شىركەت قۇرۇش بىر تۈرلۈك يول ئېچىش خارەكتىرلىك كەسىپ بۇلۇپ ، پەقەت جەمىيەتكە سىڭىپ ، جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىلا ، ئاندىن شىركەت قۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ . شۇڭا كارخانا قۇرۇشتىكى چەكلىگۈچى ئامىللارنى ئىگەنلەش ئىنتايىن مۇھىم .بۇلار ئىچىدىكى تاشقى ئامىللار تۆۋەندىكىچە :
1. سىرتقى مۇھىت بېلەن ماسلىشىش .
ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟
ھېچقىسى يوق ،سىز يېقىن دوسلىرىڭىزدىن ئارىيەت ئالسىڭىز بولىدۇ. ياكى بانكىدىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ،ۋە ياكى خوجايىندىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تېخنىكا يوق ، قابىلىيەتلىك ئادەم يوق، تەجرىبىمۇ يوق بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟
ھېچقىسى يوق .سىز پەن تەتقىقات ئورنىغا بارسىڭىز بولىدۇياكى بولمىسا ئالىي مەكتەپلەردىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى سىز باشقىلارنىڭ كاللىسىنى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسىڭىز ،ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلاشسىڭىز،ۋە ھەمكارلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخنى قانداق مۆلچەرلەش كىرەك
بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىز دائىم «مۇنداق ئىگىلىككە بىر قانچە مىڭ مەبلەخ سالسا بولىدۇ»ياكى بولمىسا «مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە تۇمەن مەبلەخ سېلىپ ئۆزى كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدۇ»«بىر قانچە مىڭ يۇەن مەبلەخ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى بولىدۇ »دىگەندەك خىلمۇ –خىل تۇردىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىنى …