يالغۇزلىق
قاياقتىندۇر كەلگەن گۈدۈك ئاۋازىدەك ،
نەدىن كەلدىم ،مەنزىلىم قاي بىلىشىم قىيىن .
گاھى غېرىپ نەي ئاۋازى ئېپ كىتەر مىنى ،
قۇشلار كۈيى تولغان ئاشۇ قېلىن ئورماندىن.
مەيلى نەدە يۈرەي ئويناپ ، يۈرەي تەمتىلەپ ،
مەيلى ھېيتگاھ ئارا ئويناي چۈگىلەپ ساما .
شۇ بىر پەقەت ھەمرا بولدى يالغۇزلىق ماڭا ،
يوللىرىمدا قالماقتا ئىزلىرىم تەنھا .
ساھىللاردا ساچىم سىلاپ ئاداشقان شامال ،
قالسا ئەگەر ئۇپۇقلاردىن خىيال كۈتىمەن.
ھەيرانلىقتا دەيمەن ئاڭا ئاداشتىڭ شامال ،
بېرىپ شۇ تاپ ساڭا تاشنا ئاشىقنى سۆي سەن .
ئاي نۇرىدا كۆرگىنىمدە قوشماق سايىنى ،
بارخان ئارا قالغان يالغۇز ئىزىم ئىسىمدە .
دەرىزەمدىن كىرىپ قالسا تۈگىمەس ناخشا ،
يۇلتۇز بېلەن سىر دىشىمەن زۇلمەت ئىچىدە .
ئوكيانلاردا ئۈزۈپ يۈرگەن تەنھا قىيىقمەن ،
مىنى كۈتۈپ كۆز يۇرۇتقان ماياكىم يوقتۇر .
يالاڭ ئاياق قىرغاقتىكى نەم قۇم ئۈستىدە ،
تۇرۇپ يالغۇز مىنى كۈتكەن بىر كىشىم يوقتۇر .
ھەر بىر كېچە يۇلتۇز لىرىم زولمەت قوينىدا ،
تەمبۇر چالسام ئىڭەك يۆلەپ تىڭشار يېنىمدا.
كۈيلىرىمدىن تۈكۈلۈپتۇ تامچە ھەسىرەت ،
ھەسرىتىم زادى نىمە بىلمىدىم بۇندا .
يالغۇزلۇققا كۈنەلمەيدىغان ،يالغۇزلۇقتىن قورقايدىغان ،شۇنداق بىر كۈلىرىم بولۇپتىكەن ،شۇ چالىرىمدا توۋلىغان ناخشا .
مەنبە: خاتىرەمدىن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ
باي دادام تور خاتىرىسى
15:27
يالغۇزلۇق؟؟؟؟؟؟