دىسەكمۇ بوپ قالامدۇ نىمە ؟

سەھپە: راس گەپ باھا:1

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان توردا ئاۋازغا قۇيىدىغان ، بېلەت تاشلايدىغان ،دىگەندەك پائالىيەتلەر خېلىلا كۆپىيىپ قالدى .(مەسىلەن : ئون مۇنەۋەر ياش دەيدۇ، شىنجاڭنى ياكى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس دىگەندەك ….) يەنە كىلىپ بۇ پائالىيەتلەردە ئاۋاز قۇيۇشقا تاللانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا تاشلانغان بېلەت سانىنىڭ باشقا ئاۋازغا قۇيۇلغانلار بېلەن بولغان پەرق بىزنى خېلى مەمنۇن قىلىدۇ، بۇنداق پائالىيەتلەردە شۇ قېرىندىشىمىز ئاساسەن يۇقىرى ئاۋاز بېلەن تاللىنىدۇ، بۇندىن ئىلگىرىكى ۋە ھازىرنىڭ ئۈزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەزى بېلەت تاشلاش پائالىيەتلىرى بىزگە ئىسپات بۇلالايدۇ،تور دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادائىپادىلەنگەن بىز ئىزدەۋاتقان ئىتتىپاقلىق،قوللاش،دوسلۇقنىڭ ئازىراق ئىپادىللىرى بىزنى ئۈمۈتۋار ھېسلارغا چومدۈردى، شۇڭلاشقا مۇشۇ ئۈمۈتۋارلىق ھېسلىرى ئىچىدە پېقىر تورنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش رولىدىن پايدىلىنىپ يەنىمۇ جىق ياخشى ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشىمىز ئۈچۈن ھەركىم ئۆز قۇلىمىزدىن كىلىشىچە بىر ئىشلارنى قىلىپ بېقىش تەكلىۋىنى بەرمەكچىمەن . ئەمەلىيەتتە جامائەت پىكرى دىگەن بۇ نەرسە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قورال ،غەرىپ دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق خەلق ئۆزىنىڭ توغرا بولغان جامائەت پىكرى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى روياپقا چىقارغان ، ھەتتا ناتوغرا بولغان ئەخلاققا زىت بولغان قىلمىشلارمۇ مۇشۇ خىل جامائەت پىكرى ئارقىلىق ئۆزىنى قانۇنلاشتۇرۋالدى ،(ئالايلۇق : ھەمجىنىسلىق، ئەنە شۇلارمۇ باشتا بىردىن ئىككىدىن كۆپىيىپ ئاندىن مەلۇم بىر توپنى شەكىللەندۇرىدۇ،يەنە ئۇخشاش بولغان بىر جامائەت پىكرىنى ياكى بىر ئارزۇنى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇلار بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئارزۇسى بولماستىن بەلكى مەلۇم بىر توپنىڭ ئارزۇسى ۋە پىكرى بۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلار  ئۆزىنى قوغداشنى قانۇنغا مۇراجەت قىلىدۇ،نەتىجىدە دۆلەت بۇلارنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايدۇ.  )<ئەسكەرتىش : مەن بۇ يەردە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ناتوغرا خاتا بولغان جامائەت پىكرى توپلاش نىيتىدە ئەمەسمەن > بىزدە نۇرغۇنلىغان ئۆزىمىزنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىمىز ، ۋە ئارزۇيىمىزنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇنلىغان تەكلىپ پىكىرلىرىمىز بار ، بىز شۇ تەكلىپ پىكىرلىرىمىزنى ھەر بىرىمىز ئۈزىمىزنىڭ ئويلىشىچە ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقساق ، مۇشۇنداق ئاز ئازدىن ئارزۇلىرىمىزنى ئوتتۇرغا تۆكسەك  كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئارزۇلىرىمىزمۇ روياپقا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بىزنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىز بار، مۇشۇنداق ئارزۇلىرىمىزنى ئېيتىۋەرسەك ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ قالسا ئاندىن ئۇلار بۇلارنى دۆلەت ۋە ھۆكىمەتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزسە ئەجەپ ئەمەس، ئىشقىلىپ ئۇلار خەلىقنىڭ ئاۋازىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغان كىشىلەر بولغاندىكىن.ئالدى بېلەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاش مەخسىتىدە <باي دادام تورخاتىرىسى>http://baydadam.blogbus.com/دە <تەكلىپلەر> نامىدا بىر سەھىپەقۇرۇپ ئۆزۈم ئويلىغانلىرىمنى مۇشۇ جايدىن باشلاپ ھەرقايسى مۇنازىرىلەرگە تارقىتىشنى توغرا تاپتىم . بۇ پىكرىمنى توغرا تاپقۇچىلارنىڭ مەن بېلەن تەڭ بۇ تەكلىپلەرگە ئاۋاز قۇشىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئەڭ بولمىدى دىگەندىمۇ ھەپتىدە بىر يېڭى تەكلىپ سۇنۇشقا تىرىشىمەن. ئۇنداقتا بۇ ئىشىمنى ئەڭ ئاددى بىر تەكلىۋىم ئارقىلىق باشلايمەن .
مىنىڭ بىرىنچى تەكلىۋىم :
ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىش يۇلى ئارقىلىق قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ <18 ياشقا توشمىغان> ھەرخىل دۇكانلاردىن ھاراق تاماكا سېتىۋېلىشىنى چەكلىشىنى، قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا ھاراق تاماكا ساتقۇچى دۇكاننى قاتتىق جازالاش ،ھەم بۇخىل قىلمىشنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئورۇندىن بىرنى تەسىس قىلىش تەكلىپ بىرىمەن . ھەرخىل سودا سانائەت تارماقلىرىنىڭ بۇلا توغرىسىدا ھەرخىل قائىدە نىزاملارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن لىكىن مەن دىمەكچى قانۇن ئارقىلىق چەكلىگەندە چەكلەش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ.
بۇ خىل تەكلىپ تەقەززاسى شۇكى ھازىر دۆلىتىمىز ھە دەپ پۇخرالار ئەخلاق قۇرلۇشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە دۆلىتىمىزنىڭ چاقىرىقىغا كۈچلۈك ئاۋاز قوشقانلىق بۇلىدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن بۇخىل قىلمىشلارنى چەكلىمەسلىك تەسىرىدىن پەيدا بولغان يامان ئىشلار بىزگە بۇخىل تەقەززانى ھېس قىلدۇر ماقتا.
كىلىڭ دوستۇم بۇ ئىشلىرىمىزنى ئاززىراق بىر مەنىلىك ھېس قىلسىڭىز بىز بېلەن بىرسەپتە سۆزلەپ بېقىڭ . خالىسىڭىز بىز بىر لىكتە تەكلىپ سۇنۇپ باقايلى .

ھۆرمەت بېلەن : باي دادام 

باي دادام تورخاتىرىسى 
http://baydadam.blogbus.com/

2009.06.15 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2009.06.16
16:27
1-قەۋەت: «ئۇيغۇرتېكىن» مۇنداق دېدى:

پىكىرىنىڭ خېلى ئۇرانى بار ئىكەن ، بۇنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بىر ككرۈپ باقسا بولاتتى .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup