ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئەڭ ئاسان قايمۇقىدىغان بەش خىل ئامىل

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:0

ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ئەڭ ئاسان قايمۇقىدىغان بەش خىل ئامىل

كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار دائىم ئۆز-ئۆزىدىن <مەن زادى تەييارلىنىپ بولدۇممۇ يوق؟>دەپ سۇئال سورايدۇ.ئەمەلىيەتتە ،شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئورتاق بىر بەلگىلىمە يوق.ئىگىلىك تىكلەشكە زور مەبلەج بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.چوڭ كۆلەم قۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق،ھەتتا ھەشەمەتلىك ئىشخانا ياكى دۇكان بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق .ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئاتالمىش نەزەرىيەلەر بىلەن ئۆز ئۆزىنىڭ پۇت قولىنى چۇشەپ قويىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

تېخنىكا خاتالىقى

مەيلى دۆلەت ئىچى بولسۇن ياكى دۆلەت سىرتى بولسۇن ، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ دائىم <مېنىڭ تېخنىكام ئەڭ ياخشى ،مېنىڭ تېخنىكام ھەقىقەتەن بەك ئىلغار >دىگەنلىكىنى ئاڭلايمىز.بىراق مەبلەخنىڭ خەتىرى پەقەتلا تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس.ھەممە تۇرلەرنىڭ ئىچىدە،تېخنىكا تەركىبى ئەڭ مۇھىم.پەقەتلا ئورنى ئۇنىڭ بىر تەركىبى قىسمى خالاس.يەنە سېتىپ چىقىرىش،باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىللەرمۇ بار.80-يىللاردا ،ئاپولو كومپىيۇتىرلىرىنىڭ تېخنىكىسى SUN كومپىيۇتىرلىرىنىڭ تېخنىكىسىدىن ئىلغار ئىدى.نەتىجىدە كىم ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىدى؟يەنىلا  SUN كومپىيۇتىرلىرى .ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەنلىكى تېخنىكا ئەمەس بەلكى بازار.شۇڭلاشقا باشقۇرۇش ۋە سېتىپ چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم دەيمىز،نۇرغۇن ئادەملەر <بىزنىڭ تېخنىكىمىز ئەڭ ياخشى .نىمىشقا مەبلەخ سالمايسىز؟>دەپ سورايدۇ.بۇ يەردە مەبلەخ سالغۇچىلار مەبلەخ سالمايدۇ ئەمەس،بەلكى يوقىرى ئۈنۈملۈك كارخانىلارغا مەبلەخ سېلىشنى ئويلايدۇ.ھازىر دەل پەن تېخنىكا جەھەتتە يوقىرى پەللىگە يېتىۋاتىدۇ.يەنە سېتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئۇسوللار ئارقىلىق  قىممەت بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ.ئالاقە تورى ئاستىدا،نۇرغۇن ساھە ۋە تۇرلەر <باشلامچى >ئىزدەپ،<باشلامچى>تاپقاندىن كېيىن،يەنە ياخشى خېرىدار ۋە يەنە پۇل (مەبلەخ)ئىزلەيدۇ.مۇشۇنداق قىلىپ نۇرغۇن سودا قىلغىلى بولىدۇ.پۇتكۇل ئامىرىكىدىكى ماشىنسازلىق كارخانىلىرى سېتىش ئارقىلىق ،ھازىر دۇنيادىكى  چوڭ ماشنا شىركىتى بولۇپ قالدى.خەتەرلىك مەبلەخ سېلىشنى قوغلىشىشى بولسا يوقىرى پەللىگە قاراپ ئىنتىلىپ ئەڭ ئاخىردا مەبلەخنىڭ ئەڭ چوڭ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.شۇڭلاشقا بىز بىر تەرەپلىمە قاراپ يوقىرى تېخنىكىغىلا چوقۇنىۋالماي،ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي بازىرى ياخشى شىركەتلەرنى كۆرىشىمىز كىرەك.

ئىگىدارلىق ھوقۇقى خاتالىقى

بىر قىسىم ئاسىيا قىتئەسى خوجايىنلىرى،يەنىلا قابىلىيتى بار ئادەملەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدۇ.جۇڭگو دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت قۇرىمەن دەيدىكەن چوقۇم يوقىرى ساپالىق باشقۇرۇش تېخنىكىسى بار بولۇشى كىرەك ،ئەڭ ئاساسلىق بىر نۇقتا بولسا شىركەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىرلەشتۇرسە ۋە ئورتاقلاشتۇرسا  بولىدۇ.نىمىشقا ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش قىلمايدۇ؟چۇنكى ئازراقلا چوڭ بولۇپ كەتسە،يەنە يېرىلىپ كېتىدۇ.ئاشۇنداق باشلىنىش  كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىغا باغلىق.ئىگىلىك تىكلەش گۇروھى چوقۇم بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ چوڭ ئىش قىلالايدۇ.مەلۇم بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئېچىنىش ھېسىياتى بىلەن <خاتالىق دەسلەپتە پاينى بەك يوقىرى بېرىۋېتىپ ،ئۆزگەرتىدىغان ئادەم يوق ،شۇڭلاشقا شىركەت ھازىرغا قەدەر يەنىلا كىچىك بولۇپ تەرەققىياتى ئاستا بولىۋاتىدۇ.>دېدى.ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا دائىم مۇنداق ياكى ئۇنداق مەسىلىلەر  يۇز بېرىپ تۇرىدۇ.ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن توختىماي باشقىلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىسا،ئامال بار خاتا يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلانسا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

ھېسىيات خاتالىقى

نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلار يېقىن دوستى ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ  شىركەت قۇرۇپ ئىشلەيدۇ.بىراق بىرلىشىپ ئىش قىلغانلارنىڭ ھەممىسى تونۇشلار،ئۆزئارا تونۇشىدۇ ۋە بىر بىرىنى چۇشىنىدۇ،شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگەن چاغدا بۇرۇنقى ھېسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىپ،مۇھىم  بولغان توختامنامىنى  ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ.بۇخىل <چوڭقۇر ھېسىيات،سەل قاراپ تۇزۇلگەن توختامنامە>خىزمەت مۇناسىۋىتى كارخانىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ بارا –بارا ئاشكارلىندۇ.مەسلەن نۇرغۇن كارخانىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۇچى ئىتىپاقداشلىرى دەسلەپتە مائاش قانچىلىك ياكى مائاش نىسبىتى بىر قەدەر ئاز دەيدۇ.بىراق كارخانىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ،تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ  تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.بىر قىسىم ئىگلىك تىكلىگۈچىلەر شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنىڭ جىددىيلىكىنى ئويلاپ، ھازىر تېخى مائاشنى ئۆستۇردىغان ۋاقىت ئەمەس دەيدۇ.يەنە بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر ھەددىدىن زىيادە مالىيەنى ساقلاش ئۈچۈن دەسلەپتە قەستەن كۆڭلىدە يول قويۇپ ھېسىيات ئاساسىدا مائاش ئۆلچىمى بىكىتىدۇ.يەنە بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر پاينى تەقسىم قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ناۋادا بۇ مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلمىسا ،چوقۇم كىيىنكى ئىش ئۇنۇمى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

كاپىتال خاتالىقى

سودا دائىرسىدە مەبلەخ كەم بولۇش ئومومىيۇزلۇك ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.كارخانا باشقۇرغۇچىدا نەچچە يۇز ،نەچچە ئون مىڭ يۇەن مەلۇم بىر  تۇرگە مەبلەخ كام بولۇش مەسىلىلىرى يۇز بېرىپ تۇرىدۇ.مەبلەخ يىتىشمەسلىك ھەرگىزمۇ كارخانىغا مۇتلەق تەسىر يەتكۇزمەيدۇ.سىز يەنە چوڭ مەبلەخ تەلەپ قىلمايدىغان كىچىك سودىدىن باشلاڭ،ياكى ئىگىلىك پىلانىڭىزنى كىچىكلىتىڭ.يەنىمۇ بولمىسا شۇ ئىشنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۇپ قىلىڭ.يىغىچاقلىغاندا ،سىز ھامان چىقىش يولى  تاپالايسىز.ئاۋال سودىڭىزنى باشلاڭ،ئەڭ دەسلەپكى سودىدا ئازراق مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ پۇل يىغىڭ ئاندىن يەنە سودا دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ،پەقەت سىز سودا پېرىنسىپلىرىنى ۋە سىزگە كەلگەن تەلەي ئامەتنى چىڭ تۇتسىڭىزلا،ئاخىردا سىز يەنىلا غەلبە قىلالايسىز!

ھەققىي ياخشى تەسەۋۋۇر بولسا دائىم يىتەرلىك بولمىغان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق بارلىق كۈچ بىلەن كۈرەش قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بارلىققا كېلىدۇ.ئەجەبا بىز ئادەتتىكىدەك تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ،ئالغا ئىلگىرلەشنى توختىتىپ ،ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىمىزدىن ۋاز كېچەمدۇق؟؟بىز دەۋاتقان ياخشى تەسەۋۋۇر چوقۇم بازار تەكشۇرشىدىن ئۆتكەندىن  كېيىن ئاندىن ياخشى تەسەۋۋۇر بولالايدۇ.گەرچە بىزنىڭ بىلىمىمىز ۋە تەجرىبىلىرىمىز كۇندىن –كۇنگە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ،بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەسەۋۋۇرىمىز ئەلۋەتتە يەنە تەڭشەشكە،ئۆزگەرتىشكە،تولۇقلاشقا يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج. شۇڭلاشقا ،باشقا شارائىتلار پىشىپ يىتىلگەن ۋاقىت بولسىمۇ،بىزنىڭ ئىگىلىك تەسەۋۋۇرىمىز ئۇنچىلا كۆرنەرلىك ياخشى ئەمەس،بىز يەنىلا تاللاپ <ئوخشاش سەۋىيە ۋە ئوخشاش رىقابەت >ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى باشلىساق بولىدۇ.مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئەمەلىيەتتە قىلىپ بېقىشتىن  ئىبارەت ،مۇشۇنداق قىلغاندا بىز ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئازراق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.ئەگەر ياخشى سودا تەسەۋۋۇرى قىلغان بولساقمۇ ،ئەستايىدىل ئىشلەپ ،ئىجرا قىلمىساق نەتىجىدە ھېچنىمىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

مەنبە: ئەپەندىم تورى
باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2010.07.10 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup