يارى يوقنى بىچارە دەڭلار
(مۇھەممەتجان راشىدىن)
يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا بۇ شېئىر خېلى ئۆزكۈچىنى كۆرسىتىپ قۇيىدۇ .
ئاپتۇرغا بولغان ھۆرمىتىمدە بۇيەرگەكۈچۈرۈپ كەلدىم .خۇدا مۇشۇنداق تاتلىق مىسرالارنى يازغان شائىرىمىزنىڭ تىنىگە ھەم قەلىمىگە ھاردۇق بەرمىسۇن . يامان كوزلەردىن ساقلىسۇن.
سۆيەرى يوق،سۈيۈنەرى يوق
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.
كۆيەرى يوق كۈيۈنەرى يوق
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا.
بۇدۇنياغا كەلگىنى بىكار
ئۆزىگەقۇل ئۆزىگە چاكار
پۇت قۇلى ساق،يۈرىكى ناكار
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .
ئالەم قەپەس قاناتسىز قۇشقا
بۇلبۇل، كاككۇك تۈزەمدۇ قىشقا؟
بىللە دانلاپ،بىللە ئۇچۇشقا
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .
يالغۇز تۇرنا غېرىپ مۇساپىر
يىغلاپ ياشار تاغدا يالغۇز شىر .
يالغۇزلاردا بولسۇن نە كىبىر
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .
يول باشلايدۇ ئەماغا تاياق
ئۇلاغسىزلار يۈرىدۇ ياياق
يارسىزلاردا كەمدۇر قول ئاياغ
يارى يوقنى بىچارە دەڭلا .
مەنبە : ئاپتۇرنىڭ < ئانا تاغلار > ناملىق شېئرلار توپلىمى
باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/
22:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان، ئەمما " يالغۇز" چاغلاردا بۇ شېئىرنى ئوقۇپ چۈشكۈنلىشىشكە بولمايدۇ دوستۇم.