كېلەلمىسەڭمۇ
ئۇچۇرۇڭنى بىرىپ تۇر يارىم
سېغىنغاندا كىلەلمىسەڭمۇ
سۆيدۈم دەپ يۈر سورىغانلارغا
گەرچە مەندەك سۆيەلمىسەڭمۇ
ھىجرانى بار سۆيگۈ دىگەننىڭ
ئازابىغا كۈنەلمىسەڭمۇ
بىر ئوت دەپ يۈر سەنمۇ ئۆزەڭنى
گەرچە مەندەك كۈيەلمىسەڭمۇ
ئەڭ تامان مىسالدۇر گەرچە
بۈگۈن ئويناپ كۈلەلمىسەڭمۇ
بۇ سۆيگۈدىن غەم قىلما مەندىن
چۈشلۈرۈڭدە كۈرەلمىسەڭمۇ
دوسلۇرۇڭدىن پەخەس بول يارىم
كىملەر دۈشمەن بىلەلمىسەڭمۇ
قايدا بولساڭ ئامان بول يارىم
سېغىنغاندا كىلەلمىسەڭمۇ .
بۇ ناخشىنى ئالى مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا دائىم ياتاقتاشلىرىم ھەم دوسلىرىم سورۇن قۇرۇپ ئولتۇرغانلىرىمىزدا
دۇتتا تەمبۇر بېلەن شۇنداق ئىسىل ئولتۇراتتۇق . لىكىن يېقىندىن بۇيانقى قىلچە لەززىتى بولمىغان دائىملا ھاراققا زورلايدىغان بۇ سورۇنلاردىن زىرىكىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە تاساددىپەن ئاڭلاپ قالدىم ، شۇ مۇناسىۋەت بېلەن شۇ سۇرۇنداش دوسلىرىمنى ئەسلەپ بۇ يەرگە يوللاپ قۇيدۇم .
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/