كۈندە ئاز-ئازدىن ئىقتىساد ئۆگۈنۈش(7) دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى .

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:2

پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاپەت __ دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى .

‹ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمى ئۆگىنەيلى › نىڭ داۋامى .

تەرجىمە قىلغۇچى :م.ئى.خۇدۇيۇم
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسلاندىيە زۇڭلىسى خارد تىلىۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ پۈتۈن مەملىكەتكە چىقارغان ئاگاھلاندۇرىشىدا «قېرىنداشلار بۇ بىر ھەقىقى خەتەر، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىسلاندىيەنىڭ خەلق ئىگىلىكى ، ۋە بانكا سېستىمىسى ئوخشاش بىر قاينامغا كىرىپ قالدى ، نەتىجە دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » دىدى .
بۇ ۋاقىتتا ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىسلاندىيە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ گۈزەل ، پاكىزە ، پۇل مۇئامىلىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بۇرۇنقى جەننەتتەك بىر ماكان بولماستىن بەلكى ، 138مىلىيارت 3يۈز مىلىيۇن تاشقى قەرزگە بۇغۇلغان بىر دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى .
بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى شىددەت بېلەن تۆۋەنلەپ قارا ئۇتۇپىيەگە كىرىپ قالدى .
ئادەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ باياشات ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى بېلەن بۈگۈنى تاپسا ئەتىگە يوقتەك قورقۇنۇشلۇق ھالەتكە كىرىپ قالدى .
ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 320مىڭ ، ئىلگىرى ئاساسلىق بېلىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى . 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ئۇدا 10يىل تىز سۈرئەتتە ئېشىشتەك ئالتۇن دەۋىرگە كىردى . بۇ ېاقىتتا ئىسلاندىيەنىڭ بانكا سېستىمىسى تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ تەرەققى قىلدى .ئۇلار تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارماق بانكىلارنى قۇرۇپ ، كۆپ مىقتاردا قەرز تارقاتتى . شۇنىڭ بېلەن بانكا ئىسلاندىيە ئىقتىسادىدا ئەڭ كۈچلۈك تايانچقا ئايلاندى .
2008-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە كەلگەندە ئىسلاندىيەنىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنىڭ ئۇمۇمى مۈلكى 14تىرلىيۇن 400مىلىيارت كۇرۇنا ، تەخمىنەن 128مىلىيارت دوللار بولغان . شۇنىڭ بېلەن تەڭ 2007-يىلى ئىسلاندىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى (GDP) بىر تىرلىيۇن 300مىلىيارت كۇرونا بولغان .
بانكا مۈلكىنىڭ كۆپ مىقتاردا جۇغلىنىشى ئىسلاندىيەلىكلەرگە ئابدانلا نەپ ئېلىپ كەلگەن . شۇنىڭ بېلەن بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان (GDP) سى دۇنيادىكى 4 – ئۇرۇنغا چىقىدۇ . بۇ دۆلەتنى پاكىزە گۈزەل مەنزىرىسى ، ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پاراۋانلىق سىياسىتى بۇ جاينى پۈتۈن دۇنيا كىشىللىرى ئىنتىلىدىغان بەخىتلىك بىر ماكانغا ئايلاندۇرغان .
بىراق بۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ زەربىسى باشلىنىشى بېلەن بۇ دۆلەت شۇنى بىلدىكى ئۇلار ئەسلىدە بافىت ئېيتقاندەك «يالىڭاچ سۇ ئۈزگۈچى» بۇلۇپ قالغان .
زۇڭلى خارد ئېتىراپ قىلىپ شۇنداق دىدى : ئىسلاندىيە بانكا سانائىتىنىڭ ئۈزۈل كىسىل كىرزىسقا پېتىش سەۋەبىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەۋرىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىش بېلەن تەڭ ئىسلاندىيە دۆلىتىنى گۇمران بۇلۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى .
بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا دائىم مەلۇم شىركەت ياكى كارخانا ۋەيران بوپتۇ ، تاقىلىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايتۇق ، لىكىن ئەزەلدىن دۆلەت گۇمران بوپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق ، لىكىن بۇخىل ھادىسە ھەقىقەتەن پەيدا بولدى . ئىسلاندىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى كۈچلۈك تەسىرىدە ۋەيران بۇلۇغ گىردابىغا بېرىپ قالدى .
ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەتلەر كۆپىيىپ كەتتى . دۇنيادىكى ئىناۋەتلىك باھالاش ئورگانلىرىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا يەنە بىر قاتار دۆلەتلەر «گۇمران بۇلۇش » گىردابىغا بېرىپ قالغان .
ئەلۋەتتە دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلۇش ئۇقىمى باشقىدەك ئۇنچە بەك قاتتىق ئەمەس ئالاھىدە بىرخىل بۇلىدۇ . نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بىر ئىقتىسادى ئورگان كىچىكتە بىر ئائىلىدىن ، بىر دۆلەتكىچە ، مۈلۈك ، قەرزىنى قامدىيالمىسا گۇمران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ . لىكىن دۆلەت بېلەن باشقىلار ئوخشاش بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قۇلىدا بىرىنچىدىن باج يىغىش ھوقوقى بار ، ئىككىنچىدىن قەغەز پۇل تارقىتىش ھوقوقى بار ، ئۈچۈنچىدىن قەرز ئېلىش ھوقوقى بار ، بۇ ئۈچ ھوقوقنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى گۇمران بۇلۇشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، لىكىن غەرىپتىكى دۆلەتلەردە بۇ ئاللا قاچان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى ، بۇ ھالەت يەنى ھۆكىمەتنىڭ ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
بۇنىڭغا قارىتا ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس شۈدۇڭخۇا : ئاتالمىش دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەت ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ نۆۋەتتىكى تەسۋىرى دەپ تۇنۇشقا بۇلىدۇ . دەيدۇ .
ئۇ يەنە : دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى -بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىدا ئالدى بېلەن سودا قىزىل رەقىمى پەيدا بۇلۇپ ئاندىن كۆپ مىقتاردا مالىيە قىزىل رەقىمى پەيدا بۇلىدۇ ، يەنە كۆپ مىقتاردىكى تاشقى قەرزگە بۇغۇلغان بۇلىدۇ .ئەڭ ئاخىردا بۇ دۆلەت تاشقى قەرز ئارقىلىق تۇلۇقلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان بۇلىدۇ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتى تۈگەيدۇ .مانا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا بۇ دۆلەت گۇمران بۇلغان بۇلىدۇ . دەيدۇ .
كەينى كەينىدىن ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قانداق قىلىپ قۇتقۇزۇپ قېلىش قاش بېلەن كىرپىكنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان بىر ۋەزىپە بۇلۇپ قالدى .
ئەڭ بۇرۇن 2000-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى كىلوگىر خانىم بىر ھەل قىلىش مىخانىزىمىنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇنىڭدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMFيادرولۇق ئورۇننى تۇتقان . بۇ لاھىيە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان .
ئىككى يىلدىن كىيىن IMF يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتكەن لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغان .بۇنىڭدا IMF پەقەت كىسىم قىلىش ۋە نازارەت قىلىش رولىنى ئۆتىگەن .
ئەينى يىللىرى ئارگىنتىنانىڭ قەرز كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامرىكا ھۆكىمىتى يۇقىرقىدەك لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويدى .لىكىن ئۈنۈمى تازا دىگەندەك بولمىدى .
داڭلىق مۇتەخەسىس ساۋفىڭچىڭ مۇنداق دەيدۇ :
بىرىنچىدىن ، خەلقئارادىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش كېرەك ، مۇشۇ قېتىم ئىسلاندىيە روسىيەدىن قۇتقۇزۇش قەرزى تەلەپ قىلغاندەك .خەلقئارا ياردەم ئارقىلىق بېسىمنى يىنىكلىتىش كېرەك .
ئىككىنچىدىن سۆھبەت ئارقىلىق قەرز كەچۈرۈم قىلىشقا ئېلىپ بېرىش كېرەك . جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز كىرزىسىدەك .
ئۈچىنچىدىن دۆلەت ئىچىدىكى پۇخرالارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ قىيىنچىلىقتىن بىرلىكتە ئۈتۈشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك .
مانا مۇشۇنداق ھەر تەرەپتىن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.08.12 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.08.12
17:33
1-قەۋەت: «ئىكىرام» مۇنداق دېدى:

نىمەدىگەن قورقۇنۇشلۇق .. بەك ياخشى تېما يوللاپسىز.!!

[Reply]

2011.09.18
22:54
2-قەۋەت: «مەمەتئېلى» مۇنداق دېدى:

بۇ تېمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ناھايىتى ياخشىكەن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se