شۇ ئادەممەن
شۇ ئادەممەن ئىزىڭنى بويلاپ ،
نىشانسىزلا كەينىڭگە چۈشكەن.
قايرىلساڭ گەر ئارقاڭغا شۇدەم،
ئالدىراپلا دالدىغا قاچقان.
شۇ ئادەممەن مەۋھۇم سېغىنىپ
سۆرىتىڭنى قەلبىمگە ئويغان .
كېچىلەردە كوچا ئالىنىپ،
<ئۇچراشتۇر> دەپ تەڭرىگە تىۋىنىپ
شۇ ئادەممەن تېلىفۇن بەرگەن ،
تەشنا بۇلۇپ شۇ ئاۋازىڭغا .
تۇرۇپكىغا كەلسە ئاۋازىڭ .
سۆزسڭز تېلىفۇن قۇيۇمەن ئاستا .
شۇ ئادەممەن ساڭا ئۈسۈۋېلىپ ،
ھۈپپىدەلا قىزىرىپ كەتكەن .
بىر سۆز چىقماس كالۋا تىللار دىن ،
يەرگە قاراپ قېچىپ كەتكەن .
شۇ ئادەممەن گاھى تاڭغىچە ،
ئۇيقۇ تاشلاپ سىنى ئويلىغان .
ھوجرامدىكى سالقىن شامالدىن ،
مەڭزىڭ سۆيەر سالام يوللىغان .
بۇلار شۇ چاغلاردىكى شۇ ئادەمنىڭ شۇ قىلىقلىرى ،خاتىرەمنى ۋاراقلاپ تۇيۇقسىز ئۇچۇراپ قالدى ، تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتىم .تىلى گەرچە تازا پىشمىغان بولسىمۇ شۇ ئادەمنىڭ چىن ھېسسىياتى ئىپادە ئىدى ، ئۇزۇن يىللار ئۇتۇپ پەقەت تاتلىق لا بۇلۇپ قالدىم .
مەنبە: خاتىرەمدىن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ
باي دادام تور خاتىرىسى
ياشلىقتىكى ھېس تۇيغۇلار شۇنداق بۇلىدىكەن ، بىر چاغلاردا يېزىپتىكەنمىز ھازىر بۇ ئىلھاملار قالمىدىغۇ تاڭ . ياقتۇرغىنىڭغا رەھمەت !
ياقەي ئازىراق بولسىمۇ ئىز قالغاندۇ!!!
توۋا… ئاجايىپ چاغلاركەنتۇق، شۇچاغدىكى ياخشى-يامان ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ قالسا ئىختىيارسىزلا كۈلۈپ كېتىمەن. شۇۋاخلارنى سېغىندىم، شۇئادەمنىمۇ…
باللىرىڭنىڭ تۇيىنى قىلغىدەك بولغاندىمۇ شۇ كىشىلەرنى ئويلاپ يۇرەمسەن بولماپتۇ بۇ ، خوتۇنۇڭ ئاڭلاپ قالسا ئىشىڭ چاتاق جۇمۇ !
01:17
شۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى مەن بىلىمەن ، مەن بۇشئېرىڭنى تۇنجىقېتىم ئۇقۇپلا ياقتۇرۇپ قالغان، ھازىرمۇ خاتىرەمدە بار .
ھې ھې ھې …
كىملىكنى دەپ بېرەما …
ياراتقان ئېگەم قۇلۇڭغا دەت بەرمىسۇن اللە غا ئامانات.