ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇرى ۋە ساپاسى

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:0

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇرى ۋە ساپاسى

ھەر خىل تۇردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا گەرچە ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولسىمۇ ، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خۇسۇسىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

غەلبە قازانغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردا بار بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك ۋە ساپاسى

  1.ئارزۇ ئارمان

ئارزۇ ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر خىل نىشانى .

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ،ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھەمىشە رىئاللىقتىن ئېشىپ كېتىدۇ.ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرۋاتقان مەۋقەسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ھەمدە كۆز ئالدىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاشقا  مۇھتاج بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھەمىشە ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچى ۋە پىداكارلىق روھى ئەگەشكەن بولىدۇ.

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئارزۇسى بولسا ئىتائەتچانلىق  ئەمەس. ئۇ بولسا رىئاللىقتىن ئۇستۇن تۇرىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىنى دەڭسەپ ماڭغاندا ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.بەزى چاغلاردا چوڭ  سەكرەپ ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۇنكى ئىگە بولۇشنى ئويلىسا ئۆزىنىڭ سالاھىيتى ،ئورنىغا تايىنىپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەن،ئىگىلىككە تايىنىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيتىنى ئۆزگەرتىش،ئورنىنى يوقىرى كۆتىرىش،بايلىق توپلاش كىرەك.بۇلار نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرھاياتىنىڭ <<ئۇچ تىرىلوگىيسى>>نى شەكىللەندۇرىدۇ.

  2.سەۋرىچانلىق

بىزدە مۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۆز بار <<جاپا مۇشاقەتتىن مۇۋاپىقىيەت كېلىپ چىقىدۇ>>.مەنىسى بولسا ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.

ھازىر مودا بولۇۋاتقان <<يىغلاپ بولدى،ۋارقىراپ ھېرىدى،ئۇخلىدى،ئويغاندى،ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنە خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.>>دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ غەلبە قازانغاندىن كېيىنكى جاپالىق كەچۇرمىشىدىن ئىبارەت.

سەۋرىچانلىق بولسا بىر خىل گۇزەل ئەخلاق.ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئۇچۇن ئېيىتقاندا،سەۋرىچانلىق ھەقىقەتەن چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك خارەكتىر.

ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،بەدەندە قالغان ئىزنا ھېچنىمە ھېسابلانمايدۇ.روھى جەھەتتىكى ئىزنا بولسا ئاندىن ئەڭ ئەجەللىك نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

  3.نەزەر دائىرە

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى:كەسىپ

ئىكىكىنچى :ئۇچۇر،گېزىت ،ژورنال، ئوپتىكىلىق ۋاستە، يېڭى خەۋەرلەر قاتارلىقلار.

ئۇچىنچى:ھەرىكەت،<<نۇرغۇن كىتاپ ئوقۇپ،ئۇزۇن سەپەرلەرنى باشتىن كەچۇرۇش>>

  4.ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش

ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشنىڭ مەنىسى ئىككى قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچى بولۇش ئۇچۇن،بىرىنچىدىن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، ئىككىنچىدىن ھادىسىنى تەھلىل قىلىش كىرەك. ئاۋال ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشنى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇ بولسا بىر يۆلىنىشتىن ئىبارەت.

ئىگىلىك تىكلىگەن ئادەم چوقۇم ئەھۋالغا قارىتا سىياسەتنى تەھلىل قىلىش كىرەك. بۇ بىر چوڭ يۆلىنىش ھېسابلىندۇ. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۇش بولسا سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۇشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرھال يۆنىلىش بولسا بازار پۇرسىتىنى كۆرسىتىدۇ.بازاردا ھازىرقى ئەۋىج ئېلىۋاتقان كەسىپ ياكى ساھە قايسى ،كىشىلەر نىمىنى ياخشى كۆرىدۇ.نىمىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ قاتارلىقلار.

كىچىك يۆنىلىش بولسا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خاس ئىقتىدارى،خارەكتىرى،ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار. ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئىگىلىك تىلەش ئۇچۇن كەسىپ تاللىغاندا،چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق كېلىدىغاننى تاللاش،ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا مۇۋاپىق كېلىشى كىرەك. ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرسا بولىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئۆزىگە پايدىلىق قىلغىلى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىلىك ۋە پۇتۇن زېھنى بىلەن كىرىپ  ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش بولسا بىر خىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى قىينايدىغان ئىش.ئىگىلىك تىكلەشتە ئازاپ چىكىشكە ئالدىن پىسخىكا تەييارلىقى قىلىش كىرەك.

يەنە بىرى ھادىسىنى مۇلاھىزە قىلىش

بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچى ئادەمگەرچىلىكنى ئىشنىڭ يولىنى بىلىشى كىرەك.ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئالدىنقى مەقسىتى جەمئىيىتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى قانۇن نىزاملارغا مۇۋاپىق ھالدا پۇل تېپىش ئۇچۇن بولۇشى كىرەك.

ئىگىلىك تىكلەش بولسا كىچىككىنە ئىمكانىيەت بولسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىش ،بولۇپمۇ جەمئىيەت ئۇچۇن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ھەر خىل قائىدە تۇزۇملەر،قانۇنىي شارائىتلار تېخى تولۇق پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋالدا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئاۋال جەمئىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەندە ئاندىن ئىشنىڭ يولىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەردە خاتالىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر چوقۇم نىشانىنى ئېنىقلىشى كىرەك،شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ، سودا ئىشلىرى ۋە يەنە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئىشنىڭ يوللىرىنى بىلىۋېلىش قاتارلىقلار بولسا بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچىدە بولۇشقا تىگىشلىك تەبىئىي خىسلەت.

  5.سەزگۇرلۇك

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ سەزگۇرلۇكى بولسا سىرتقى دۇنياغا بولغان سەزگۇرلۇك بولۇپمۇ سودا پۇرسىتىنىڭ سۇرئىتگە ئۇيغۇنلۇشىشتىن ئىبارەت.

ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە سودىگەر بولۇشنى ئويلىسىڭىز .ئۇ چاغدا سىز چوقۇم مەشىق قىلدۇرۇلغان ئوۋ ئىتىغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ سودىغا بولغان ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۇرۇڭ. ياخشى بولغان سودا سىزىمى بولسا ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ غەلبە قازىنىشىنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى.

مەنبە: ئەپەندىم تورى
باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2010.07.9 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup