بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىتىپ بارغاندايولدا بىر كالا ھارۋىسنى يېتىلەپ كىتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ.ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،لېكىن ھېلىقى ئايال بالىسى بىلەن كارى بولماي ھارۋىنى ئەديال بىلەن يۆگەپ،قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تېزراق مېڭىشقا زورلاۋاتاتتى . بۇنى كۆرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:
__ ھەي ئايال،ھارۋىدىكى نىمە؟
___ قورال-ياراغ!
__ نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟
__ ئالدىنقى سەپكە!
__ ھارۋىنى نىمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟
__ ئېرىم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتتى!
__ بالا ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ،ئەدىيال بىلەن بالىنى يۆگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!
_ شۇنداق بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، _ دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ،__ لېكىن ھارۋىدىكى قورال-ياراغلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرز بولىدۇ.بالام ئۆلۈپ كەتسە،يەنە بالا تۇغالايمەن،لېكىن ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ-دە،ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ،ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:
__ ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلار بولىدىكەن،تۈرك ۋەتىنى ھەرگىز مۇنقەرز بولمايدۇ ، __ دەيدۇ…
بۇ يازما ئالىمىمىز ئەسئەت سۇلايماننىڭ <<ئۆزلۈك ۋە كىملىك >>دېگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى..