خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:0

خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئەتىراپىمدىكى قورداش دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ بەسلەشكەندەك توي قىلىشى ، ھەم ئۈيۈمدىكى چوڭلارنىڭ< تېزراق بۇ قەرزىمىزنى ئادا قىلساق بۇلىتى >دەپ سۈيلەشلىرى ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ھەرقايسى جەھەتلەر تەييارلىقلىرىمنىڭ پىشىپ يىتىلىپ قېلىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك ھاياتىمدىكى مۇھىم بولغان بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىدىيۋى تەييارلىق بولغۇسى دىگەن خىيال بېلەن توي توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم، سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ دەپ گەرچە ئالىدىغان قىزىمنىڭ تۈززۈكرەك ئۇچۇرى بولمىسىمۇ خۇدا خالاپ ۋاقتى قەرەلى كەلسىلا توي قىلىش ئۇ بىر دەمچىلىك ئىش دەپ ئويلايمەن . شۇڭلاشقا ئالدىن ئۆزۈم ئىدىيە جەھەتتىن قىلىدىغان تەييارلىقلىرىمنى قىلىپ ئۇيلانغاچ تۇراي دەپ توينىڭ خىيالى پىلانىغا چۈشتۈم . ئالدى بېلەن ئاتىلار نەسىھىتىنى بىر ئاڭلاش خىيالىدا تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرگە قۇلاق سىلىپ چىقتىم ، ھەمدە مەندەك خىيالدا يۈرگەن دوسلارغا ياردىمى بۇلار دىگەن خىيالدا بۇ يەرگە قايتا يېزىپ چىقتىم .

خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

بىلگىنكى ھەر قاچان خوتۇن ئالساڭ خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ھەرقانچە قەدىرلىك نەرسەڭ بولسىمۇ ساڭا ئىتائەت قىلغان، ئاق كۈڭۈل، توغرا يوللۇق خوتۇنۇڭ ۋە ئوغلىڭدىن ئايىما، قىزغانما . خوتۇن ئېلىشتا خوتۇننىڭ مال-مۈلكىدىن، پۇلىدىن بىر نەرسە ئېلىشنى ئىزدىمە ۋە خوتۇننىڭ تولىمۇ گۈزىلىنى ئىزدىمە . چۈنكى گۈزەللەر كۆپۈنچە ئويناش (ئاشنا تۇتۇش)نى ئىزدەيدۇ.ئالغان خوتۇنۇڭ شۇنداق بولسۇنكى، يارىماس ئادەملەردىن يۇزى پاك ، دىنى پاك بولسۇن، قورامى ئوتتۇر ياشلىق ۋە خوتۇنلۇققا ، ئۆي تۇتۇشقا لاياقىتى بولسۇن.ئۆي ئىشلىرىنى بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھالال ئېرىنى سۆيگۈچى، ھايالىق نۇمۇسلۇق، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن. بۇ سۈپەتكە لايىق بولغان خوتۇن يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى بولىدۇ.
يەنە، ئۆز مەرتىۋەڭدىن يۇقىرى، ئۆزىڭدىن باي خوتۇن ئالما، تاكى خوتۇنۇڭ ئالدىدا تۆۋەن ئورۇندا بولمىغايسەن. چۇقۇم قىز ئېلىش ئەۋزەل، ئەردىن قالغان تۇل خوتۇننى ئالما .چۈنكى قىزنىڭ قەلبىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ئەرنىڭ مۇھەببىتى بولمايدۇ.
باشقىلارنىمۇ ساڭا ئوخشاش دەپ بىلىدۇ، باشقىلارنى تەما قىلمايدۇ،ئارزۇ قىلمايدۇ.
ھەر خوتۇنكى ئەقىللىق بولمىسا ، ساڭا تىل ئۇزىتىپ سەندىن ئارتۇق ئۈستۈنلۈكنى دەۋا قىلىدۇ.مۇنداق خوتۇندىن قېچىش كېرەك . ئالىملار ئېيتقانكى :<ئەر كىشى بۇلاققا ئۇخشايدۇ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خوتۇن يەرگە ئوخشايدۇ.> ئەر  كەسىپ قىلىپ تاپقان نەرسىلەر يەرگە سۇ يىغىلىپ كۆل بولغاندەك خوتۇن قۇلىغا يېغىلىدۇ. لىكىن، خوتۇن سىنى باشقۇرۇپ، سىنىڭ رىزىق-ئۇزۇق تەسەررۇپلىرىڭنى قۇلىغا ئېلىۋالمىسۇن،توسالغۇ بولمىسۇن. ئەگەر خوتۇن سىنىڭ ئېگىلىكىڭنى ئېلىۋېلىپ سىنى ئېگە قىلمىسا ياكى ئۆز مال مۈلكۈڭگە سۆزىڭ ئۆتمىسە،خوتۇنۇڭنىڭ قۇلىغا قاراپ قالساڭ،بۇ ئەرلىك ئورنۇڭنى يوقاتقىنىڭدۇر. سەن خوتۇن بولىسەن ، خوتۇنۇڭ ئەر بۇلىدۇ. بۇ ھال ساڭا بۇ دۇنيادا ، خوتۇنۇڭغا ئۇ دۇنيادا خارلىق كەلتۇرىدۇ. 
كىشى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن مەغلۇپ بولسا بۇ غەيرەتسىزلىكتۇر.مەشھۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە:<ئىران شاھى دارانىڭ قىزى شۇنچىۋالا گۈزەل تۇرسا، نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئالمايسەن ؟>دىيىلگەندە ئىسكەندەر :< بۇ چوڭ ئەيىپ ئىشتۇر، مەن پۈتۈن دۇنيا ئەرلىرىدىن غەلبە قىلدىم،بى خوتۇن ماڭا غالىپ كەلسە،ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسا، بۇ بىر ئەر ئۈچۈن كۆتۈرۈپ تۈرۈشقا بۇلىدىغان ئىش ئەمەس >دەپ جاۋاپ بەرگەن .

ئەي ئوغۇل خوتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق بۇلىشى لازىم.ئۇ ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن، بەك ياش بۇيىغا يىتەر يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما . چۈنكى, مەرد ئادەملەر خوتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ, پەقەت جىما ئۈچۈنلا ئالمايدۇ. ئالغان قىز, خوتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ, مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيىسىنى ئالغان, ئۆي تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگەنگەن بولسۇن. مۇنداق قىز, خوتۇن قولۇڭغا كىرەر بولسا, ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما, ھېچ ۋاقىت خوتۇنۇڭغا يامانلىق قىلما. خوتۇنۇڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىڭنى خۇش تۇتۇشۇڭ كېرەك. خوتۇنۇڭمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەت باغلىسۇن, ساڭا ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلسۇن. ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭغا قاتتىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلساڭ, ساڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن بولمايدۇ. يات دۈشمەندىن ساقلىنىش مۇمكىن, ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن ئوتتۇراڭدا دۈشمەنلىك بولسا ساقلىنىش مۈشكۈل.

    ئەي ئوغۇل, ئەگەر قىز ئالساڭ غايەت مۇشتاق بولۇپ, ھەر كېچىسى جىما قىلما, خوتۇنۇڭ << ئەرلەرنىڭ ئادىتى ھەر كېچىسى جىما قىلىش ئىكەن >> دەپ , بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالمىسۇن. مۇبادا ساڭا بىر زۆرۈرىيەت كېلىپ قالسا ياكى سەپەرگە كەتسەڭ, سەن قايتىپ كەلگۈچە ھەر كېچىسى جىماغا ئادەتلەنگەن خوتۇن ئۈچۈن يالغۇزلۇق ئېغىر كېلىدۇ. يەنى ئادىتى بويىچە ھەر كېچىسى جىما قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. ھەر ھالدا ئەرلىك غورۇرۇڭنى ساقلىغايسەن. غەيرەتسىز ۋە ھىممەتسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالما. كىمنىڭ غەيرىتى يوق بولىدىكەن, دىنىمۇ يوقتۇر. << كىمنىڭ غەيرىتى يوقتۇر, دىنى ھەم يوقتۇر >> دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ھەقىقىي سادىق ھەم مېھرىبان, ياخشى سۈپەتلىك خوتۇنۇڭ بولسا, ئوغۇل-قىز پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىلەپ چىقالايسەن.

مەنبە : قابۇسنامە

باي دادام تور خاتىرىسى
 http://baydadam.blogbus.com/

 

2009.06.29 ئاپتور: export_user
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup