باي دادامدىكى يېڭى تەكلىپ
باي دادام تور خاتىرىسىدە ئالدىنقى قېتىمدىن باشلاپ ئېلەپ بېرىلىۋاتقان ئۆزىمىز توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى يىغىش پائالىيتىدە دوسلارنىڭ قوللىشى بېلەن خېلى ياخشى تەكلىپلەر مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ ھال كىشىنى خوشال قىلىدۇ . لىكىن بۇ تىمىنىڭ تورداشلار ئارسىدىكى ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك خىيالغا كىلىپ قالدىم . يەنى نورغۇنلىغان تورداشلىرىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئىكەن، يەنى ئۇلار ھەبىر تەكلىپنى دىگىنىدە <گەرچە مۇمكىن بولمىسىمۇ….. گەرچە ئەمەلگە ئاشمىسىمۇ…….مۇمكىن بولمايدىغىنىنى بىلسەممۇ دىۋالاي…… بونداق ئىشلار بېلەن ئاۋارە بولماڭلار …….> دىگەندەك ئۈمۈتسىز ئىنكاسلار بىز دىكى ئۈمۈتسىزلىكنى دەلىللەپ قويدى.
بۇ دوسلارغا مەن بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلماي پەقەت ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان تۆۋەندىكى ماقالنىلا دەپ قۇياي.<تاما-تاما كۆل بۇلا > <تامچە سۇ تاشنى تېشەر>
گەرچە بىز تامچە سۇ بولساقمۇ ، تامچىدىمۇ قۇياش ئەكسىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ دوستۇم.
يەنىلا چاقىرىقىم شۇ كى كىلىڭ بىر لىكتە ئارزۇلىرىمىزنى، تەكلىپلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقايلى . ئىشىنىمەن بۇلار ھامان بىر كۈنى روياپقا چىقىدۇ. روياپقا چىققىچە دەپ باقايلى . كىلىڭ…..كىلىڭ…….كىلىڭ .
تەكلىۋىمنىڭ ئىككىنچىسى شۇكى….
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت نەۋرۇز بايرىمىنى قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بىكىتىپ بەرسە .
نەۋرۇز بايرىمى نۇقۇل ھالدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمى بولماستىن بەلكى باھارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ بايرىمى، شۇڭلاشقا بۇخىل تەقەززا ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدا ئىنتايىن تىپىكلىككە ئىگە. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يەتسە،ھەم تەتكۈزسە…..
مەنبە :باي دادام تورخاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/
18:32
تەكلىپىڭىز ھەقىقەتەن ؟ويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن،بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز.