گۆشنىڭ باھاسى 60يۇەنگە چىقسا …………..
گۆشنىڭ باھاسى 60يۇەنگە چىقسا …………..
باي دادام تورخاتىرىسى
سىز ئەگەر گۆشنىڭ باھاسى 60يۇەنگە چىقسا سىز يەنە گۆش يەمسىز ؟
يېقىندا ئىدارەمدىكى بىر يىغىندىن كىيىنكى سۆھبەتتە بىر ۋە بىردىن بىر ئۇيغۇر رەھبەر يەنە بىر خەنزۇ رەھبىرىم بېلەن بولغان سۆھبەتتە ھازىر قوي گۈشىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرەلىكى توغرىسىدا قاخشىغانتى يەنە بىر رەھبەر : ئۇنداقتا چوڭ گۆش (چوشقا) يىگىن ئۇ بىر ئاز ئەرزان . دىۋىدى ، ئۇ : مەنمۇ شۇنداق قىلاي دەيمەن. دەيدۇ .
بۇ سۆھبەت خېلى ئۇزۇنغىچە مىنى تەتگسىز خىياللارغا باشلاپ قويدى . دەرۋەقە ھازىر گۆشنىڭ باھاسى ئۇسۇپ بىر نەچچە يىل ئاۋالقى باھانى بىر ھەسسە قاتلاي دەپ قالدى، لىكىن خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ، كىرىمى شۇنىڭدەك بىر ھەسسە ئۆسكەنمىدۇ …………….؟
لىكىن مىنىڭ پەمىمچە بۇ باھا يەنە ئۈسۈشى مۇمكىن ، بىر قىسىم جايلاردا گۆشنىڭ باھاسى 50يۇەنگە يېقىنلاپ قالدى . تاۋۇز چاغىنى ، ھەم دۆلەت بايرىمىنىڭ بىرلىكتە كەينى كەينىدىن كىلىشى بازاردىكى ئىھتىياجنى ئاشۇرۋېتىپ گۆش باھاسىنىڭ ئۇسۇپ كىتىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ قالارمىكىن دەيمەن ، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئى ئاپات ئامىللارمۇ بار .
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك ئىھتىماللىقتا ئەگەر راستىنلا گۆشنىڭ باھاسى شۇنداق ئۈسۈپ 60يۇەنگە ياكى 80يۇەنگە چىقىپ قالسا بىز دىن بىر قىسىم كىشىلەر يىمەكلىكىنى ئالماشتۇرۇپ قالارمۇ ؟
سىزچۇ ……………………………؟
باي دادام تورخاتىرىسى
دەۋىرنىڭ چاقپەلىكى ئايلىنىپ دىھقان چارۋىچىلللىرىمىز ئەزىزلىندىغان كۈنلەر كىلىۋاتىدۇ مانا
[Reply]
پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ چېكىگە يىتەي دەپ قالدى ئەمدى يىزا ئىگىلىك چارۋىچىلىق باغۋەنچىلىككە قايتا يۈزلىندىغان كۈنلەر كىلۋاتىدۇ
[Reply]
ئاڭلىسام ئايغا چىققانلارمۇ يەرشارىدىن يىمەكلىك ئېلىپ چىقىدىكەن
[Reply]
ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ .
بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com
http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
[Reply]
يەنىلا قوي گۈشى يىمەي ئامال يوق دە!!!!!
[Reply]
ئىنساپ تىلەيلى.لېكىن بىزدە نۇرغۇن ئادەم ھاراقتىن ۋە باشقا ھارام ئىشلاردىن يانمىغان بىلەن چوڭ گۆشتىن يانىدۇ .
[Reply]
لېىكىن بۇگۇنكى ئەھۋال كەلگۇسىگە پۇتۇنلەي ۋەكىلىك قىلىشى نامەلۇم.رايۇنىمىزدىمۇ ئىقتىسادى كۆپۇك ئېغىر باي نامراتلىق كىرىم پەرقى باشقا رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر يۇقىرى
[Reply]
.بايلار ئەمەلدارلار(ھۈكۇمەت مەمۇرى)لىرى تەسىرىنى ھۇكۇمەتنىڭ ياردىمىدەباھا ئۆسىشىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن
[Reply]
لېكىن تۇرمۇش لازىمەتلىكى مەسىلەن گۆش قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆسسە ئەڭ كۆپ تەسىر شەھەردىكى ياشلا شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارغا بولىدۇ
[Reply]
مىنىڭچە ئۇلارنىڭ ۋىجدانى،ئىمانى گۆش 100 يۇۋەنگە چىقسىمۇ ئۆزگەرمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن .
[Reply]
مىنىڭچە ئۇدەرىجىگە بارماسلىقى مۇمكىن . ئەگەر ئۇ دەرىجىگە بېرىپ قالسا توخۇ ، كەپتەر ، توشقان ….قاتارلىق جانىۋارلار بىلەن قۇرساق توقلىماي بولمايدۇدە ، گەرچە بۇلارنىڭمۇ باھاسى ئۆرلىگەن بولسىمۇ !
[Reply]
مىنىڭچە گۆشنىڭ باھاسى ئۆرلەپ 60 يۇەنڭە چىقسا بۇ بەلكىم بازاردىكى باشقا مەھسۇلاتلارنىڭمۇ باساسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ئەسلىدىكى گۆشكە بولغان ئىھتىياجى تۆۋەنلەپ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەھسۇلاتنى ئىستىمال قىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا يەم خەشەكنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمىكىن.
[Reply]
18:34
مەنچە ئۇنداق بولمايدۇ ئۇنداق ئۆرلەپ كىتىپ قالسا يىمىسىلا بولمىدىمۇ
[Reply]