9 ئاي تەقەززالىق بېلەن كۈتكەن ئەزىز مىھمىنىم ئاخىرى يىتىپ كەلدى .
ئۇنى كۈتىۋېلىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى ئىشلار بېلەن تور خاتىرىمىزنى يېڭىلىيالماي قالدىم .
بۇ خوش خەۋەرنى باھانە قىلىش بېلەن تور خاتىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى ئالدىدا ئۆزرىلىكمەن .
بىر يىل توپتوغرا بىريىل غايىبانە ئۇچۇرلۇق ھەم ئۇچۇرسىز ھالدا ئارزۇ قىلىپ كۈتۈپ كەلگەن كەلگەن ئىدىم ، 9 ئاي بۇرۇن ئۇنىڭدىن كىلىش ئۇچۇرلىرى كەلگەندىن بۇيان تەقەززارلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ساق سالامەت كىلىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلدىم ۋە كۈتتۈم .
باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ ئىشتىراكچىللىرى بەلكىم شۇنداق ئويلاپ قالدىمىكىن باي دادام تور خاتىرىسى بىر ئىگىلىك توغرىسىدىلا ، پۇل توغرىسىدىلا ، ئىقتىساد توغرىسىدىلا بىر نىمىلەرنى دەپ كىشىنى سەل زىرىكتۈرۈپ قۇيىدىغان جاي ، بۇ تور خاتىرىنىڭ يازغۇچىسى سېپى ئۆزىدىن ئىگىلىك مەستانىسى بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالغان بۇلىشىڭلار مۇمكىن ، دەرۋەقە بۇ تور …
يەنە كەل
بىلمىدىم يېقىندىن بۇيان تۇرۇپلا كىمدۇ بىر كىملەرنى سېغىنىدىغان ،مىنى سېغىنىدىغان كىشىلەر بارمىدۇ؟ دەپ ئويلايدىغان ،كىملەرنى سېغىنغىنىمنى بىلمەيدىغان بىر خىل غەلىتە خىياللارغا چۈكۈپ قالدىم ، دۇنيادا سېغىنىدىغان كىشىسى بولمىسا ، سېغىندۇرىدىغان كىشىسىمۇ بولمىسا بۇ بىر ئازاپ ئىكەن .بۇ شېئىرىمنى باھارلىق سېغىنالايدىغان سېغىندۇرالايدىغان دوسلارغا بېغىشلايمەن. زوق قوزغاپ كۈڭۈللەر تۆرىدىن دىلدار، …
چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان
كۈل بولغان گۈلخاندەك نۇرلۇرۇم ئۆچكەن ،شاۋقۇنسىز دەريادەك شوقلۇغۇم سۇنغان .جامالىڭ شولىسى ئىزدەپ ھەر تۈندە ،تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان .
سوزلەردە بىر ئىسىم تالاي رەت تەكرار ،كۆزلەر تىكىلەر ھەر ياققا زار- زار .كىشى كىم بولمىغاي بۇ كۈنگە دۇچار ،تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگەن ئەي جانان .
بۇ كۆڭلۈم سىنىلام دەيدۇ
رەنجىشتە …
بەخىت
گۈزۈلۈم ، بەخىت ئىزدەپ نەزىرىڭنى يىراقلارغا ئاغدۇرما ، بەلكى بەخىت يېنىڭدىلامدۇ،،گۈزۈلۈم بەخىت ئىزدەپ ماڭغان يۇلۇڭدا ساڭا پۇتلاشقان كىچىك تاشلارنى تىللاپ قارغاپ زارلىما ، ئۇنى يولنىڭ چىتىگە ئېلىۋەت ، بەلكىم سەن ئىزدىگەن بەخىت ئەشۇ تاشنىڭ تىگىگە بېسىلىپ قالغاندۇ .گۈزۈلۈم بەخىتنى كۇتۇپ تۇرىۋەرمە ،ئۇ بەلكىم ئىشىگىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، …
چوڭ دادامنى ئەسلەيمەن . چوڭ دادام 90يېشىدا ئامانەتنى تاپشۇردى .چوڭ دادام مەن ئىسىمنى بىلسەم مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنمەن ، ئەڭ بالدۇرقى ئىسىمدە قالغىنى،چوڭ دادام ( ئادەتتە مەن بوۋامنى چوڭ دادا دەپ چاقىراتتىم )مىنى سائەت نەچچە بولغانلىقىنى كۈرۈپ كىلىشكە بۇيرىسا ، ئىككى قۇلۇمنى سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش قىلىپ تۇرۇپ< ئۇزىنى 3 تە …
يالغۇزلىق
قاياقتىندۇر كەلگەن گۈدۈك ئاۋازىدەك ،
نەدىن كەلدىم ،مەنزىلىم قاي بىلىشىم قىيىن .
گاھى غېرىپ نەي ئاۋازى ئېپ كىتەر مىنى ،
قۇشلار كۈيى تولغان ئاشۇ قېلىن ئورماندىن.
مەيلى نەدە يۈرەي ئويناپ ، يۈرەي تەمتىلەپ ،
مەيلى ھېيتگاھ ئارا ئويناي چۈگىلەپ ساما .
شۇ بىر پەقەت ھەمرا بولدى يالغۇزلىق ماڭا ،
يوللىرىمدا قالماقتا ئىزلىرىم تەنھا .
ساھىللاردا ساچىم سىلاپ …
شۇ ئادەممەن
شۇ ئادەممەن ئىزىڭنى بويلاپ ،
نىشانسىزلا كەينىڭگە چۈشكەن.
قايرىلساڭ گەر ئارقاڭغا شۇدەم،
ئالدىراپلا دالدىغا قاچقان.
شۇ ئادەممەن مەۋھۇم سېغىنىپ
سۆرىتىڭنى قەلبىمگە ئويغان .
كېچىلەردە كوچا ئالىنىپ،
<ئۇچراشتۇر> دەپ تەڭرىگە تىۋىنىپ
شۇ ئادەممەن تېلىفۇن بەرگەن ،
تەشنا بۇلۇپ شۇ ئاۋازىڭغا .
تۇرۇپكىغا كەلسە ئاۋازىڭ .
سۆزسڭز تېلىفۇن قۇيۇمەن ئاستا .
شۇ ئادەممەن ساڭا ئۈسۈۋېلىپ ،
ھۈپپىدەلا قىزىرىپ كەتكەن .
بىر سۆز …