ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىسخىكىلىق سىناق

سەھپە: پىسخىك مەسلەھەت باھا:14

ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىسخىكىلىق سىناق

(قەتئى كۈچۈرمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز)

(بەك يامان، توغرىلىقتا سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ)

ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن سىزنىڭ بۇ سىناقنىڭ ئىلگىرىكى سىناقلارغا ئوخشىمايدىغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرەلەيدۇ ، بەلكىم جاۋاپنى كۆرۈپ توغرا بولمىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز ، كۆرۈشنى خالىمايدىغان جاۋاپلار بولىشى ۋە ياكى ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئولتۇرۇپ ،بۇجاۋاپلار ر است ئەمەس ،خاتا!!!دەپ ئويلىشىڭىز ،بەلكىم سىز ھازىر ئىشىنىدىغان ئادەم ، سىز ھەقىقەتەنمۇئەسلا ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدىغان ئادەم بولۇپ چىقىشى مومكىن ….كۆپ سۆزلىمەي ، كۆپچىللىك سىناقنى باشلايلى . ئىسىڭىزدە بولسۇن ! ھەربىرئىسىمنى يازغاندا تەپسىلى ئويلىشىڭ . ئەڭ ئاخىرقى بىرنوقتا سىزنىڭ توغرىنىڭمۇ توغرسىنى تاللىيالىشىڭىز ئۈچۈن تۇققانلارغا ئالاقىدار بولغان ئىسىملارنى يازماڭ ، كۆپچىللىككە بەخت تىلەيمەن . (ئەڭ ياخشىسى قەلەم بىلەن خاتىرلەپ مېڭىپ جاۋاپ بىلەن سېلىشتۇرۇڭ)

1. تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە قايسى نەرسىلەرنى قوشۇپ قويۇشنى خالايسز؟
كۆز ئەينەك ، دوپپا ، بۇرۇت ، خال(مەڭ) ، كۆزيېشى

2. ئەگەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر تاغ بولسا سىز ئۇنىڭغا نىمىنى قوشۇپ قويۇشنى خالايسز؟
قارىغاي ۋە تاش ، يول ، كۆل ، بۇلۇت

日.3دىگەن خەتكە بىر سىزىق قوشۇپ يەنە بىر خەتكە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كەلسە سىز قانداق قوشىشىسز؟
目 ، 旦 ، 由 ، 甲 ، 田

4.قولىڭىز بىلەن قەھۋە ئستاكىننى تۇتۇش ئۇسۇلىڭىزقانداق؟
بىر قولىدا ئستاكاننى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا تەخسىنى تۇتۇش
ئۈچ تال بارماق بىلەن ئىستاكاننىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇش
ئىككى بارماق بىلەن ئىستاكاننى تۇتۇپ، قالغان ئىككى بارماقنى ئېچىپ ئىستاكانغا بوشقىنە تەگكۈزۈپ تۇرۇش
ئىككى بارماق بىلەن ئىستاكاننىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ،كىچىك قولىنى ئېچىۋىتىش

5.سىز بىر ياتاق بىناسىدا تۇرىسىز سىزنىڭ تۇرىدىغان ياتىقىڭىزنىڭ نومىرى202 (تۆۋە ندىكى رەسىمدىكىدەك)باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە سىز تونۇيدىغان كىشىلەر تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى تولدۇرۇڭ.
ئەمما102،201،302 نومورلۇق ئورۇنلارغا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى تولدۇرۇڭ.ئاندىن بىز سىزگە سىزنىڭ ئۇ ئادەملەرگە
قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىمىز.
—————————-
304 303 302 301
———————– —-
204 203 202 201
—————————
104 103 102 101
(202نومۇرلۇق ئۆيدە سىز ئۆزىڭىز تۇرىسىز،102،201،302 نومۇرلۇق ئۆيلەردە سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر تۇرىدۇ.)
نومۇرنىڭ ئۇدۇلىغا ئىسىملارنى تولدۇرۇڭ.

6.سىز ئۆيگە قايتىۋاتقاندا بىر تۆمۈر يولنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز بىر پارچە رەسىمنىڭ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىڭىز.رەسىمدىكىسى بولسا سىز تونيدىغان ئادەم ،ئۇنداقتا سىزنىڭ كاللىڭىزغا كىم كېلىدۇ؟(ئىسىمنى خاتىرلەپ قويۇڭ)
(قاردىكى تەجىرىبە ساۋاقلىرىڭىزغا ئاساسەن ،كۆپچىللىك ئوبدان ئويلانغاندىن كىيىن ئاندىن تولدۇرغايسىزلەر.)

7.تۆت دانە قارتنىڭ گۈل شەكلىنىڭ ئىچىدە قايسىسنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟
تاپان(يۈرەك شەكىللىك) ، چىللىك ، غىچ ، قاغا

8.بۇ ئوخشىتىشلاردىن قايسىللىرى سىزنىڭ كاللىڭىزدا نىمىلەرنى ئەسلىتىدۇ؟
1.ئاسمان 2. بۇلۇت 3. سۇ 4.قار 5.قۇم 6.ئاي 7.تاش 8.ئوت 9.دەريا 10.قۇرۇقلۇق

تاللىغان جاۋاپلىرىڭىزنى يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، بىز شۇ يەردا جاۋابىنى بىرىمىز . شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، ئىنتايىن قالتىس بىر سىناق نەتىجىسى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.03.27 ئاپتور: tilla
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.03.28
10:33
1-قەۋەت: «قۇدۇس» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن ياخشى پىسخىكىلىق سۇئاللاركەن

[Reply]

تىللائاغچا Reply:

رھمەت!

[Reply]

2011.03.28
10:46
2-قەۋەت: «كۈلكە» مۇنداق دېدى:

1.بۇرۇت . 2. كۆل 3.目
4.ئىككى بارماق بىلەن ئىستاكاننى تۇتۇپ، قالغان ئىككى بارماقنى ئېچىپ ئىستاكانغا بوشقىنە تەگكۈزۈپ تۇرۇش
5. 302دە ئاتائانام ، 102دە دوسلىرىم .
6.بىرەر ئاغىنەمنى ئىسمى .
7.قاغا .
8. ئاسمانغا قارىسام كۆڭلىممۇ كېڭىيىپ كىتىپ بارغاندەك بۇلىمەن ، قارغا قارىسام خوشال بۇلىمەن .قۇمدا سىرلىق ھېس قىلىمەن .
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .

[Reply]

تىللائاغچا Reply:

بۇرۇت —سىزنىڭ مۇھەببەتتىن كەسىپتە نەتىجە قازىنىدىغان تىپقا كىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
كۆل —ئازراقمۇ ئۆزىگە ئشىنىش تۇيغۇسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
目—ناھايىتى ئېھتىياتچان مىجەزلىك ،دوستى بولغان تەغدىردىمۇ ئنتايىن ئەيمىنىدۇ.
4.سىز پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىدىغان ئادەم.
302—سىز ئوغىرلىقچە ياخشى كۆرىدىغان ئادەم.-102سىز يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان ئادەم .
كاللىڭىزدا پەيدا بولغان ئادەم ئاخىرى بىر كۈنى سىزنى سېتىۋىتىدىغان ئادەم .
قاغا—-مىجەزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئاسمان —كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئادەم.
قار —-ئەگەر سىز ئازراقلا ئاكتىپ بولسىڭىز ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ.
قۇم—-ئۇئادەم سىزنى ياقتۇرىدۇ.

[Reply]

2011.03.29
01:50
3-قەۋەت: «ھەيدھەر» مۇنداق دېدى:

دوپپا . يول. دەن. بىر قول بىلەن ئىستاكان. تا پان قۇم.

[Reply]

تىللائاغچا Reply:

دوپپا—-سىزنىڭ خارەكتىرى ،قىزىقىشى بار بىرەرسىنى تېپىشنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
يول —سىزنىڭ ئاچكۆز ،تويماس ئكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
旦—-سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىڭىزنى،بارلىق ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىكىدەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4.سىز ئىنتايىن ئەستايىدىل ،مۇھەببەتلەشكەنلىك توي قىلغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارايسىز.
تاپان —-بويىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قۇم —–ئۇ ئادەم سىزنى ياقتۇرىدۇ.

[Reply]

2011.03.31
15:04
4-قەۋەت: «نۇرلۇق» مۇنداق دېدى:

نېمانداق قىززىق سۇئاللار بۇ… لېكىن ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى كېيىنچە ئالدىرىماي سىنىۋالاي. يۇقارقى تورداشلىرىمنىڭ سىنىقىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كەپ كەتتى. مېنىڭ قانداق چىقار……

[Reply]

2011.04.12
02:52
5-قەۋەت: «ئەخمەق» مۇنداق دېدى:

كۆزيىشى ،بۇلۇت,ئۈچ تال بارماق بىلەن ئستاكاننىڭ سىپىدىن تۇتۇش،تاپان،قار ،目

[Reply]

باي دادام Reply:

نەتىجىسى كۈڭۈلدىكىدەك چىققۇسى . جاۋاپلىرىنى كۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ .

[Reply]

2011.05.2
23:49
6-قەۋەت: «ي. م. ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
تاللاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
1. كۆز يېشى
2. قارىغاي ۋە تاش
3. 由
4. ئۈچ تال بارماق بىلەن ئىستاكاننىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇش
5. 102-نومۇر: قادىرجان، 201: ئابدۇلھەكىم، 302: رەيھانگۈل
6. رەيھانگۈل
7. تاپان
8، 1.ئاسمان: تىنچلىق؛ 2. بۇلۇت: كۆڭۈل غەشلىك؛ 3. سۇ: ئىلھام؛ 4.قار: سۆيگۈ؛ 5.قۇم: ئىرادە؛ 6.ئاي: نازلىق؛ 7.تاش: جاسارەت؛ 8.ئوت: ئۆچمەنلىك؛ 9.دەريا: مېھرى-شەپقەت؛ 10.قۇرۇقلۇق: مېھرى-مۇھەببەت

تاللىغانلىرىم قانداق بولدى بىلمەيمەن. لېكىن راستىنى دېسەم بۇ تاللاشلار ھەقىقەتەن تەس كېلىدىكەن ئادەمگە.

[Reply]

باي دادام Reply:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
كۆزيېشى——-كۆزيېشى سىزنىڭ مۇلايىم ،ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىشنى بىلىدىغان بىرەرسىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇرىدۇ.
2.قارىغاينى قوشۇپ قۇيغانلىقىڭىز سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىزنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
由.3
سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنىڭ ناھايىتى ياخشى،كەلگۈسىڭىزنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى،ھازىر نىمىلا ئىش قىلاي دىسىڭىز ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچ تال بارماق بىلەن ئىستاكاننىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇش—سىزنىڭ مىجەزىڭىز سىز ياقتۇردىغان كۆڭۈلدىكى ئادىمىڭىزگە قاراپ مايىللىشىدۇ.
102 .سىز يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان ئادەم.
سىز بىر ئۆمۈر ئايرىلغىڭىز كەلمەيدىغان ئادەم..201
302.سىز ئوغىرلىقچەياخشى كۆرىدىغان ئادەم.
‹مۇشۇ بەك توغرا چىقتىغۇ دەيمەن .›
تاپان(يۈرەك شەكىللىك) بويىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
1.ئاسمان —-كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئادەم.
2. بۇلۇت —- سىزگەنىسبەتەن تەسىرى يامان ئەمەس، ئەمما ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ئادەم.
3. سۇ —– ئەگەر سىز ئازراقلا ئاكتىپ بولسىڭىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايسىز.
4.قار —– ئەگەر سىز ئازراقلا ئاكتىپ بولسىڭىز ئۇسىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ.
5.قۇم——ئۇئادەم سىزنى ياقتۇرىدۇ.
6.ئاي —–سىزنى ئويغىتالايدىغان ئادەم.
7.تاش—– نىسبەتەن سىزنىڭ ھېچقانداق ئامالىڭىزيوق ،پىلانىڭىز ئىشقا ئاشمايدىغان ئادەم.
8.ئوت —–ئۇ سىزنىڭ رەقىبىڭىز.
9.دەريا —- ئاسانلىقچە سىزنىڭ تەسىرىڭىزگە ئۇچرايدىغان ئادەم.
10.قۇرۇقلۇق—-سىز تايانسىڭىز بولىدىغان ئادەم .
شۇنداق بۇ سۇئاللار ئارقىلىق ئازراق خوشاللىق ھەم ئۈمۈتلەرگە ئىگە بۇلۇپ قالىدۇ كىشى .
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

[Reply]

2011.06.19
20:42
7-قەۋەت: «خۇشاللىق» مۇنداق دېدى:

1.ئەينەك2.يول3.ئېتېز دىگەن خەت4.ئۈچتال بارماق5 .102 ئۇرۇق-تۇققانلىرىم1203 ئاتا-ئانام.302 ئاكا-ئۇكا قىرىنداشلىرىم 6.رەسىمدىكى ئادەمنىڭ ئىسمىنى 7.چىللىك 8 .ئاسمان ئاللانىڭ قۇدرىتىنى.سۇ جاھاننىڭ سۇسىزياشنىمايدىغانلىقىنى.ئوت،ئازاپ-ئوقۇبەتنى ئەسلىتىدۇ.

[Reply]

باي دادام Reply:

جاۋاپلىرىنىڭ كۈڭۈلدىكىدەك بۇلىشىنى تىلەيمەن .

[Reply]

Trackbacks to this post.
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se