چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان
كۈل بولغان گۈلخاندەك نۇرلۇرۇم ئۆچكەن ،شاۋقۇنسىز دەريادەك شوقلۇغۇم سۇنغان .جامالىڭ شولىسى ئىزدەپ ھەر تۈندە ،تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان .
سوزلەردە بىر ئىسىم تالاي رەت تەكرار ،كۆزلەر تىكىلەر ھەر ياققا زار- زار .كىشى كىم بولمىغاي بۇ كۈنگە دۇچار ،تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگەن ئەي جانان .
بۇ كۆڭلۈم سىنىلام دەيدۇ
رەنجىشتە …
يالغۇزلىق
قاياقتىندۇر كەلگەن گۈدۈك ئاۋازىدەك ،
نەدىن كەلدىم ،مەنزىلىم قاي بىلىشىم قىيىن .
گاھى غېرىپ نەي ئاۋازى ئېپ كىتەر مىنى ،
قۇشلار كۈيى تولغان ئاشۇ قېلىن ئورماندىن.
مەيلى نەدە يۈرەي ئويناپ ، يۈرەي تەمتىلەپ ،
مەيلى ھېيتگاھ ئارا ئويناي چۈگىلەپ ساما .
شۇ بىر پەقەت ھەمرا بولدى يالغۇزلىق ماڭا ،
يوللىرىمدا قالماقتا ئىزلىرىم تەنھا .
ساھىللاردا ساچىم سىلاپ …