تەكلىپىمنىڭ دىيارىمدىكى ئىنكاسى
تەكلىپ توغرىسىدىكى تىمام ھەرقايسى تور بەتلەرگە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇلۇنغان ئىنكاسلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەلدىم :
دىيارىمدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە بىر قەدەر بوپ قالغىدەك ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن.
katil731 ئىسىملىق توردىشىمىزنىڭ تەكلىۋى:
1-كىيىمگە چەك قويلىۋاتىدۇ، مەسلەن؛بىزنىڭ ناھيىدە ئىسلامچە ئورنىپ يۇردىغان ئاياللار سىرىتقا چىقسا، ئۇلارنى سولاپ قويۇپ تۇۋىنى 200يۇندىن جېرىمانە تۇلەۋاتىدۇ،
بۇ قايسى دۇلەتنىڭ قانۇنى ھىچ بىلمدىم،؟ بۇلارنى سورايدىغان باشقۇردىغان ئورۇن يوقمۇ؟
يەنە تېخى ئۆزۇن كىيىم كىيگۇچىلەر ،غەيرى كىيىندىڭ دىگەن قالپاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگى خالىغان ۋاقىتتا دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراۋاتىدۇ،بۇ كىيىنىش ئەركىنلىك قانۇن جەھەتتە قوغدالسىكەن .
nazuk29 ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ تەكلىۋى:
2-تەكلىپ:«قوش تىل »مائارىپىنى ئىلمىي يولغا قويۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خەنزۇتىلىنى قوش تىل مائارىپىنىڭ ئورنىغا قويۇشىنى قانۇن ئارقىلىق چەكلەش ، ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىدىن باشلاپلا خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنى قانۇنىي يول ئارقىلىق چەكلەش ، ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىشنى ئاساس قىلىش .(بۇ مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدە قالىدىغان تەكلىپ بولسىمۇ بېرىپ قوياي)
<باي دادامنىڭ ئەسكەرتىشى ئۈمۈتسىزلەنمەي قۇلىمىزدىن كىلىشىچە قانچىلىك ئىشلارنى قىلالىساق شۇنچە قىلىپ باقايلى بەرىبىر ئۈزىمىز ئۈچۈن بولغاندىكىن ، دۇنيادا ھىچكىم بىزنىڭ غېمىمىزنى يىمەيدۇ ، ئۈزىمىزدىن باشقا ، مۇشۇنداق ئازئازدىن دىگىلى تۇرساق بۇ گەپلىرىمىز ھامان بىر كۈنى جايىنى تاپىدۇ،ئۈمۈتسىزلەنمەڭ ،ئۈمۈتسىزلىك شەيتانمىش.>
باي دادام تورخاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/