بىر يۇەن بېلەن خوجايىن بولغىلى بۇلامدۇ ؟

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش ، باي دادام تەۋسىيەلىرى باھا:0

بىر يۇەن بېلەن خوجايىن بولغىلى بۇلامدۇ ؟

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

”يەككە شىرىكسىز كارخانا قانۇنى“ 2000-يىلى 1-ئاينى 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمى يولغا قۇيۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەر بىر يۇەن پۇل بولسىلا بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغىلى بۇلىدۇ دەپ قاراشتى. بۇ تۇنۇش ئەمەلىيەتتە خاتا .
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ”چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى“ ۋە ”پاي تۈزۈمىدىكى شىركەت“ لەرنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا، نەچچە 100مىڭ يۇەندىن مىليۇن يۇەنگىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش مەبلىغى بۇلىشى كېرەك، دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن. لىكىن، 2000-يىلى رەسمى يولغا قۇيۇلغان ”يەككە شىرىكسىز كارخانا قانۇنى“ دا يەككە شىرىكسىز كارخانىلارنىڭ “ ئەڭ تۆۋەن تىزىمغا ئالدۇرۇش مەبلىغى“ توغرىسىدا كونكىرىت سان چەكلىمىسى قۇيۇلمىغان. بۇ دىگەنلىك، بىر يۇەن پۇلىڭىز بولسىلا ، سىزمۇ يەككە شىرىكسىز كارخانا خوجايىنى بۇلالايسىز دىمەكتۇر .
نۇرغۇن كىشىلەر بىر يۇەن پۇلى بولسىلا كارخانىنى رويىخەتكە ئالدۇرغىلى بۇلىدىكەن دەپ ھاياجىنىنى باسالماي قالدى. لىكىن، مۇتەخەسىسلەر: بۇسۇغا پەسلىگەن بېلەن، خېيىم خەتەر ئۆرلىدى، دەپ ئاگاھلاندۇردى. يەككە شىرىكسىز كارخانا مەبلەغ سالغۇچى شەخىس پۈتۈن مال مۈلكىنى كارخانىنىڭ قەرزى ئۈچۈن چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، پايدا يارىتىش خارەكتىردىكى تەشكىلات بۇلۇپ، قانۇن ئۇلارنىڭ ”چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى“ دىگەن نامنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايدۇ. بۇ ئارقىلىق شىرىكسىز كارخانىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قەرزىگە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك خۇسۇسىيىتىنى ئارىلاشتۇرۋېتىشتىن ساقلايدۇ. بۇ دىگەنلىك، گەرچە رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغ جەھەتتە چەكلىمە بولمىغان بېلەن، ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە خېيىم خەتەر ئىنتايىن يۇقىرى. ناۋادا مەغلۇپ بولسىڭىز، قەرزنى تۆلەپ بۇلالماي قاق سەنەم بۇلۇپ كىتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ .
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە، كارخانا ئۈستىگە ئالىدىغان چەكسىز مەسئۇلىيەت كاخانىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا يادىمى بۇلىدىكەن. ئىلگىرى خۇسۇسى كاخانىلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى دۆلەت ئىلكىدىكى كاخانىلاردىن تۆۋەن بۇلۇپ، يەككە، خۇسۇسى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان، چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى قوللۇنۇلغاندىن كىيىن، يەككە خۇسۇسى ئىگىلىك بېلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.
بىر يۇەن پۇلىڭىز بولسىلا بىر يەككە شىرىكسى ۆارخانىنى ئەنگە ئالدۇرالايسىز دىگەنلىك بىر ئوخشىتىش، خالاس. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراۋى مەبلەغ سالغۇچىلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىنىڭ، يېڭى بىر ئېگىلىك تىكلەش دەۋرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى . ئۇ بىزنى ئىگىلىك تىكلەپ، خوجايىن بۇلۇش دولقۇنىنى يېڭى بىر پەللىگە يەتكۈزگۈسى .

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

 باي دادام تور خاتىرىسى

2010.12.17 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ،
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se