ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم كۆرۇشكە تىگىشلىك 9تۈرلۇك تەجىرىبە

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:0

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم كۆرۇشكە تىگىشلىك 9تۈرلۇك تەجىرىبە

1.سىز كىم؟

   ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەمىشە <ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ؟نىمە ئىش قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى؟سىز نىمە ئىش قىلىشقا مۇۋاپىق؟سىزدە قانداق بايلىقلار بار؟>دىگدندەك مەسىلىلەرنى بىلەلمەيدۇ.ئىىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ،ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئۆزىدە بار بولغان ، قوغلىشىۋاتقان ئىگىلىك نىشانىدىن ئىلگىرى يەنە قانچىلىك ھاڭ بارلىقنى؟يەنە قانچىلىك قىيىن نۇقتىلار بارلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشى كىرەك.مەسلىھەتچى ئوتتۇرغا قويغان بىر قىسىم ئىگىلىك توغرىسىدىكى مەسلىھەت كۆز قاراشلاردا ،بىز نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئۇچراتتۇق .مەيلى بىر تور بەت لاھىيلىگۈچى بولسۇن،مەيلى ئەمدىلا مەكتەپ پۇتتۇرگەن زىيالىي بولسۇن،ياكى بىر ئائىلىسىدە پۇلى بار ،چوڭ ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئىشسىزبولسۇن.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۇشەنمەيدۇ،چۈنكى ئۇلار بەلكىم  ئىگىلىك ئۈچۈن،دوستىنىڭ ئازراق پىكىرى،ھەتتا ۋاقىتلىق ھاياجانلىنىش بىلەن شۇ ئىگىلىك ئۈچۈن  قەسەم قىلىشى مۇمكىن.(ئادەتتە ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى غەلبە قىلغۇچىلار).بىراق نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.شۇڭا بىزنىڭ تەۋىسىيمىز ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان دوسلار چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۇشىنىشى كىرەك.

1.      ئىگىلىك دىگەن نىمە؟

ئىگىلىك تىكلەش يولىغا سەل قاراپ ئىش باشلىغان.ئىگىلىك دىگەن نىمە؟ئۇ بىر تۇرلۇك سېستىما قۇرۇلۇشى،خوجايىن بولغان ۋاقىتتا ،سىز چوقۇم ئادەم،مەبلەخ،ماتىرىيال،كىرىم،سېتىش،ساقلاش،رىقابەت،بازارئەھۋالى،ئورۇن،باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى،مالىيەنى كونتىرول قىلىش،مېخانىزىمدىن چىكىنىش،ئالدىن مۆلچەرلەش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئويلىشىشڭىز كىرەك.ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە،بەلكىم سىز ئورۇننى خاتا تاللىغانلىقتىن، مەغلۇبىيەتچى خوجايىنغا ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.جەزمەن نەچچە مىليون زىيان تارتقۇزىشى مۇمكىن.بۇ يەردە مەن مەقسەتلىك ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قىيىنلىقىنى ئەسكەرتمەكچى ئەمەس،مەن پەقەت ئىگىلىك تىكلىگۈچى دوسلارغا ،ئىگىلىك تىكلەشنىڭ خەتىرى بارلىقىنى ،چوقۇم ئەقەلىيلىك بىلەن يۇزلەنگەندىلا ئاندىن سىز موھتاج بولغان كوللكتىپ روھى سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇدىمەكچى.

2.      سىز چوقۇم نىمىلەرنى تەييارلىشىڭىز كىرەك؟

 ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۇرنى تەييارلىشىڭ كىرەك .

  ① .ئىشەنچىلىك بولغان تۇر پىلانىنى تۇزۇش.سىزنىڭ سودا پىلان دەپتىرىڭىز چوقۇم ئومومىيۇزلۇك ئىشەنچىلىك بولىشى ،ئەڭ ياخشىسى مالىيە مۇتەخەسسىسى ۋە مەسلىھەت سوراش مۇتەخەسسىسى بىكىتىشى كىرەك.

  ②.ئېنىق بولغان سودا دائىرسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچى بولىشى كىرەك.بۇمۇ بىر مۇقىملاشتۇرۇشقا تىگشلىك مەسىلە دىيىشكە بولىدۇ.سىزنىڭ شىركىتىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟سىزنىڭ شىركىتىڭىز بىلەن ئوخشاش رىقابەتچىنى سېلىشتۇرغاندا،قانداق ئالاھىدە  يادرولۇق ،باشقىلار قىلىشقا ئامالسىز نەرسە بار.ئەلۋەتتە ،بەزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر <مەن پەقەت غەلبە قىلغان ئىگىلىكنى ئۆگەنسەملا بولىدۇ،بازار دىگەن چوڭ،بىز ئۆزىمىز بازاردا كۆزگە كۆرىنەرلىك ئومۇميۇزلۈك غەلبە قىغۇچى بولغان چاغ بولسىلا ،دىمەك بۇ بازار ئاللىبۇرۇن تويۇنۇشقا يېقىنلاشتى دىگەن گەپ.تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە پىشىپ يىتىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ دەپ ئويلايدۇ.بۇ بازاردا غەلبە قىلغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىى كۆرىنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچكە ئىگە.سىز بىر دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى،بەلكىم يەنە مەلۇم تەرەپتىن يىتەرلىك ئەمەس.مەسلەن:سىزدە مەبلەخ بار،بىراق تېخنىكا كۈچى يوق.تېخنىكا بولسا ،بەلكىم يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ تەجىرىبىسى كەمچىل.تەجىرىبىسى بار،بەلكىم بازارغا ئاسانلىقچە  كىرىشكە بولمايدۇياكى ئەسلى باربولغان تەركىبى بەك چوڭ كىرىشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇشى مۇمكىن .ھازىرقى پىشقان بازارلارنىڭ ھەممىسىدە مەبلەخ زىچ ياكى تېخنىكا زىچ ئىكەنلىكنى بىلىش.بۇنداق ۋاقىتتا سىز چوقۇم  ئەقەلىيلىك بىلەن ئويلىشىڭىز كىرەك.

  ③.خوجايىن بولۇشنىڭ تەجرىبىسى.چوقۇم چوققىغا ئۆرلەش،كىچىك توسالغۇلار كۆپ بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىش،خوجايىن بولسا ھاكىمىيەتنىڭ كىرىش ئېغىزى،ناۋادا خوجايىن بىردىنلا سەل قاراپ ئىش باشلىغان بولسا ،بۇ ۋاقىتتا ،ئەڭ ئاسانلا يۆنىلىشى يوق بولۇپ مەغلۇپ بولىدۇ.شۇڭا مەن ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكى بىر ئىشچىلىقتىن بىۋاستە ئىگىلىك تىكلەشكە ئۆتمىگەنلەرنى قوللايمەن.(مېنىڭ بۇ يەردە كۆرسىتىدىغىنىم شىركەت قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلگەن ئىگىلىك)، بۇنىڭدا بىر جەريان بار بولىشى كىرەك.ئەگەر دىرىكتور بولماقچى  بولسىڭىز ، بىر مەزگىل مۇئاۋىن مۇدىر بولۇڭ.بۇنداق بولغاندا ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئىگىلىكىگە پايدىسى بولىدۇ.نۇرغۇنلىغان خوجايىنلار ئەسلى بازار ئىختىساس ئىگىسى،يەنە نۇرغۇن خوجايىنلار ئەسلى تېخنىكىلىق،بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىملىققا مۇناسىۋەتسىز،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ مەركەزلىك خىزمەت باشقۇرۇش نۇقتىسىنى  چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت.بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ بېرىپ تۇزىتىپ ياخشى قىلىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق.ئەگەر بىر ماتىرىيال ئۇرماقچى بولسىڭىز،بىر پىروگرامما يېزىڭ.بەلكىم سىز ئىلگىرى بۇ ئىشقا ئەڭ ئۇستا بولىشىڭىز مۇمكىن،بىراق ئىگىلىك تىكلىگەندىن كىيىن ،بولۇپمۇ مۇقىم بىر دائىرە بولغانلىقتىن ،باشقۇرۇش چوقۇم سىز ئەڭ ماھىر بولغان ئىش بولىشى كىرەك.سىز خوجايىن بولۇشنى تاللىدىڭىز،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىز مۇتەخەسسىس نامى بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ئۇزۇلدى.بۇ ۋاقىتتا سىز ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلىشنى ۋە ئىگىلىكنىڭ جان تومۇرىنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشڭىز كىرەك.بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر <مەن نۇرغۇن غەلبە قازانغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ۋە كىتاپلىرىنى ئوقۇغان،نۇرغۇن مول تەجىرىبىلىرىم بار دىيىشى مۇمكىن.بىراق مەن سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى،خاتالاشتىڭىز،چۇنكى نەزىرىيە بولسا ئەمەلىيەتنى   كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.سىز ئەمەلىيەتنى قىلىپ بېشىڭىزدىن ئۆتكۇزۇپ باقمىغان ، ئاشۇ نەزىرىيەلەرنىڭ جەريانىنى تولۇق چۇشەنمىگەن ۋە ئىشلىتىلىشىنى  باشتىن ئۆتكۈزمىگەن،،شۇڭا سىز قانچە كۆپ كىتاپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بىكار ،ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئۇلارنىڭ خارەكتىرى بەلگلىگەن بولىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ سەۋەبى ئۇلاردىكى ئالاھىدە مۇھىت،ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر خارەكتىرى ۋە ئالاھىدە جەريان بەلگىلىگەن بولىدۇ.بازار ئىگىلىكى ئۆزگىرىشچان خىرىسقا  دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە،نۇرغۇنلىغان غەلبە قازىنىش ئۇسۇللىرىنى تەجرىبىسىز ھالدا تەقلىد قىلىشقا بولمايدۇ.شۇڭا مەن كۆپچىلىككە تەۋىسىيە قىلىمەنكى ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش توغرىسىدىكى كىتاپلارنى كۆرگەندە ۋە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلرنىڭ  ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا ،چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ ئاساسى جەريانىنى ئەمەس بەلكى ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ پىسىخىك نۇقتىسىنى ۋە ئىچكى ماھىيتىنى ئۆگىنىۋېلىش كىرەك.چۇنكى ئۇ بىۋاستە كۆچىرىدىغان ئۈلگە ئەمەس.شۇڭلاشقا تەجىرىبىگە ئىگە بولۇش پەقەت بىر جەريان،ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلىش كىرەك.كىتاپتا بار بولغان بىردىنبىر كۆز قاراش بولسا  ئىلھام.

  4.ھەرىكەت نۇقتىنەزىرى بىلەن قاراپ ئىگىلىك تىكلەش.

پەلسەپەدە ئىككى تۇرلۈك كاتىگورىيە بار بولۇپ مۇتلەقلىق ۋە نىسبىيلىك ،ھەرىكەت ۋە جىمجىتلىقتىن ئىبارەت،دىمەكچىمەنكى مۇتلەق چىنلىق يوق.پەقەت نىسپىي چىنلىق بار.ئىگىلىك تىكلەشتە ئىشلەتسەكمۇ ئوخشاشلا   بىزگە نۇرغۇن  ئىلھام بېرەلەيدۇ.ئۇ بىزگە ھەرىكەت نۇقتىنەزىرى بويىچە ئىگىلىك تىكلەشتە پىكىر  قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.ئەگر سىز ئىش باشلاشتىن  بۇرۇن شىركىتىڭىزنىڭ ئورنىنى بىكىتمەكچى بولسىڭىز،ئالدى بىلەن سىز ئىلگىركى تەجىرىبە ۋە ساھەيىڭىزگە قاراپ بىكىتىڭ.ئەگەر قولىڭىزغا بىرپارچە كونىراپ كەتكەن ئىستىراتىگيلىك كىتاپ چىقىپ قالسا،ئۇنى ھەرگىزمۇ شىركىتىڭىزنىڭ 20يىللىق ئۆزگەرمەس قائىدىسى دەپ قارىماڭ.جەمىئىيەت كۈندىن -كۇنگە  تەرەققى قىلىۋاتقان،ئۇچۇر ئەڭ مول ۋە ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان ھەمدە ئۇچراۋاتقان بۇگۇنكى دەۋىردە،بىز چوقۇم خۇددى كىچىك قېيىقنىڭ رىقابەت قىلغىنىدەك ياخشى باشقۇرۇشنى،مۇقىم بولغان ئەھۋالدىمۇ ئۆزگىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كىرەك.شىركەتنىڭ ماددىي ئۆزگىرىشنى مۆلچەرلەش كىرەك،شۇڭلاشقا  ئىگىلىك تىكلىگەنلەرجىمجىت تۇرۇپ شىركەت ئەھۋالىنى  كۇزىتىشىكە يۇزلىنىشى كىرەك.مېنىڭ نۇقتىنەزىرىم بولسا،<بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزگەمەيدىغىنى بولسا ئۆزگىرىش! >.ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم ئەستايىدىل پىكىر يۇرگۈزۇش،خۇلاسىلەش ۋە پىلانلاشنى ئۆگىنىشى لازىم.مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مەغلۇپ بولماي پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

  5.قانچىلىك چوڭلۇقتا  كۇچ تەييارلاپ ئۆزىڭىزگە  تەدبىر بەلگىلىدىڭىز ؟

تەدبىر بولسا قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت.قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.سىز ئەقلىي نۇقتىنەزەر بىلەن پىلان تۇزۇپ،ۋاقىت جەدىۋىلىدىن كىيىن،قايتا يەنە كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ،بىۋاستە قارار چىقارسىڭىز بولىدۇ.نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگەن دوسلىرىمىز بار.مەن ئۇلانىڭ ئىگىلىك تىكلىگەندىن ئىلگىركى ئىغىر بېسىق پوزىتسىيسىنى قوللايمەن.توغرا،ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئويلىنىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار.ئۇلار ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن ھەر ئايدا چىقىدىغان مائاشنى ساقلىمايدۇ،بەلكى چوقۇم ئۆزىگە تايىنىپ پۇل يىغىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى بېقىشى كىرەك.بەلكىم ھەر ئايلىق ھېسابات تالونىنى كۆرۇشتىن قورقىدۇ.بىراق بۇنداق قىلىشنى مەن قوللىمايمەن.ئۇلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانغاندىن كىيىن ،ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەك.بۇ ۋاقىتتا يەنە كىرەك بولىدىغىنى جەلىپ قىلىش كۈچى،.ئىگىلىك تىكلەش بولسا ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارىي قىلدۇرۇش،ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت .ئەكسىچە ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلىگۈچى قىيىنچىلىق بولماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ.قىيىنچىلىق بولغاندىلا ئۆزىنى تېخىمۇ تاۋلىغىلى بولىدۇ.تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.شۇڭىلاشقا ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغانكەنسىز چوقۇم ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ.

  6.ئۆزىڭىزگە چىكىنىش يولى قويۇپ قويدىڭىزمۇ يوق؟

قورۇقتىڭىزما؟ ياق،مەن قورۇقمىدىم. ئىگىلىك تىكلگۈچىلەردە ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى ھېچنىمىدىن قورۇقماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھ بولۇشى كىرەك،بىراق يەنە ئەقلىي خۇلاسە چىقارغاندىن كىيىن يەنەكەينىگە چىكىنىش يولى قويۇپ قويىشى كىرەك .چۇنكى،ھەر قانداق مەبلەغنىڭ خەتىرى بولىدۇ،بۇ بىر ھەقىقەت.شۇڭلاشقا ئىشلىرىڭىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى ،ئامال بار يۇز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان يامان ئەھۋاللار ۋە يامان تەرەپلەرنى  كۆپرەك ئويلىشىڭىىز كىرەك.چىكىنىش يولىڭىزنى ئويلىغاندىن كىيىن ،بارلىق زېھنىڭىزنى يىغىپ ،ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان ئىگىلىكنى تىكلەڭ.

  7.كۆپچىلىكنىڭ كۇچىگە تايىنىڭ .

كۆپنىڭ كۈچى ئەڭ  زور بولىدۇ.چۇنكى دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ.ھەممىلا ئادەمدە كەمچىلىك بولىدۇ.بىراق كۆپچىلىكنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆز –ئارا تۇلۇقلاپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەڭ يوقىرى ئۇنۇمگە ئېرىشىپ شەخسىي كەمچىلىكلەرنى تۇزىتىپ،قوشۇن ئىچىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكنى جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  8.بىر تەمسىل

مەن ھازىر بىر تەمسىل كەلتۇرىمەن،ئىگىلىكنى خۇددى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىغا ئوخشايدۇ دىسەك ،ئىگىلىكنىڭ ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەنبەسى. پەقەت مەنبەنىڭ ھەممىسىنى پۇختىلىغاندىلا،شىركەت ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ۋە تەرەققى قىلالايدۇ.تۆمۇر سىم جازىلار بولسا شىركەتنىڭ يادرولۇق كۈچى،جازا بولمىسا ،شىركەت چوقۇم ئاغدۇرلۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.خىش كاھىش بولسا يۇرگۇزۇشتىن ئىبارەت.ئازراقمۇ يۇرگۇزۇش بولمىسا،ياسىماقچى بولغان قۇرۇلۇشتا مەڭگۈ ئادەم تۇرۇش  ۋە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن بولمايدۇ. مەبلەخ بولسا قۇرۇلۇشنىڭ ئۈسكىنىسى،،قۇرۇلۇشنىڭ ئۈسكىنىسى بولمىسمۇ،قىلالايسىز،بىراق بەك ئاستا بولىدۇ.ئۇ بولسا سىز ئىگىز بىنانىمۇ پۇتكۇزۇپ چىقالايسىز.بىر ئېغىز گەپ ،بىرسى كام بولسا بولمايدۇ.قۇرۇلۇش لاھىيە خەرىتىسى بولسا شىركەتنىڭ سودا لاھىيسى دىيىشكە بولىدۇ.ئۇ بولمىسا ،قۇرماقچى بولغان سودا ساراي  تېخنىكىلىق سېلىنىشقا ئامالسىز بوپ قالىدۇ.قۇرۇلۇش مېخانىزىمى ۋە باشقۇرۇش سېستىمىسى بولسا شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تۇزۇمى .ئۇ بولمىسا ،قۇرماقچى بولغان ئىگىلىك پەقەتلا بىرتەخسە چېچىلاڭغۇ قۇمدەك بولۇپ قالىدۇ.ئەڭ مۇھىم بولغىنى نىمە؟مېنىڭچە ئادەم ياكى يۇرگۈزگۈچى. ئۇلار بولمىسا،قالغانلىرىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

  9.ئەڭ مۇھىم نۇقتا ………..

ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بەرىبىر،ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىز ئۆزىڭىز .چۇنكى پەقەت سىز ئۆزىڭىز بولسىڭىزلا ئاندىن ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى ،ئۆزگەرتكىلى ،ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنىمۇ يەڭگىلى بولىدۇ.بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن،ئەڭ ئەڭ  يادرولۇق بولغىنى نىمە؟،مېنىڭچە،ئەڭ مۇھىمى بولغىنى ئۆزلىگىدىن ھەركەتلەندۇرەلەيدىغان،يەنە ئۆزئالدىغا مۇقىم كۆز قاراش بولۇشى،ئىگىلىك كۆز قارىشى تىكلىشى ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بولىشى كىرەك.سىزنىڭ كۇچىڭىز  چەكسىز ،بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ،چۇنكى ئىنسان ئەسلى  كۆزىنى ئاچمايدىغان كىچىك جانلىق.لېكىن يەر شارىنى ھازىرقىدەك ئۆزگەرتكەن. مانا بۇ  بىر  ھەقىقەت.مېنىڭچە،پەقەت  ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىسە ، پىكىر قىلىشنى ۋە يۇرگۈزۇشنى بىلسە،ئۇ ئاخىردا چوقۇم غەلبە قىلىدۇ.

مەنبە: ئەپەندىم

باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2010.07.10 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup