قىزلار ئۈچۈن پۇل تېپىش يۇلى (ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئاياللار ئىچ كىيىملىرى)

سەھپە: باي دادام تەۋسىيەلىرى باھا:2

قىزلار ئۈچۈن پۇل تېپىش يۇلى (ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئاياللار ئىچ كىيىملىرى)

باي دادام
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تۇر ئىسمى : ئاياللار ئىچ كىيىملىرىنى ئۇيغۇرچە ماركىغا ئېلىپ سېتىش تىجارىتى .
كېرەكلىك مەبلەغ : 20مىڭدىن 30 مىڭغىچە .

تۇرنى چۈشەندۈرۈش: رايۇنىمىزدا ئاياللار ئىچ كىيىملىرىنى تىكىدىغان كارخارىلار يوق شۇڭلاشقا ئىچكىرى رايۇنلاردىكى مۇشۇنداق مەھسۇلات تىكىدىغان شىركەتلەر بېلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلارغا مەھسۇلات لاھىيەسىنى بەرسە(شۇ لاھىيەنى ئۆزىمىزنىڭ كىيىم ئالاھىدىلىكى ، رەڭ تاللىشى قاتارلىق خاسلىقىمىزغا ماس ھالدا لاھىيەلەنسە ،) ئۇلار شۇ لاھىيە بۇيىچە تىكىپ بىرىدۇ . شۇ مەھسۇلاتلارغا ئۇيغۇرچە ماركا ئىلتىماس قىلىپ چاپلاپ سېتىش تىجارىتى .

كارخانىنىڭ بازار ئەھۋالى :  ھازىر رايۇنىمىزدا سېتىلىۋاتقان ئىچ كىيىملەرنىڭ تولىسى باشقىلارنىڭ ماركىسى ھەم مەھسۇلاتى ، ئۆز خاسلىقىمىزغا خاس لاھىيەلىك، ماركىلىق بۇ خىل مەھسۇلاتلار يوق ، شۇڭلاشقا بۇ مەھسۇلاتقا تېخىمۇ كۈچلىك بىر بازار ئېھتىياجى بار.

بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى : جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر بۇ خىل ماركىدىكى مەھسۇلاتلار يوق ،  لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .

تەننەرخنى ھېساپلاش :

تىجارەت ئۇرنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ بېزىلىشى :
ياسىغۇچى زاۋۇت بېلەن ئالاقە:
تېخنىك ۋە تېخنىكا :
خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :

. خېيىم خەتەر تەھلىلى :
  رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
 ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
 باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن  مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

 

2010.10.20 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ، ،
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.10.22
19:51
1-قەۋەت: «باتۇر» مۇنداق دېدى:

ىەاىاەسىاەڭۇو اا

[Reply]

2010.10.23
22:53
2-قەۋەت: «بايلىق» مۇنداق دېدى:

باي دادام تور خاتىرسى سىزگە چوڭ بىر تەكلىپ ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتىڭ بۇئۇسلۇبنىڭ شۇنداق بىر رەتسىز قالايمىقان بىر خىل تار ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدىغان بىرخىل ئازادە ئەمەسلىكىنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se