بەخىت
گۈزۈلۈم ، بەخىت ئىزدەپ نەزىرىڭنى يىراقلارغا ئاغدۇرما ، بەلكى بەخىت يېنىڭدىلامدۇ،
،گۈزۈلۈم بەخىت ئىزدەپ ماڭغان يۇلۇڭدا ساڭا پۇتلاشقان كىچىك تاشلارنى تىللاپ قارغاپ زارلىما ، ئۇنى يولنىڭ چىتىگە ئېلىۋەت ، بەلكىم سەن ئىزدىگەن بەخىت ئەشۇ تاشنىڭ تىگىگە بېسىلىپ قالغاندۇ .
گۈزۈلۈم بەخىتنى كۇتۇپ تۇرىۋەرمە ،ئۇ بەلكىم ئىشىگىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ئىشىگىڭنى ئېچىپ سىرىتقا چىقىپ باققىن .
گۈزۈلۈم ئەتىراپقا ھەر قاچان كۈلۈپ باققىن ، بۇنداق قىلمىساڭ ساڭا قاراپ كىلىۋاتقان بەخىت سىنىڭ سۈرۈن چىرايىڭدىن <مىنى قارشى ئالمايدىغان ئوخشايدۇ> دەپ قايتىپ كىتىپ قالمىسۇن ، كۈلۈپ تۇر بەلكى باشقا سۈرۈن چىرايلاردىن رايى يېنىپ كەتكەن بەخىت سەندىن سۈيۈنۈپ سىنى قۇچاقلىسۇن .
گۈزۈلۈم ئالقانلىرىڭنى چىڭ سىق ، بەخىت ئالقانلىرىڭدا .
2006-يىل يانۋار
مەن ياقتوردوم
بەخىت ھەرچاقىت سىز بىلەن بىللە
بەخىت ھەر ۋاقىت بەخىتنى ھېس قىلغانلارغا مەنسۇپ!
راست دەيسىز .
04:38
بەخىت ھەر زامان ئالدىراشچىلىقتىن ئۇنى ئىزدەپ بۇلالمىغانلارنىڭ يېنىدا