دادا بولغاندا ………….

سەھپە: ئەدەبى ئىلھاملار باھا:8

9 ئاي تەقەززالىق بېلەن كۈتكەن ئەزىز مىھمىنىم ئاخىرى يىتىپ كەلدى .
ئۇنى كۈتىۋېلىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى ئىشلار بېلەن تور خاتىرىمىزنى يېڭىلىيالماي قالدىم .
بۇ خوش خەۋەرنى باھانە قىلىش بېلەن تور خاتىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ئالدىدا ئۆزرىلىكمەن .
بىر يىل توپتوغرا بىريىل غايىبانە ئۇچۇرلۇق ھەم ئۇچۇرسىز ھالدا ئارزۇ قىلىپ كۈتۈپ كەلگەن ئىدىم ، 9 ئاي بۇرۇن ئۇنىڭدىن كىلىش ئۇچۇرلىرى كەلدى شۇندىن بۇيان تەقەززارلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ساق سالامەت كىلىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلدىم ۋە كۈتتۈم .
توپتوغرا 9 ئاي 9 كۈن بولغاندا مەن كۈتكەن ئەزىز مىھمان ، ھاياتىمدىكى دىلىمنى مىۋىسى بولغان پەرزەنتىم دۇنياغا كۆز ئاچتى ، ھاياتىمدىكى بايلىقىم بولغان پەرزەنتىم تۇغۇلدى . مان ئاخىرى دادا بولدۇم ، مەن ئاتا بولدۇم . ………….
ئۇنى تۇنجى قېتىم قۇلۇمغا ئالغاندا « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم خۇش كەپسىز ، سىزنى ئېلىپ كەلگەن خوش خەۋىرىڭىزگە رەھمەت ! ئاللاھدىن سىزگە ئىمان ، ئىنساپ ، ساقلىق ۋە ئۆمۈر تىلەيمەن . » دەپ پىشانىسىگە سۆيدۈم ۋە دۇئالەر قىلدىم .
ياتاققا ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن دادامنىڭ يېتەكلىشىدە ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان ، سول قۇلىقىغا تەگبىر ئېيتىپ دۇئالار قىلدۇق . شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈندىن بۇيان تولغاق يەۋاتقان ئاپىسى ۋە باشقا ھەممەيلەننىڭ چىرايى خوشاللىققا چۆمدى .
بۇ 9 ئاي جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلار بۇلۇپ ئۆتتى ، بىر ئانا بولغۇچىنى بىر بالىنى قانداق جاپادا تۇغىدىغانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بېلەن كۈرۈپ يەتتىم ، « جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا » ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تۇنۇپ يەتتىم .
خۇدانىڭ « ئاناڭنى رازى قىل ، ئاناڭنى رازى قىل ، ئاناڭنى رازى قىل » دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانننىڭ مەنىسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم .
سىزىك باشلانغان مەزگىللەردە تولا ياندۇرۇپ تارتقان قىيىنچىلىقلار ، كىچىلەردە ئۇخلىيالماي تۈننى تاڭغا ئۇلاشلار ، ھەركەتلەرنىڭ قىيىنلىشىشى ، پات پات كىلىپ تۇرىدىغان كالتە تولغاقلار ، كەينى كەينىدىن 9 ئاي داۋاملاشتى .
ھەرقېتىم بالا قورساقتا مىدىرلىغاندا ئاپىسى مىنى چاقىرىدۇ ، مەن بالامنىڭ قورساقتا تۇرۇپ مىدىرلىغىنىنى ، يۇرەك سۇقۇشلىرىنى ، تىپچەكلەشلىرىنى ئاڭلايمەن . بۇچاغلاردىكى سىزىم شۇ قەدەر تاتلىق . شۇنداق تاتلىق . بۇ لارنى تۇنجى دادا بولغۇچىلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ .
مەن پەرزەنت سەۋەپلىك ھەققە سېغىنىپ قىلغان دۇئالىرىمدا قەلبىم تۇنجى قېتىم ئىرىدى . ئۆزۈمنى ۋە ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم . تاشتەك ئىرىگەن قەلبىم خۇدانىڭ بۇ ئۇلۇغ ئىرادىسى ئالدىدا ئىرىگەندەك بولدى .
ئەمدىكى ئىشىم پەرزەنتىمگە ئىمان ، ئىنساپ ، ساقلىق ۋە ئۆمۈر تىلەش بېلەن ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش .

ئاخىردا باھارلىق ئانىلارغا ۋە ئانا بولغۇچىلارغا چەكسىز ھورمىتىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن .
باھارلىق ئاتىلارغا ۋە ئاتا بولغۇچىلارغىمۇ ھۆرمىتىم ۋە تەبرىكىمنى بىلدۇرىمەن .

ھۆرمەتتە : م .ئى . خۇدۇيۇم
باي دادام تورخاتىرىسى

2011.06.23 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ،
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.06.23
18:59
1-قەۋەت: «مۇھەممەد ئىمىن» مۇنداق دېدى:

ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە ھەم ئائىلىڭىزگە ھەقىقى ئىسلامى مۇھىت ئاتا قىلسۇن.ئاللاھ تىن كەلگەن چوڭ ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئاپسىز،ياخشى تەربىيلەپ ئۇزىڭىزگە قىيامەتتە شەرەپ بولىدىغان قىلىڭ .قىز تەربىيلىمەك ھەقىقەتەن قىيىن !

[Reply]

2011.06.23
19:05
2-قەۋەت: «مۇھەممەد ئىمىن» مۇنداق دېدى:

يېقىندىن بىر دائىم كالامدا «يىمەي يىگىزۇپ،كەيمەي كىگۇزۇپ چوڭ قىلغان»دىگەن گەپ كوپ تەھلىل قىلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى نۇرغۇن شۇنداق يىمەي يىگىزۇپ،كەيمەي كىگۇزۇپ چوڭ قىلغان بالىلار چوڭ بولغاندىمۇ ئاتا-ئانىسى يىمگەننى يەيدىغان ئىچمىگەننى ئچىپ كەيمىگەننى كىيىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ كۇلكىمىز،يىغىمىز،بەختىمىز ،ئازابىمىزغا جۆر قىلىپ تەڭ كۇلۈپ،تەڭ يىغلاپ چوڭ قىلساق بۇلامدىكىن دەيمەن.سىز ھەم سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسئۇلىيەتچان ئاتىلار بىشىدا قانداق قىلىپ ئاللاھ قا يارىغۇدەك پەرزەنىت تەربىيلەش غېمى@!!ئاللاھ ئاسان قىلسۇن ئامىن

[Reply]

باي دادام Reply:

راس بۇ گەپ ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر گەپكەن . ھەممىدە جۆر قىلىپ تەربىيەلىسەك ، كىيىنچە ئەلنى خوشاللىق قايغۇسىغىمۇ جۆر بۇلالايدىغان بولسا ، بۇ بىر چوڭ غەلبە بۇلاتتى .

[Reply]

2011.07.2
14:25
3-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بۇلسۇن .مىنڭ بالاممۇ 6-ئايىنڭ 3-كۈنى بۇدۇنياغا كۆز ئاچتى.مەنمۇ شۇنداق خۇش بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم.

[Reply]

باي دادام Reply:

رەھمەت ! سىزگىمۇ مۇبارەك بولسۇن ، باللىرىمىز بىركۈندىن پەرقلىنىدىكەن .

[Reply]

2011.08.26
12:15
4-قەۋەت: «قىزىل دەريا» مۇنداق دېدى:

ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن.
http://www.kizildarya.com/

[Reply]

2011.09.21
19:18
5-قەۋەت: «مەمەتئېلى» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن . سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن . بۇلارنى ئوقۇپ بەكلا خوش بولدۇم . يەنە مۇشۇن داق تىمىلار يوللاپ تۇراسىز رەھمەت سىزگە

[Reply]

يازما ئاپتورى 2011.09.28
23:23
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

رەھمەت ! خۇدايىم سىزگىمۇ پەرزەنت ئاتا قىلغاي .

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se