قىممەتكە يارىمايدىغان ئارقا كۈرۈنۈش –پۇل پاخاللىقى. (ئىقتىساد ئۆگىنىش)

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:10

ھازىرقى زاماندىكى قىززىق نوقتا ـ كىشىلەر چۇقۇم ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنۈپ قۇيىشى كېرەك.

قىممەتكە يارىمايدىغان ئارقا كۈرۈنۈش –پۇل پاخاللىقى.

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

2007-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا باشلانغان پۇل پاخاللىقى كىشىلەر ئەڭ بەك كۈڭۈل بۈلىدىغان قىززىق نوقتا بۇلۇپ قالدى، ئالايلۇق ئاشلىق باھاسى ئۆستى، ماي باھاسى ئۆستى،ئۆينىڭ باھاسى تېخىمۇ بەك ئۆستى،بۇنداق باھا ئۈسۈشلەر ئىنتايىن كۆپ .
بۇخىل باھا ئۈسۈشلەر بىر قىسىم سەزگۈر پۇخرالارنى بىر ئاز جىددىلەشتۇرۇپ قويدى،مەيلى ئىشخانا ياكى مەيلى بازارلاردا، مەيلى تورلاردا بولسۇن،بۇ توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار كۆپىيىپ قالدى .
پۇل پاخاللىقى بولسا پۇلنىڭ كورسىنىڭ چۈشۈپ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
بۇنى يەنىمۇ ئاممىبابلاشتۇرسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇلنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يارىماي قېلىشى بۇلۇپ،ئوخشاش مىقتاردىكى پۇلغا ئەسلىدىكىدەك بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قېلىشى بۇلۇپ، ئەگەر يېرىم يىل بۇرۇن 20يۇەنگە بىر كىلو گۆش كەلسە ھازىر 40يۇەنگە بىر كىلو گۆش كىلىدغان بۇلۇپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسىنىڭ بۇنداق بەك ئۈسۈشى، پۇلنىڭ پاخاللىشى، ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىش بۇلۇپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇ ـ پەقەت گۆش باھاسىلا ئۆسمەستىن ئەتراپتىكى كۆپ قىسىم تاۋارلارنىڭ باھاسى تەڭ ئۆسسە شۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن پۇل پاخاللىقى ئۆستى دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ.ئادەتتە خەلق پۇل پاخاللىقىنى تازا بەك ياختۇرۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇلىنىڭ قىممىتى بولماي قالمايدۇ ، دەل پۇل پاخال مەزگىلدە تاپىدىغان پۇلمۇ كۆپ بۇلىدۇ .
پۇل پاخاللىقىنى بىر نەچچە تۈرگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ . بىراق ئوخشاش بولمىغان پۇل پاخاللىقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەم جەمىيەت ئىقتىسادىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

1. مۆتىدىل پۇل پاخاللىقى (温和的通货膨胀): بۇ، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %3-%2 پىرسەنت ئەتراپىدىكى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ %5 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان، باشتىن ئاخىر مۇقىم بولغان بىر خىل پۇل پاخاللىقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە ھەريىلى مال باھاسىنىڭ ئۈسۈش نىسبىتى %2.5 دىن كىچىك بولسا پۇل پاخاللىقىنى ھېس قىلمايدۇ، مال باھاسىنىڭ ئۈسۈش نىسبىتى %2.5 بولغاندا كىشىلەر بىلىپ بىلمەي پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن بۇلىدۇ .
بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا ئازىراق مۆتىدىل پۇل پاخاللىقىنىڭ مەۋجۈت بۇلىشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رولى بار دەپ قارايدۇ. چۈنكى مال باھاسىنىڭ ئۈسۈشى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپرەك پايدا ئېلىپ كىلىدۇ،كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭ بېلەن بىرگە مۆتىدىل پۇل پاخاللىقى جەمىيەتتە بەك چوڭ پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلالمايدۇ . بۇخىل پۇل پاخاللىقى بىرخىل سىلىقلاشتۇرغۇچى مايلىق رولىنى ئويناپ ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.شۇڭلاشقا كىشىلەر بۇنى‹سىلىقلاشتۇغۇچى ماي سىياسىتى›دوپ ئاتىشىدۇ.

2. تىز سۈرئەتلىك پۇل پاخاللىقى(快速的通货膨胀) :بۇ بىرخىل تىز سۈرئەتتە يامانلىشىدىغان،ئىنتايىن تېز سۈرئەتلىك پۇل پاخاللىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇخىل پۇل پاخاللىقى پەيدا بولغاندا،پۇل پاخاللىق نىسبىتى يۇقىرى بۇلىدۇ. (ئادەتتە ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى بۇلىدۇ). كىشىلەرنىڭ پۇلغا بولغان ئىشەنچىسى بەكلا تەۋرىنىپ قالىدۇ . جەمىيەتتە بىر خىل ئىقتىسادى داۋالغۇچ پەيدا قىلىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ بىرخىل خەتەرلىك پۇل پاخاللىقى .

3. يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى(恶性的通货膨胀) : بۇ بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى سۈرئىتى پەۋقۇلادە تىز پۇل پاخللىقى .
بۇخىل پۇل پاخاللىقى ئىنتايىن تېز پەيدا بۇلىدۇ.پاخللىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى(ئادەتتە ئۈچ خانىلىق ساندىن يۇقىرى) ھەتتا پۈتۈنلەي كونتۇرۇللۇقنى يوقىتىدۇ، نەتىجىدە ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە مال باھاسى ئۆسىدۇ، پۇلنىڭ قىممىتى كەڭ كۆلەمدە چۈشىدۇ،كىشىلەرنىڭ پۇلغا ولغان ئىشەنچىسى پۈتۈنلەي يوقالغان بۇلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى بىر پارچە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالىدۇ، نورمال جەمىيەت ئىقتىسادى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ، ئەڭ ئاخىردا پۈتكۈل جەمىيەت گۇمران بۇلۇش گىردابىغا بارىدۇ، ھۆكىمەت تەخىتتىن چۈشىدۇ.
بۇخىل پۇل پاخاللىقى ئادەتتە ئىقتىسادى تەرەققىيات داۋامىدا كەم ئۇچىرايدۇ.
مەسىلەن تارىختا، 1923-يىلى گىرمانىيەدە پەيدا بولغان، ئەينى ۋاقىتتا بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياقلاشقان ئىدى ، قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە گىرمانىيەدىكى مال باھاسى %2500 پىرسەنت ئۈسۈپ كەتكەن . بىر مارك نىڭ قىممىتى 10مىلىيارت تىن بىر گە چۈشۈپ قالغان.
يەنە بىرى، 2008-يىلى زىمبابۋىدا يۈز بەرگەن، پۇل باخاللىق نىسبىتى %231000000 بولغان .

4. يۇشۇرۇن بولغان پۇل پاخاللىقى(隐蔽的通货膨胀) : بۇ خىل پۇل پاخاللىقى ھۆكىمەت تەرپىدىن تىزگىنلىنىپ قالىدىغان پۇل پاخاللىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق پۇل پاخاللىقى جەمىيەت ئىقتىسادىدا يۇشۇرۇن پۇل پاخاللىق بېسىمى مەۋجۇت بولغان ۋە ياكى يۇشۇرۇن باھا ئۈسۈش خېيىم خەتىرى بولغان لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بولغان باھا كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، كونتۇرۇل قىلىنىپ سادىر بولمىغان پۇل پاخاللىقىنى كۆرسىتىدۇ .
بىراق بۇخىل كونتۇرۇل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كىيىن ياكى بوشاشتۇرغاندىن كىيىن ئىقتىسادى جەمىيەتتە يەنە داۋاملىق سادىر بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇخىل پۇل پاخاللىقى مەۋجۈت ئەمەسمۇ ئەمەس،لىكىن يۇشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ .
پۇل پاخاللىقىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەپلىرى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە يۈزلىنىش توغرىسىدا تور خاتىرىمىزنىڭ كىيىنكى يازمىللىرىدا دوسلار بېلەن ئورتاقلىشىمىز . دىققىتىڭىز كىيىنكى ئىقتىسات ئۆگىنىش يازمىللىرىمىزدا بولسۇن .

بەزى بىر كەسپى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلغاندا بەلكىم خاتالىق يۈز بەرگەن بۇلىشى مۇمكىن . دوسلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.03.1 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.03.1
17:23
1-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

بولدۇ ، داۋامىغا تەشنامىز

2011.03.1
17:58
2-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن.كۈپ رەخمەت.داۋامىغا تەشنا!

2011.03.1
22:50
3-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

داۋاملىق تىرىشىمىز . قەدىمىڭزگە مەرھابا .

2011.03.1
22:51
4-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

قەدىمىڭزگە مەرھابا .

2011.03.2
11:03
5-قەۋەت: «نۇرلۇق» مۇنداق دېدى:

ياخشى تېمىلار كۆپ بوپ كېتىپتىغۇ، داۋامىغا تەشنامىز. ھارمىغايسىز.

2011.03.2
12:23
6-قەۋەت: «مەۋلان» مۇنداق دېدى:

ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋوردپرېس كە كۆچكىنىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن. مۇشۇنداق ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

2011.03.2
12:57
7-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

رەھمەت . قوللىشىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسىلا بىز چوقۇم تىرىشىمىز .

2011.03.2
12:57
8-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

خۇش كەپسىز . بىرلىكتە تىرىشايلى !

2011.03.4
13:22
9-قەۋەت: «تېنىچلىق دىنى» مۇنداق دېدى:

ياخشى تېمىكەن بولسا مۇشۇنداق سەۋىيىلىك ماقالىلەر كۆپەيسۇن

2011.03.4
16:45
10-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

بۇلىدۇ چوقۇم تىرىشىمىز . قەدىمىڭىزگە مەرھابا .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup