قىزلار ئۈچۈن پۇل تېپىش يۇلى (بوۋاقلار مۇنچىسى )
باي دادام
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
تۇر ئىسمى : بوۋاقلار مۇنچىسى .
كېرەكلىك مەبلەغ : 15مىڭدىن 25 مىڭغىچە .
تۇرنى چۈشەندۈرۈش: رايۇنىمىزدا مەخسۇس بوۋاق بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان يۇيۇنۇش ئورنى يوق دىيەرلىك (ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلاردا ، خەنزۇلاردا بۇنداق ئۇرۇنلار خېلىلا كۆپ ھەمدە مەخسۇس ) شۇڭلاشقا بىر ياكى بىرنەچچە خنىم قىزلار بوۋاقلار يۇيۇنۇش ئۈسكىنىللىرىنى سېتىۋېلىپ شۇ خىل بوۋاقلارنى يۇيۇش مۇلازىمەتى بېلەن تەمىنلەيدىغان ئۇرۇن ئېچىشنى كۆرسىتىدۇ .
كارخانىنىڭ بازار ئەھۋالى : ھازىر رايۇنىمىزدا بۇ خىل مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرى يوق دىيەرلىك ، ئۆز خاسلىقىمىزغا خاس ھالدا پاكىزە ، ھەم ئىشەنچىلىك بوۋاقلارنى يۇيۇش ئۇرۇنلىرى يوق ، شۇڭلاشقا بۇخىل مۇلازىمەتكە تېخىمۇ كۈچلىك بىر بازار ئېھتىياجى بار.
بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى : جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر بۇ خىل مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرى يوق دىيەرلىك، لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .
تەننەرخنى ھېساپلاش :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ بېزىلىشى :
ياسىغۇچى زاۋۇت بېلەن ئالاقە:
تېخنىك ۋە تېخنىكا :
خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :
. خېيىم خەتەر تەھلىلى :
رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
18:25
بۇ بىر ياخشى بۇلغان تىجارەت يۇلى بۇلاپتۇ.خىزمەت تاپالماي يۇرگەن خانىم-قىزلار ئۆچۆن ئۇيلنۇپ كۇرۇشكە ئەرزىيدىغان تىجارەت يۇلى.دەڭا.كۇپ رەخمەت.ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
[Reply]