كۆزگە كۈرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:0

كۆزگە كۈرۈنگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي. بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز .

ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بېلەن بىر پىشقانتىجارەتچى بۇلۇش كېرەك . قانداق قىلغاندا ئاندىن بىر پىشقان تىجارەتچى بۇلۇپ چىققىلى بۇلىدۇ ؟
ئۇنداقتا بىز پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى بايانلىرىغا قاراپ باقايلى :
پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندىنىڭ قارىشىچە تىجارەتچى بۇلۇش ئۈچۈن :
بىرىنچىدىن : بىر مەسئۇلىيەتھان ئادەم بۇلۇش كېرەك . بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مەسئۇلىيەت كۆپ تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ ، ئۆزىگە قول ئاستىدىكى خىزمەتچى خادىملىرىغا ، جەمىيەتتىكى كەڭ ئىستىمالچىلارغا ، شۇنىڭ بېلەن بىرگە دۆلەتكە ، مىللەتكە مەسئۇل بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە تىجارەتچى ئۆزى پۇل تاپسىلا ھەمدە خىزمەتچى خادىملىرى پاراۋانلىققا ئىگە بولسىلا بولدى دەپ قارىلىدۇ . ئەمما پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ تېخى يېتەرسىز بۇلۇپ، بىر تىجارەتچى باھاسى مۇۋاپىق ، سۈپىتى ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق خەلققە ، جەمىيەتكە بايلىق يارىتىپ ، دۆلەتنىڭ ، مىللەتنىڭ ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
ئىككىنچىدىن: بىر تىجارەتچىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان تىجارىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قىززىقىشى بۇلىشى كېرەك . پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:‹‹مىنڭچە تىجارەتچى ، مىنىڭچە تىجارەتچى ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇنداق بىر شەرت بار ، ئۇ بولسىمۇ دەل ‹تىجارەت قىززىقىشى› بۇلىشى كېرەك .بۇ تولىمۇ مۇھىم ئامىل .ئېھتىمال سىز بۇ شەرتلەر بەك ئاددى بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما ئۆز تەجىربىللىرىم ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا ،قىززىقىش يەنىلا مۇھىم ، چنكى تىجارەتكە قىززىقمايدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ تىجارەت قىلالمايدۇ، تىجرەتكە قىززىقىش تىجارەت قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ شەرتى بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى تىجارەت داۋامىدا ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئاساسى ساپا. ››
پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندىنىڭ قەلبىدە ئۇ تېخىمۇ چۇقۇنىدىغان يەنە بىر تىجارەتچى بار ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئلفرېد سىلۇئان . بۇ كىشى ھايات ۋاقتىدا ئامرىكا ھەممىباب ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان. سىلوئان ماسسا چوسىتىس تەبئى پەن، سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلىكتىرون ئۇچۇر قۇرلۇش كەسپىنى پۈتكۈزۈپ ، 23 ياش ۋاقتىدىلا فىيات ئوققازان شىركىتىنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن . بۇ شىركەن بىرلەشمە ئاپتۇموبىل شىركىتىگە قۇشىۋېتىلگەن چاغدا يېڭى شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن (31 ياش ۋاقتى) ، بىرلەشمە ئاپتۇموبىل شىركىتى ھەممىباب ئاپتۇموبىل شىركىتىگە قۇشۇۋېتىلىپ بەش يىلدىن كىيىن ئۇ شىركەتنىڭ باش بۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن (48ياش ۋاقتى ) 1996- يىلى 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
سىللۇئان ھەممىباب شىركىتىدە ۋەزىپە ئۈستىگە ئالغاندا مەھسۇلاتلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى ئاران %12 بۇلۇپ ھەر بىر پايچىكىنىڭ پاي ئۈسۈمى 1 ئامرىكا دوللىرىدىن ئاشمايتى . 1956- يىلى باش دىرىكتورلۇقتىن ئىستىپا بىرىش ئالدىدا بازار ئىەەنلىشى %52 گە يەتكەن ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بازار كاساتلىشىش زادىلا كۈرۈلۈپ باقمىغان .
پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان بۇ ئادەمگە ‹‹ ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى ئەڭ پىشقان باش مۇدىر ۋە كۆزگە كۈرۈنگەن تىجارەتچى دىيىشكە بۇلىدۇ . ›› دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن .
سىللۇئاننىڭ تىجارەت پادىشاھى دەپ نام ئالغان پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندىنىڭ شۇنچە يۇقىرى باھا بىرىشىدىكى سەۋەبى :
تىجارەت ئىقتىدارى بۇلۇش ، ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بۇلۇش ، كەسىپكە پىشقان بۇلۇش ، جەمىيەت ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۈرۈشنى بىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىشقان بىر تىجارەتچىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك شەرتلەر بۇلۇپ ، سىللۇئاننىڭ ئۆگىچىلىكى دەل ئۇنىڭ تىجارەتچىلەرگە خاس كۆزقارشى ۋە تورمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ، بۇلۇپمۇ قاتتىق تەلەپ قۇيۇشتەك ئەمەلىيەتچانلىق روھىدا ئىكەن .
پاناسونىك ‹Panasonic› ئەپەندى ‹‹ مەن سىلوئان ئەپەندىنىڭ بىر تىجارەتچىنىڭ نىمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى توغرا تۇنۇپ يىتىپ ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش پوزىتسىيەسى بېلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ، پىشقان بىر تىجارەتچى بۇلۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق يۇقىرى باھا بەردىم ›› دىگەن .

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي. بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز !

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

باي دادام تور خاتىرىسى

2011.02.28 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup