ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ، بەزەن بىر سەۋەپلەر بېلەن ۋاقىتلىق توختاپ قالغان تور خاتىرىمىز ئۈچۈن ھەر قايسىڭلاردىن سەمىمىلىك بېلەن كەچۈرۈم سورايمىز . سالامەتلىك ۋە يېڭى تور بەتكە يۆتكىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر بېلەن ۋاقىت سەل ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كىتىپ قالدى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىلىكمىز . بۇيەرلەردە بۇلالماي قالغان ۋاقىتلاردا يوقلاپ تۇرغان ،ساقلىغىمىز ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى قىلىپ تۇرغان دوسلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ! سىزلەرگىمۇ خۇدايىم ساقلىق ۋە خوشاللىقلارنى نىسىپ قىلغاي .
ئەسلى گەپكە كەلسەك ، ئەڭ دەسلەپتە تورلاردىكى ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ باشقا بلوگ ۋە مۇنبەرلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش، ئۆز يازمىللىرىمىزئارقىلىق ئەلگە ئاز بولسىمۇ نەپ بىرىشنى ئىستەپ blogbus سۇپىسىدا قۇرۇپ چىققان تور خاتىرىمىزنى توختىتىپ ، ئايرىم شەخسى بوشلۇقتا قۇرۇپ چىققان يېڭى ‹باي دادام تور خاتىرىسى ›نى باشلىدۇق .
بۇنىڭدىن كىيىن دوسلارنىڭ www.baydadam.net تىن زىيارەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
بەلكىم بۇ بىر مەزگىلدە سېستىمىنى تەڭشەش دىگەندەك سەۋەپلەر بېلەن سەپ-پەل بىنورماللىقلار بۇلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلاردىن چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
مۇ شۇ پۇرسەتتە دوسلار بېلەن باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ بۇندىن كىيىن قىلغۇسى بولغان پىلانلىرىدىن دوسلارغا ئۇچۇر بەرگەيمىز . خاتىرىمىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىگىلىك تىكلەش ، مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرمىشىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان ، جەمىيەتتە كەمچىل بولىۋاتقان تۈرلەرنى ، ئقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنۈش داۋامىدىكى ئىگەنلىگەن ھاسىلاتلارنى ، تىرىكچىلىك داۋامىدىكى ئىلھاملارنى دوسلارغا سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەلگە ئاز بولسىمۇ نەپ بەرسەككەن دىگەننى نىشان قىلىپ داۋاملىق تىرىشىدۇ .
باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى پىلانلىرى :
1. ئىقتىساد ئۆگۈنۈش سەھىپىسى ئاستىدا ئۆگەنگەن ئىقتىساد ئىلمى بىلىملىرىنى دوسلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ .
2.ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا ئىزدىنىپ جەمىيەتتىكى بوش ساھەلەرنى ، يۇشۇرۇن ئېھتىياجلارنى دوسلارغا دوسلارغا تۇنۇشتۇرىدۇ .
3.تۇرمۇش، تىرىكچىلىك داۋامىدىكى ھېس قىلغانلارنى، ئىلھاملارنى دوسلارغا سۇنىدۇ.
4.چامىمىزنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنى دوسلارغا سۇنىدۇ .
5.مەبلەغ سېلىش يوللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بۇ ساھەدىكى ھاسىلاتلارنى دوسلار بېلەن ئورتاقلىشىدۇ .
6.ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن تور بىتىمىزدە ھەقسىز ‹مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش ئىلانى› ‹ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەش ئېلانى › قىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى قىلىمىز .
7.تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك داۋامىدىكى يۇلۇققان پىسخىك تۇسالغۇلارغا مەسلەھەت بىرىش ھەم پىكىرلىشىش سورۇنى قۇرۇپ بىرىلىدۇ . قاتارلىقلار ………………
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
تەرەققىيات دېگەن مۇشۇ، يېڭىچە قىياپەتتە كەڭ تورداشلار بىلەن يۇز كۆرۈشكەن باي دادام بلوگىنىڭ مەزمۇنلارغا تېخىمۇ باي بولىشىنى، خەلقىمىز ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن كۆپلەپ تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
[Reply]
مۇبارەك بولسۇن مېنىڭمۇ بلوگ قۇرۇش ئارزۇرۇم باتتى بوشلۇقنى قەيەردىن سېتىۋالدىڭىز قانچىلىك بوشلۇق بولسا يىتىشىدىكەن نەچچەپۇلغا سېتىۋالدىڭىز بولسا دەپبەرگەن بولسىڭىز
[Reply]
مېنىڭچە بۇ بېتىڭىزنىڭ ئۇلىنىش كۆزنىكىنى ئالماشتۇرسىڭىز ياكى ۋوردپرەسنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلىنىش رايونىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدىكەن، بۇ ئۇلىنىش كۆزنىكىڭىز بلوگقا ئانچە بەك ماسلىشىپ كەتمەيدىكەن، شەخسى كۆز قارىشىم ئەلۋەتتە
[Reply]
19:33
پاھ … بۆلەكچە بولۇپ كىتىۇ بلوگىڭىز !! ئەڭ ئۈستىدىكى گىپىڭىز ماڭا بەك يارىدى …
[Reply]
باي دادام Reply:
فېۋرال 14th, 2011 at 19:04
رەھمەت مۇشۇنچىلىك قىلىپ تۇردۇق ، تەكلىپ ھەم ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .
ئۈستىدىكى ئۇ گەپ ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى،شۇ ئارزۇلار ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشقايمىز .
[Reply]