2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسلاندىيە زۇڭلىسى خارد تىلىۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ پۈتۈن مەملىكەتكە چىقارغان ئاگاھلاندۇرىشىدا «قېرىنداشلار بۇ بىر ھەقىقى خەتەر، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىسلاندىيەنىڭ خەلق ئىگىلىكى ، ۋە بانكا سېستىمىسى ئوخشاش بىر قاينامغا كىرىپ قالدى ، نەتىجە دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » دىدى .
بۇ ۋاقىتتا ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىسلاندىيە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ گۈزەل ، پاكىزە ، پۇل مۇئامىلىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بۇرۇنقى جەننەتتەك بىر ماكان بولماستىن بەلكى ، 138مىلىيارت 3يۈز مىلىيۇن تاشقى قەرزگە بۇغۇلغان بىر دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى .
دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتىقاندا ، يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كىيىنكى 8-يىل پاجىئەلىك يىل بولدى .
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە ، دومىنا پېچقا تەسىرى بارا-بارا كۆرىنەرلىك بۇلۇشقا باشلىدى.
4-ئايغا كەلگەندە بىرىستون ۋەيران بولۇپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇلدى . 7-ئايغا كەلگەندە ئىككى ئۆي مۈلۈك شىركىتى فاڭدىمي ۋە فاڭلىمېي دا كرزىس پارتىلاپ،كىشىلەردە ساراسىمە پەيدا بۇلۇپ ، ساراڭلارچە نەقلەشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۇرۇلدى .
ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ئىقتىسادقا كۈڭۈل بۈلىدىغان ھەرقانداق كىشىگە نىسبەتەن ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ناتۇنۇش ئەمەس . چۈنكى 2007-يىلدىن باشلاپ بۇ ئىسىم ھەرقايسى مىدىيا ۋاستىللىرىدا توختىماستىن چىقىپ تۇردى . ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئامرىكا ئىقتىسادىنى تىز سۈرئەتتە چىكىندۈرۈپ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھەتتا ئىقتىسادى كىرزىسقا يۈزلەندۈرۈپ قويدى
خەلق پۇل قىممىتىنىڭ ئۆسىشى ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش ؟ بۇنىڭ ئادەتتىكى پۇخرالارغا قانداق تەسىرى بار ؟ بۇنىڭغا كىشىلەر قانداق مۇئامىلە تۇتىشى كېرەك ؟
ئامرىكا نىمە ئۈچۈن خەلق پۇل قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە شۇنچە بېسىم ئىشلىتىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار ساراڭمۇ ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان ؟
پۇل پاخاللىقىنىڭ سەۋەپلىرى ئىنتايىن كۆپ ھەم مۇرەككەپ ، مەسىلەن : مال باھا كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى بۇلۇپ كىتىش ، ئىقتىساد قىززىپ كەتكەن ، يېتەكچى تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بۇلۇش ،سىياسى ئامىل قاتارلىق ئامىللار . بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سەۋەپلىرى توغرىلىق ئۇنچە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق . ئەڭ مۇھىمى بېسىمنى ۋە زىياننى ئازايتىش ھېساپلىنىدۇ .
ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشكە پۇخرالار ئامالسىز . ئاساسلىقى ھۆكىمەتنىڭ تەڭشىشىگە ، مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر ۋە تەدبىرلەرگە تايىنىپ كونتۇرۇل قىلىندۇ .
2007-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا باشلانغان پۇل پاخاللىقى كىشىلەر ئەڭ بەك كۈڭۈل بۈلىدىغان قىززىق نوقتا بۇلۇپ قالدى، ئالايلۇق ئاشلىق باھاسى ئۆستى، ماي باھاسى ئۆستى،ئۆينىڭ باھاسى تېخىمۇ بەك ئۆستى،بۇنداق باھا ئۈسۈشلەر ئىنتايىن كۆپ .
بۇخىل باھا ئۈسۈشلەر بىر قىسىم سەزگۈر پۇخرالارنى بىر ئاز جىددىلەشتۇرۇپ قويدى،مەيلى ئىشخانا ياكى مەيلى بازارلاردا، مەيلى تورلاردا بولسۇن،بۇ توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار كۆپىيىپ قالدى .
پۇل پاخاللىقى بولسا پۇلنىڭ كورسىنىڭ چۈشۈپ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئاددى قىلىپ مۇنداقلا ئېيتساق، بىر ئادەم تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ، قېرىغىچە بولغان بىر ئۆمۈر جەريانىدا، قانداق ئاساسى مەسىلىگە يۇلىقىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئىزچىل يۇلۇقۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە.ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ چەكلىك بولغان بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغىلى بۇلىدۇ؟ ئەمما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل بوشاشماستىن تىرىشىۋاتقىنى يەنىلا ئقتىساد ئىلمى. بۇچۈشەنچە ئىقتىساد ئىلمىگە قارتا ئەڭ ئۇمۇملاشقان چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك . ئەمما ئىقتىساد پىنى ھازىرقى زامان ئىلىم پىنى بۇلۇش سۈپىتى بېلەن بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ ئىشلىتىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز.
بىر يۇەن بېلەن خوجايىن بولغىلى بۇلامدۇ ؟
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
”يەككە شىرىكسىز كارخانا قانۇنى“ 2000-يىلى 1-ئاينى 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمى يولغا قۇيۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەر بىر يۇەن پۇل بولسىلا …
ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخنى قانداق مۆلچەرلەش كىرەك
بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىز دائىم «مۇنداق ئىگىلىككە بىر قانچە مىڭ مەبلەخ سالسا بولىدۇ»ياكى بولمىسا «مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە تۇمەن مەبلەخ سېلىپ ئۆزى كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدۇ»«بىر قانچە مىڭ يۇەن مەبلەخ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى بولىدۇ »دىگەندەك خىلمۇ –خىل تۇردىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىنى …
ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك باج توغرىسىدىكى بىلىملەر
1.باجىنىڭ تۇرلىرى
(1)قوشۇلما قىممەت بېجى .سودا ساھەسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر ئادەتتە سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن %4باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە پۇل تاپشۇرۇپ قوشۇلما قىممەت بېجى تۆلەيدۇ.سانائەتتىن باج يىغىش نىسبىتى %6 بولىدۇ.
(2)ئىستىمال بېجى.
ئاق ھاراق ۋە پوجاڭزا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يەككە تىجارەتچىلەر سېتىلىش مىقدارىغا قاراپ %15ئىستىمال بېجى …
ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئەڭ ئاسان قايمۇقىدىغان بەش خىل ئامىل
كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار دائىم ئۆز-ئۆزىدىن <مەن زادى تەييارلىنىپ بولدۇممۇ يوق؟>دەپ سۇئال سورايدۇ.ئەمەلىيەتتە ،شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئورتاق بىر بەلگىلىمە يوق.ئىگىلىك تىكلەشكە زور مەبلەج بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.چوڭ كۆلەم قۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق،ھەتتا ھەشەمەتلىك ئىشخانا ياكى دۇكان بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق .ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ …
ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇرى ۋە ساپاسى
ھەر خىل تۇردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا گەرچە ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولسىمۇ ، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خۇسۇسىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ.
غەلبە قازانغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردا بار بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك ۋە ساپاسى
1.ئارزۇ ئارمان
ئارزۇ ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر خىل نىشانى .
ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسى بىلەن …
مىللى كارخانىلار نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇلاردا ساخلىنىۋاتقان مەسىلىلەر .
ئەمگىكىمگە ھۆمەت قىلىڭ ، رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ .
2006- يىلى بىر ماقالە يېزىش ئۈچۈن ئازىراق ئىزدىنىپ كىچىك ئىلمى ئەسەرنى روياپقا چىقارغان ئىدىم . يۇ قارقىلار شۇ قېتىم يازغان ماقالامنىڭ ئاساسى مەزمۇنى . ۋاقىت مۇنا سىۋىتى بېلەن ئەڭ قىسقا نان تىگىدىغان …