‹ باي دادام › باي دادام تور خاتىرسىنىڭ قۇرغۇچىسى . قانداق بۇلۇپ بۇ باي دادام دىگەن ئىسىم قۇيۇلۇپ قالدى دىگەندە، قانداقتۇر دادامنىڭ مال مۇلىكى جىق بۇلۇپ باي ئاتالغانلقى ئۈچۈن بولماستىن، ‹باي دادام ، نامرات دادام › دىگەن كىتاپنىڭ ئىلھامىدا ھەمدە ئۆزۈممۈ مۇشۇ ئىقتىساد ئىلمىگە ، ئىگىلىك تىكلەشكە قىززىقىپ شۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ يۇرۇيدىغان بولغاچقا بۇ ئىسىمنى لايىق كۈرۈپ قۇيغان. شۇڭلاشقا تور خاتىرىنىڭمۇ خارەكتىرى ئىقتىسادقا مايىل ئونۋىرساللىق خارەكتىر بېلەن خارەكتىرلىنىدۇ .
ئۇنداقتا باي دادام تور خاتىرىسى نىمە ئىشلار بېلەن شۇغۇللىنىدۇ ؟
باي دادام تور خاتىرىسى ئىقتىساد ئىلمىدىكى ئىزدىنىشلەر ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئۈگۈنۈش ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىزدىنىش،ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدىكى خىياللار ، ھاسىلاتلار بېلەن تولغان .
باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ شۇئارى : يۈز ئالىم يىتىشتۈرۈپ چىققاندىن، بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىچى يىتىشتۈرگەن ئەلا !
باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ نىشانى : ئەل ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ نەپ بىرىش !
باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ تىلىكى : ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! كەمىنە بۆرەيار بۇ قېتىم دوستلۇق تەشۋىقى ئۆتىنىشى سوراپ كەلدى.بۆرەيار بلوگىنى تاشلىۋېتىپ بۆرەتېگىننى ئاران ئىشقا كىرىشتۈرىۋالدىم. سىزمۇ قوشۇپ قويسىڭىزكەن.
يەنە بىرگەپ، ئەمدىغۇ بلوگدا بىلىملا بولىدىكەن، ھەرقانچە ئاددى بولسىمۇ كىشىلەر كىرىۋېرىدۇ، لىكىن چىرايلىقراق بولسا تېخىمۇ ياخشى دەپ قارايمەن، ئاۋۇ بلوگنىڭ بېشى قىسمىدىكى لوگو رەسىمىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز قانداق، ھەر كىرسەم كۆزۈمگە بىر يەرلىرى غەلىتە چاپاق كۆرۈنىدۇ، بۇ پەقەت تەكلىپ جۇمۇ، ئويلىشىپ بېقىڭ.
[Reply]
ئەسسالام ،مەنمۇ ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق دىگەن ئىستەك بىلەن كىلىشىم،بولسا بىللە ئىلگىرلىسەك. مىنىڭ بىلوگۇم يېڭى قۇرۇلغان كۆپرەك قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭىزنى سورايمەن!
مەنزىل:http://sirdash.com تۇغ:http://sirdash.com/logo.gif
[Reply]
باي دادام Reply:
ئىيۇن 23rd, 2011 at 15:02
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! بىلوگچىلار توپىمىزغا قېتىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . بىرلىكتە ئۆگىەيلى !
[Reply]
باي دادام تور خاتىرسى يازمىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ . مۇمكىن بولسا ۋوردپرەس ئۇلىنىشلىرى بلوگىنى تەشۋىق قىلىشتا قوللاشقا ئېرىشەلىگەن بولسام ياخشى بۇلاتتى ،
[Reply]
10:23
تور بېتىڭىزنى ۋوردپرەستە مۇۋاپپىقىيەتلىك قورۇۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن! سىزنىڭ ‹‹ يۈز ئالىم يىتىشتۈرۈپ چىققاندىن، بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىچى يىتىشتۈرگەن ئەلا ! ›› دىگەن گېپىڭىز مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. …
خالىسىڭىز دوستلاشساق: تور بېتىڭىز ئاللىقاچان ئىزدەن بىلوگىنىڭ ئۇلىنىشىغا قوشۇلدى. قارىسام لوگورىڭىز نورمال كۆرۈنمىدى. شۇڭا ھازىرچە ئادىرىسنى ئۇلاپ تۇردۇم..
[Reply]
باي دادام Reply:
مارت 24th, 2011 at 23:12
رەھمەت دوسلارنىڭ ياردىمىدە مۇشۇنچىلىك قۇرۇپ قويدۇم . لىكىن تېخى يېتەرسىزلىكلەر كۆپ ، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .
دوسلىشىش ئۇ مىنىڭمۇ ئارزۇيىم ، دوست بۇلۇپ بىرلىكتە تىرىشىشنى ئىستەيمەن . سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى مەنمۇ ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قۇيدۇم .
[Reply]