پىكاپ‹ئىچ كىيىملىرى› مەخسۇس سېتىش دۇكىنى

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:0


پىكاپ ”ئىچ كىيىملىرى“ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى

مەنبەسى: بۇغلان بىلوگى

ئەسكەرتمە: مەزكۇر يازما ”ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى“ نىڭ 2009-يىلى 24-ئاپرېل جۈمە كۈنلۈك سانىدا بېرىلگەن بولۇپ، تەرجىمان مەرىپەت تالىپ. تور دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزلەپ، توردىن ئىزدەپ توردا كۆرۈلمىگەندىن كېيىن بلوگىمغا يوللىدىم. دوستلىرىمىزنىڭ نەزىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

پىكاپى بار ئادەملار پىكاپىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى زىننەتلىگەندە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما پىكاپنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پىكاپ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا بېكىتىپ بولۇنىدىغان بولغاچقا، بىزگە پىكاپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇمشاق زىننەت ئىشىلا قالىدۇ. بۇ بۆلەككە ئىشلىتىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن توقۇلما بۇيۇملار بولىۋاتىدۇ، مەسىلەن: پىكاپنىڭ پولى، پىكاپ ئىشىكىنىڭ ئىچكى يۈزى، ئۇرۇندۇق قېپى دىگەندەك. گەرچە پىكاپى بارلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا يارايدىغان پىكاپ ”ئىچ كىيىملىرى“ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى يوق دىيەرلىك. دىمەك، بۇ ئېچىشقا بولىدىغان دۇكان.
لايىھە
1. ئورۇن ۋە زىننەتلەش. كوچىغا يېقىن دۇكان. يەنى يېتەرلىك بوشلۇققا ئىگە بىرەر ئېغىز ئۆي ياكى ئىسكىلات خىزمەت ئۆيى قىلىنسا بولىدۇ. دۇكان ئىچىگە ماتىرىيال ئورنى، خراكتېرلەشكەن زىننەت بۇيۇملىرى ئورنى تەسىس قىلىنىشى كېرەك. ئىسكىلاتلارنى يەنە باسمىچىلىق ئىشخانىسى بىلەن قۇراشتۇرۇش ئىشخانىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. زىننەتلەش جەھەتتە، ئاپتوموبىل مەدەنىيتى ئەكس ئېتىدىغان زىننەتلەش ئۇسۇلىدىن ئۈلگە ئالسىمۇ بولىدۇ. بىراق خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرمەي بولمايدۇ.
2. تاۋار كىرگۈزۈش. پىكاپنىڭ توقۇلما بۇيۇملاردىن تۈزۈلگەن ئىچكى زىننەت ماتىرىيالىنى ئاساس قىلىپ، خىلمۇ-خىل گۈل ۋە نۇسخىلىق رەختەلرنى كىرگۈزۈش كېرەك. شۇ خىل مالنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بىلەن مال تەمىنلەش توختامى تۈزۈش ئەڭ ياخشى چارە. سېتىۋالغان گۈللۈك رەختلەر بىەلن زىننەتلەش ماتىرىيالىڭىزنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالى پىسخىكىسىنى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم، شۇندىلا كىرگۈزگەن مال بېسىلىپ قالمايدۇ.
3. خىزمەتچىلەر. تىككۈچىدىن بىرنى، كەسپىي قۇراشتۇرغۇچىدىن ئىككىنى، لايىھىلىگۈچىدىن بىرنى ياللاش كېرەك. ناۋادا ئۆزىڭىز لايىھىلىگۈچىلىك قىلالىسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4. كېڭەيتىش ۋە تەشۋىقات. ئاپتوموبىل بازارلىرىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىش، تەشۋىقات سۈرىتى ئىشلەپ، ئاپتوموبىل بازىرىغا چاپلاش، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئۇششاق ئېلان سەھىپىسىدىن پايدىلىنىش ئەڭ موھىم.
مەبلەغ سېلىش خام چوتى
1. ئۆي ئىجارىسى ۋە زىننەتلەش. دۇكان ئىجارەت ھەققى يەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، زىننەتلەشكە 15 مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا كېتىدۇ.
2. مۇئاش. تۇنجى ئايدا خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىغا 3000 يۈەن ئاجراتماي بولمايدۇ.
3. رەخت ۋە زىننەتلەش ماتېرىيالى. 6000 يۈەن مەبلەغ سېلىنسا مۇۋاپىق، توختام تۈزۈلگەن كېيىن مال بىلەن تەمىنلەش باشلانسا بولىدۇ.
4. تەشۋىقات خىراجىتى. ئاز بولغاندىمۇ 5000 يۈەن كېتىدۇ.
5. باشقا چىقىملار. تىجەپ ئىشلىتىلسە 2000 يۈەندىن ئاشمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، پىكاپنىڭ ئىچكى قىسمىنى زىننەتلەش مەقسەت قىلىنغان پىكاپ ”ئىچ كىيىملىرى“ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىشقا 31 مىڭ يۈەن (دۇكان ئىجارىسى بۇنىڭ سىرتىدا) كېتىدۇ.
مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمى
ئادەتتە پىكاپنىڭ ئىچكى قىسمىنى زىننەتلەش باھاسى يوقىرى بولىدۇ. ھازىر بازاردا ئېقىۋاتقىنى رەختتىن ياسالغان پىكاپ ئۇرۇندۇقى قېپى، ئەڭ يوقىرى باھاسى 2500 يۈەن بولىۋاتىدۇ، ئادەتتىكى بىر يۈرۈش ئۇرۇندۇق قېپىنىڭ باھاسىمۇ 500 يۈەندىن كەم بولمايدۇ. پىكاپنىڭ ئىچىگە قىلىنىدىغان باشقا ئۇششاق زىننەتنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەن ئەمەس، يەنى ئاپتوموبىل ئەتىرى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ۋە ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار.
شۇڭا پىكاپ ”ئىچ كىيىملىرى“ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقانلار سېتىۋاتقان رەختلەرنىڭ گۈل نۇسخىلىرى، زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ شەكلى جەھەتتە باشقىلاردىن ئالاھىدىلىكرەك بولسىلا، باھانىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا يوقىرىراق قويالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بازاردا ئالتە تېلى بىر يۈرۈش قىلىنغان ئىچكى زىننەت قېپىغا ئاز بولغاندىمۇ 800 يۈەن باھا قويۇلىۋاتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەننەرخى 250 يۈەندىن ئاشمايدۇ. پايدىسى زور، ئەلۋەتتە. ئاپتوموبىل ئەتىرى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ۋە ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئۇششاق زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ پايدىسىمۇ %60 تىن كەم بولمايدۇ.
خېيىمخەتەر ئانالىزى ۋە كونترول قىلىش
جۇڭگودا ھازىر ئاپتوموبىل ئىستېمالى يوقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىل ئىستېمالى بىلەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ساھەسى ”گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر“ تۈرىگە مەنسۈپ. خېرىدارلار كۆپ بولغاچقا، بۇ ساھەدە رىقابەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا خېيىمخەتەردىن ساقلانماق تەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا دۇكاننى يۈرۈشتۈرگەن چاغدا مۇلازىمەتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىللە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، ئادىل باھا ئامىلىغا ئېتىبار بەرگەندە، خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىپ، رىقابەتتە ئۇتۇپ، سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.
 
 


ياخشى تىما ئىكەن شۇسەۋەپ بۇ يەرگە كۈچۈرۈپ كەلدىم .
مەنبەسى :بۇگلان بىلوگى

2010.05.28 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup