چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان
كۈل بولغان گۈلخاندەك نۇرلۇرۇم ئۆچكەن ،
شاۋقۇنسىز دەريادەك شوقلۇغۇم سۇنغان .
جامالىڭ شولىسى ئىزدەپ ھەر تۈندە ،
تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگىن ئەي جانان .
سوزلەردە بىر ئىسىم تالاي رەت تەكرار ،
كۆزلەر تىكىلەر ھەر ياققا زار- زار .
كىشى كىم بولمىغاي بۇ كۈنگە دۇچار ،
تىلەيمەن چۈشۈمگە كىرگەن ئەي جانان .
بۇ كۆڭلۈم سىنىلام دەيدۇ
رەنجىشتە شۇ قەدەر كۆڭۈل قالسىمۇ ،
بىرقىيا بېقىشتا ھەممە يوقايدۇ .
ئاچچىقتا نەچچە رەت بولدىلا دەيمەن،
بۇ كۆڭلۈم يەنىلا سىنىلام دەيدۇ .
بىر تاتلىق تەبەسسۇم كۈتۈپ ھەر كۈنى ،
كۈندۈزى ھەتتاكى چۈشلەردىن تۈنى .
ھەر نۆۋەت سوغ نەزەر ئۈزەر ئۈمۈتنى ،
شۇندىمۇ بۇ كۆڭلۈم سىنىلام دەيدۇ .
مەنبە : ئىلھاملىرىم ، باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com
17:27
شېئىرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،،،