مۇبارەك بولسۇن باھارلىق تور ئەھلى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، تۈنۈگۈن باشقىلاردىن تور پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەپتۇ دەپ ئاڭلىغاندىن بۇيان تا بۈگۈنگىچە كۈزۈم تۆت بولدى ، بىلوگىم ساقمىدۇ دەپ ، خۇداغا شۈكرى ساقكەن . شۇڭلاشقا بۇمۇناسىبەتتە ئالدى بېلەن دوسلارغا تورنىڭ ئېچىلىش تەبرىك سالىمىنى يوللاپ ئالدىراش تىنەش بۇ يازمامنى يازدىم.
بۇ بۇرۇختۇملۇقتا ئۆتكەن ئاز كەم بىر يىل ئىچىدە ئايرىلغاندا قەدرى بىلىنەر دىگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەر شۇقەدەر ئۈتۈلۈپ كەتتى ، شۇڭلاشقا بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز بىلىمىمىزنى موللاشتۇرايلى دىگەن تەكلىپتىمەن .
ئەمدى بىلوگ توغرىسىدىكى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەم :
بىلوگىىم بۇندىن كىيىن داۋاملىق ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئاساسى تىما قىلىپ باشقا تىمىلار تەڭ مەۋجۈت بولغان ، خەلىقچىل تەكلىپلەرنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە توپلاشنى ۋە يوللاشنى توختىتىپ قويمىغان ئاساستا داۋاملىشىدۇ ، <خۇدا خالىسا ئەلۋەتتە > !
ئەگەر بۇ نىيەتلىرىمنى دۇرۇس كۇرۇپ ھەم ئۈزىمۇ شۇ نىيەتتە بۇلۇپ ھەمكەرلاشقۇچىلارنى، بۇكىچىك بىلوگنى بىرلىكتە باشقۇرغۇچىلارنى مەن قىزغىن قارشى ئالىمەن .
ھۆرمەتتە :باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/
2010-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى
23:57
مەن راسىت گەپنى قىلسام بىلوگىڭىزنى كىچىكىپ بىلىپتىمەن لېكىن ھىلىمىۇ بىلمىگەندىن ياخشى ئاللاھ ئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !!