەنە بىر مىليۇن پۇلنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قەرىز بەردى، ئۇ تاشنى سېتىۋالدى.-
  بۇ كىشى يەنە بىرمىليۇنلۇق باھادا بۇ تاشنى يەنە بىر كىشىگە سېتىپ بەردى. ئەڭ دەسلەپ تاشنى ساتقۇچى كىشى پۇلنى ئارالدا خەجلىگەچكە، ئارالدىكى پۇل كۆپەيدى. ئەمما ئۇ تاشنى ئىككى مىليۇنلۇق باھادا قولدىن چىقارماقچى بولغاندا، سەرراپخانا يەنە بىر مىليۇن پۇلنى ئارتۇق بېسىشقا مەجبۇر بولدى.شۇنداق قىلىپ پۇل بارغانسىرى كۆپەيدى، ئەمما بۇ تاش داۋاملىق ئالماشتۇرۇلسىلا كىشلەر ئارالدىكى پۇلنىڭ كۆپلىگىنى ھىس قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ تاشقا ئېرىشكۇچى كىشى، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسىلا، بۇ ئارالدا بىكاردىن –بىكارغا N مىليۇن پۇل كۆپىيىپ قالىدۇ. تاش بولمىغاندىن كىيىن ئارالدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەشكە باشلايدۇ- پۇل پاخاللىغى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇ- تاشنىڭ ئىگىسى ئارالنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان.
4. ئۆي باھاسى جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلالامدۇ ؟
جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى مەركىزى بانكىنى ناھايىتى كۆپ خەلق پۇلى تارقىتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەنلىك، ئاشۇ تاشنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر، ئارتۇق بېسىلغان ئاشۇ پۇللار جۇڭگۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ ناھايىتى ئېغىر پۇل پاخاللىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆي باھاسى بىلەن تاشنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ خاراكتىرى ئوپمۇ-ئوخشاش- يەنى باھاسى ئەسلى قىممىتىدىن ناھايىتى يىراقلاپ كەتكەن. ئۆي-مۈلۈك كەسپى ۋەيران بولسا زىيان تارتىدىغىنى بانىكلار بولماستىن،بەلكى جۇڭگۇنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادى سېستىمىسى. نىمىشقا ھۆكۈمەت ئۆي باھاسىنى چۈشۈرمەيدۇ؟ چۈشۈرەلمەيدۇ ئەمەس،چۈشۈرەي دىسە بىر مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن چۈشۈرۋىتەلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان پۇل پاخاللىغىغا كىم مەسئۇل بولىدۇ ؟
ئۆي-مۈلۈك كەسپى جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان( گۆرۆگە ئېلىۋالغان)، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەت،ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
كىمنىڭ باش مىنىستىر بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پاك بولسۇن، چىرىك بولسۇن، ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى قول تۇتىدىغان مەسىلە.
 5. ئۆي باھاسى بىلەن پۇل پاخاللىغىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
قول تۇتىدىغان مەسىلە يالغۇز بۇ يەردىلا ئەمەس. ئۆي باھاسى چۈشسە، پۇل پاخاللىغىغا دۇچ كېلىدىغان گەپ، ئەگەر ئۆي باھاسى چۈشمىسە، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان پۇل پاخاللىغىغا دۇچ كېلىدىغان گەپ.زادى قانداق قىلىش كېرەك. 
شۇڭا ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل ئۆي باھاسىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن كىيىن جەمئىيەتتىكى مەھسۇلاتلار كۆپەيگەن چاغدا پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىش. باشقا سىياسەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، مەسىلەن، ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش، سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆپەيتىش، قەرىز كۆلىمىنى قىسقارتىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى ”تىنىچ-ئامان قوندۇرۋېلىش“. بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان مەمۇرىي بۇيرۇقلىرى مۇشۇ لوگىكا بويىچە مېڭىۋاتىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆي-مۈلۈككە ئائىت تەڭشەش سىياسەتلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ.
ئەمىسە نىمىشقا ئۆينىڭ باھاسى تۇراقلاشماستىن بارغانسىرى ئۆسۈپ كېتىدۇ ؟ ئەجابا ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئويۇن ئويناۋاتامدۇ ( بۇ يەردىكى بىر سۆز خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتكە كىرگۈزۈلمەپتۇ، خەنزۇچە ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن ئېلىندى)؟ سىزگە ئېيتسام، جۇڭگۇدا ھىچكىم كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن كۈچ ئېلىشالمايدۇ. ئىككى-تۆت تال يوغان قورساق سودىگەرلەرنىڭ ئۇنچىلىك قۇدرىتى يوق. ئەمەلىيەتتە پەردە ئارقىسىدىكى يەنە بىر قارا قول جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، بۇ قارا قول دەل چەتئەل مەبلىغى- ئامرىكا ۋەكىللىكىدىكى جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگۇ خەلقنىڭ قېنىنى شوراش ئۈچۈن سۇنغان قارا قولى.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار. باي دادام تور خاتىرىسى

2010.12.29 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ،
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.01.1
13:04
1-قەۋەت: «تارىم» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بلوگىڭىزنىڭ "2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ" شەرەپىگە ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

[Reply]

2011.01.1
15:23
2-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،بلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق 10چوڭ بلوگنى باھالاشتا ئۈزۈپ چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!!!

[Reply]

2011.01.1
18:38
3-قەۋەت: «جەلىپكار» مۇنداق دېدى:

بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىلىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگە شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن،باسقان ئىزلىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن!

[Reply]

2011.01.1
19:34
4-قەۋەت: «چەۋەنداز» مۇنداق دېدى:

بلوگىڭىزنىڭ 10 نادىر بلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن قېرىندىشىم. سىزگە زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!

[Reply]

2011.01.2
17:20
5-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

بايئاخۇننىڭ بلوگىغا مۇبارەكلەر بولسۇن ! دۆلىتىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن !

[Reply]

2011.01.3
01:00
6-قەۋەت: «بۆرەيار» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن ….تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن.

[Reply]

2011.01.3
21:38
7-قەۋەت: «ئابرال» مۇنداق دېدى:

بىلوگىڭىزنىڭ 10 چوڭ بىلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.داۋاملىق تىرىشقايسىز!

[Reply]

2011.01.9
07:31
8-قەۋەت: «ماكاندىر» مۇنداق دېدى:

سالام:
بىلوگڭىزنىڭ ئىرىشكەن شەرپىگە چىن كۆڭلۇمدىن خۇشتار بولدۇم.
ئارىمىزدىن مۇنەۋۋەر كارخانچىلار نىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلشىنى بەك ئۇمىد قىلمەن.

[Reply]

2011.02.12
20:51
9-قەۋەت: «بىلىمدان» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن ۋپ غا كۆچىۋاپلا

[Reply]

باي دادام Reply:

رەھمەت دوستۇم . بىرلىكتە تىرىشايلى

[Reply]

2011.02.14
08:47
10-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

پۇل پاغانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن پۇلنى قىسسا ئىقتىسادى تەرەقىيات ئاستىلمامدۇ ؟
قىسمىسا مال باھاسى ئۆرلەپ كەمبىغانلەر قىيىن كۇندا قالدۇ ؟
مۇقۇم تۇتۇپ تۇرۇرش ئەۋزەلكەن .

[Reply]

باي دادام Reply:

پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت بەزەن بىر تەڭشەش سىياسەتلىرىنى قوللىنىدۇ، بۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىز دىگەن پۇلنى قىسىش بىر خىل تەدبىر، بۇنىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ . قىسسا ئەۋەتتە ئىقتىسانىڭ ئېشىش سۈئىتىگە ئازراق تەسىر بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە پۇل پاخاللىقىدا كۆپرەك تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى بىز كەمبەغەللەر .
يېقىندا قوشقان ئىقتىساد ئۆگۈنۈش سەھىپىسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدۇ، شۇنىڭ مۇشۇ ئالدىدىكى باپلىرىدا مۇشۇ پۇل پاخاللىقى ۋە ئۇنىغا قانداق يۈزلىنىش مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تىما بار . شۇلارنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئەتراپلىك بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

[Reply]

2011.02.15
00:49
11-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

بولىدۇ ، بولسا بۇ بىلوكنىڭ ئىقتىسادتا مۇكەممەل بوپچىقىشىغا تىلەكداشمەن .

[Reply]

باي دادام Reply:

تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت . بىرلىكتە تىرىشقايمىز .

[Reply]

2011.02.18
21:41
12-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

بىلوگڭىزنىڭ ئىرىشكەن شەرپىگە چىن كۆڭلۇمدىن خۇشتار بولدۇم.
مەن سىزىنڭ بۇبىلۇگىڭىزنىڭ تىخېمۇ كۇپ ئۇتۇقلارغا ئىرششكە تىلەكداشمەن.
مەنسىزىنڭ ئقتساد تۇغرسىدىكى ھەربىرماقالىڭىزنى تەپسىلى ئۇقۇپچىقتىم.ھەم شۇنداقىلا ناھايىتى نەمنۇن بۇلدۇم.تىخىمۇ تىرشىپ بىزىنڭ ئېقتساد تۇغرىسىدىكى بىلممىزنىڭ مۇل بۇلشىغا بىركىشلىك ھەسسىڭىزنى قۇششىڭىزنى سەمىمى ئۈمىد قىلمەن.

[Reply]

باي دادام Reply:

تەبرىكىڭىزگە رەھمەت . سىزنىڭ بىزدىن كۈتكۈن ئۈمۈدلىرىڭىز، بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز ، بۇنى چۇقۇم ئاقلاپ چىقىشقا تىرىشىمىز . رەھمەت سىزگە .

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se