< باي دادام > غا قۇتلۇق بولسۇن، 10چوڭ بىلوگغا قۇتلۇق بولسۇن !
خوش خەۋەر،< باي دادام >نى ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى !
گەرچە ئۈچ كۈن ئۈتۈپ كىتىپ قالغان بولسىمۇ، سەھرا قىيامەتتىكى پېقىرنىڭ ئالدىراشلىق تۈپەيلى بۇ خوش خەۋەرنى كىچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىمنى ۋە يەتكۈزگەنلىكىمنى ئەيىپكە بۇيرىماڭ .
جامائەتكە مەلۇم بولغىنىدەك، <2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ> تاللاش ئېلىپ بىرىلىۋاتاتتى، پېقىرمۇ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان . نەتىجىدە ئەلگە ئاز بولسىمۇ نەپ ئېلىپ كىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ بىلوگ، ئەلنىڭ نەزرىگە ئىلىنىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شەرەپ بېلەن 10 چوڭ بىلوگنىڭ بىرى بۇلۇپ باھالاندى .
بۇ ئەلنىڭ ئىشەنچى، بۇ ئەلنىڭ ئۈمۈدى .
بۇ باھا <باي دادام> غا زور ئۈمۈد ئىشەنچلەرنى ئاتا قىلدى . ئەلگە ئازبولسىمۇ نەپ ئىلىپ كىلىش مەقسىدى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەرگە ئىنتايىن چوڭ مەدەتلەر بولدى . بۇلار ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان باھارلىق بىلوگگىرلارغا رەھمەت. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان يۇكسەل ئەپەندىگە رەھمەت. <باي دادام>نى قوللىغان ۋە يوقلىغان باھارلىق تورداش دوسلارغا رەھنەت .
ھەممەيلەن ئەلگە نەپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشقايمىز !
ئاخىرىدا بارلىق <<2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ>> قۇرغۇچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سىلەرگە قۇتلۇق بولسۇن ! ھارماڭلار !