بوۋاقلارغا يىمەكلىكنى چايناپ بىرىش توغرىمۇ ؟

سەھپە: راس گەپ باھا:7

دادا بۇلغاندىن بۇيانقى ئازكەم 4 ئاي ۋاقىت بوۋىقىمنى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان قىلىقلىرىغا ، يىغىسىغا ۋە كۈلكىسىگە قاراپ ئۈتۈپ كىتىپ قاپتۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى ئىشلارنى ئۆگەندىم ، نۇرغۇن ئىشلارغا كۆندۈم ، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا گاڭگىراپ قايمۇقۇپ تۇرۇپمۇ قالدىم ، قىسقىسى ئاتا بۇلۇپ پىشىپ يىتىلىۋاتاتتىم .
بوۋىقىمنىڭ ساق سالامەت چوڭ بۇلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدىم ، ھەمدە ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك سەۋەپلەر ئۈستىدە توختىماستىن ئىزدەندىم ، ئويلاندىم ، نۇرغۇن سۇئاللار كاللامدا توختاۋسىز پەيدا بۇلۇپ تۇردى ، بۇنىڭ بەزىللىرىگە جاۋاپ تاپقانمۇ بولدۇم ، يەنە جاۋاپسىز مۇ قالدى ، لىكىن ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنى تورختاتمىغايمەن .
يېقىندا بىرنەچچە باشقا مىللەتتىن بولغان خىزمەتتاشلىرىم بېلەن مۇشۇ بوۋاقلارنى كۈتۈش توغرىسىدا سوزلىشىپ كىلىپ مۇشۇ بوۋاقلارغا يىمەكلىك بىرىش جەھەتتە ئازىراق تالاش تارتىش كىلىپ چىقتى ، يەنى : بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋاقلارغا تاماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى بەرگەندە چايناپ بىرىشىمىزنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا تالىشىپ قالدۇق . شۇ قېتىمقى تالاش تارتىشتىن كىيىن مەن ئىزچىل مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن .
بىزنىڭ بوۋاقلارنى مۇشۇنداق چايناپ تاماقلاندۇرىشىمىز توغرىمۇ خاتا؟
ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەم كىچىكىمدە ئاتا ئانامنىڭ ئاشۇنداق چايناپ بىرىشىدە قۇۋەت تېپىپ چوڭ بولغان ، ھەممىز شۇنداق . لىكىن مىنى ئويلاندۇرۇپ قويغىنى ئۇلار كۆرسەتكەن سەۋەپلەر .
ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەپلىرىمۇ خاتا ئەمەس ئىدى ، ئۇلار دەيدۇ : بوۋاق بالىنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولغان بۇلىدۇ ، ھەرگىزمۇ بىز چوڭلارنىڭكىدەك كۈچلۈك كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوڭلار ئېغىزى ئارقىلىق يىمەكلىكنى چايناپ بەرگەندە ئېغىزدىكى كېسەللىك مىكروپلىرى بالىغا كۈچىدۇ دە، بالا يۇقۇملىنىدۇ . ھەرقانداق ئەھۋالدا چوڭ ئادەملەرنىڭ ئاغزىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك مىكروپلىرى بولغان بۇلىدۇ ، چوڭلار ئاللا قاچان بۇ مىكروپلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بولغان ، لىكىن بوۋاق بالىدا بۇ خىل ئىقتىدار تېخى ھازىرلانمىغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاق بالا ئىنتايىن تېزلا كېسەللىك مىكروبى بېلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل بۇلۇپ قالىدۇ .

بۇ سۇئال توغرىسىدا مەن جىق ئىزدىنىپ بۇلاماي قالدىم ، شۇنداقتىمۇ دوسلار بېلەن مۇشۇ سۇرۇندا بىر مۇنازىرە قىلىپ توغرا تاپتىم ، قېنى بىر پىكىرلىشىپ باقايلى زادى قايسىسى توغرا ؟

بوۋاقلارغا يىمەكلىكنى چايناپ بىرىش توغرىمۇ خاتا ؟

2011.09.29 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.09.29
10:32
1-قەۋەت: «ئابدۇرەھمان» مۇنداق دېدى:

ئەلۋەتتە بۇ پىكىلەرنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، ھەرئىككى پىكىرنىڭ ئاساسى بار. بىراق، بوۋاققا يىمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمىسەك بولمايدۇ. بۇ نوقتا ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسىگە ئورتاق بولىشى مۇمكىن. مەن ئەلۋەتتە بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ چايناپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل كەلتۈرۈشنى خالىمايمەن. ئەلۋەتتە مىكروپلارنىڭ ئېغىزدىنلا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا مەن باشقىچە قاراشتا… چۈنكى سىز ۋە بىز شۇ چاينالغان يىمەكلىكلەر بىلەن مانا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇلىشىپ كەلگىنىمىز ھەممىمىزگە ئايان…

[Reply]

باي دادام Reply:

لىكىن ئۇ دەۋىردىكى مۇھىتلار بېلەن ھازىرقى مۇھىتلار تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ ، ئۇ چاغلاردا بۇنداق جىق كېسەللەر يوق ئىدى ، ھازىرچۇ ……

[Reply]

2011.09.29
17:16
2-قەۋەت: «قىزىل دەريا» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ مۇشۇ نوقتىدا ئىككىلىنىپ قالدىم، بىزمۇ شۇ ئاتا- ئانىمىز چايناپ بەرگەن تاماقلارنى يەپ چوڭ بولغان، بىراق ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق بولغاندىن كىيىن بۇلماق ياكى پىرەنىك بىلەن باقسا بولامدىكىن دەيمەن، مەنمۇ ئاللا خالىسا دادا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، مەنمۇ بۇ مەسلىنى كۆپ ئويلانغان، بىراق يەنە شۇ ئەنئەنىۋى ئۆرىپ- ئادەت مەسلىسىدە مۇئەييەن بىر يەكۈن چىقىرالمىغان، گەپ ئاتا- ئانىسىنىڭ پاكىزلىقىغا باغلىقمىكىن دەيمەن…

[Reply]

باي دادام Reply:

مۇبارەك بولسۇن ! خۇدايىم بالىڭىزنى سالامەت تۇغۇلۇشقا نىىسىپ قىلسۇن .

[Reply]

2011.09.29
20:55
3-قەۋەت: «سالام» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلىكەن ، مەن ئىلگىرى بۇ توغرىسىدا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن ، ئاتا بولغىچە مەنمۇ ئويلىشىپ باقسام بولغىدەك .

[Reply]

باي دادام Reply:

دادا بولغاندا تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن ، ئويلاشمىغان نەرسىلەر .

[Reply]

2011.09.30
20:27
4-قەۋەت: «خىöرلۇرھر» مۇنداق دېدى:

ۈڭكتڭەت ھتت مھن كöپېر برھ ىöرلۇرھر

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se