پۇرسەتنىڭ ئۈزى غەلبە

سەھپە: ئۇنىۋېرسال ، تىجارەتتە پاراسەت باھا:0

پۇرسەتنىڭ ئۈزى غەلبە

پۇلى بار كىشى پۇلىنى مەبلەغ سالدىم دەپ ئاتايدۇ ، كەمبەغەل كىشى ئىگىلىك تىكلىدىم دەپ ئاتايدۇ . لىكىن كەمبەغەللىك مەسىلە ئەمەس ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەسلىدىنلا كەمبەغەل بۇلىدۇ .  بۇتوغرىسىدا سۆزلەش ھاجەتسىز .
گەرچە خەۋىپلىك مەبلەغ سېلىش كىشىنى قىززىقتۇرسىمۇ لىكىن تەجىربىسىز ،كەسپى نەتىجىسى يوق شىركەتنىڭ بۇ خىل مەبلەغ سېلىشتىن پايدا ئالالىغانلىرى يوق .ئىگىلىك تىكلەش خىيالى بار كىشى كىچىكتىن باشلاپ قىلغىنى ياخشى ، ئەتراپىمىزدا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ غەلبە قازانغانلار ئاز ئەمەس ئۇلارنىڭ ئىدىراكى ئادەتتىكىچە تېخنىكىسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ، لىكىن ئۇلارنىڭ غەيرەت- جاسارىتى قالتىس ،شۇنداقلا ئادەم ئىشلىتىشكە ئەڭ ماھىر . بۇ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق تەرىپى . شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش خىيالىدىكى دوسلار چوقۇم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆگۈنۈشى ھەم ئۆزىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك .
تۆۋەندا مەن بىر قانچە تەدبىر ۋە قارشىمنى ئوتتۇرغا قۇياي دوسلارنىڭ تەنقىدى قارىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
1. مەبلەغ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان نەرسە بولسىمۇ ،لىكىن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ئاساسى ھالقىسى ئىقتىساسلىقلار ھەرگىزمۇ مەبلەغ ئەمەس . چۈنكى مەبلەغ يىغىش ئۇ قىيىن بولمىغان بىر جەريان ، قىيىنى شۇ مەبلەغنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش  ئەڭ قىيىن .
2. ئىقتىساس ئېگىللىرى ئىنتايىن كۆپ تاپماقمۇ ئاسان ،لىكىن بۇلارنى بىر جايغا توپلىغاندا ئاسانلا ئىختىلاپ شەكىللىنىپ قالىدۇ، بۇ توغرىسىدا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تەجىربىسى شۇكى ئىختىساس ئېگىللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش بولمىغاندا ئۇلار شىركەتنىڭ ئىنىرگىيەسىنى خورىتىۋاتىدۇ .ئىختىساسلىقلارنى تارقاق باشقۇرۇش ئىنتايىن ئاقىلانە بىر ئىش .
ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان كىشى ئەڭ مۇھىم ئىختىساس ئېگىسىدۇر .
3. بەزىلەر دەيدۇ  ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاپماق تەس دەيدۇ ، مىنىڭچە تۈر تاپماق مەبلەغ يىغماقتىنمۇ ئاسان ، تېخنىك خادىمنى تاپماخمۇ ئاسان ، ئەڭ قىيىن بولغىنى ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملارنىڭ بىرنىيەت بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ ئىشلىشى قىيىن .

يۇقىرقى ئۈچ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن مىنىڭچە ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئالدى بېلەن بىر تەشكىللىنىپ ئۇيۇشىشى كېرەك ، بۇ ئۇيۇشقان شىركىتى چوقۇم يۇقىرى ئۈنۈملۈك شىركەت بۇلۇپ تەشكىللەنگەن بۇلىشى كېرەك .شىركەتنىڭ چوقۇم ھەر قانداق كىشى خىلاپلىق قىلالمايدىغان ئىنتايىن قاتتىق تەشكىلى تۈزۈمى بۇلىشى كېرەك ،ھەتتا باش دىرىكتور ، باش لىدىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇ ئىككىسىنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلىرى بولماسلىقى كېرەك . مۇدىرىيەت نازارەتنى كۈچەيتىپ چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە توۋەندىكىلەر ئىپادىلىنىشى كېرەك.
1. شىركەتنىڭ ئۆز خىزمەتچىللىرىگە مۇتلەق ئىشىنىشى ، مەسئۇل بۇلىشى ، خىزمەتچىللىرىنى ئۇيۇن ئرنىدا كۆرمەسلىكى .
2.  شىركەتنىڭ ئۆز خىزمەتچىللىرىگە جازا ھەم مۇكاپاتنى ئايرىشى .
3. شىركەتكە بولغان ساداقەت تەكىتلىنىشى . <كەسپى ساداقەت>
مۇشۇلار ئۇرۇندالغاندا پۇل بولمىسىمۇ ھىچقىسى يوق ، بۇۋاقىتمۇ ئۇزۇن بولمايدۇ . پۇل ئاستا-ئاستا سىز تەرەپكە قاراپ ئاقىدۇ.  
 مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2009.05.14 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup