2010-يىلدىكى پۇل تېپىش يۇشۇرۇن كۈچىگە ئېگە 5 چوڭ تۈر
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
1. مۇھىتنى ئاسرايدىغان قۇرۇلۇش .
ئىستىمالچى مەيلى ئۆي سېتىۋالسۇن ياكى ئۆي زىننەتلىسۇن، ھەممىسى چىرايلىق بۇلىشىدىن سىرت، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە تولغان بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ .
قىيىن نوقتا : تېخنىكا تەلىۋى بىر قەدەر يۇقىرى ، نۇرغۇن تەننەرخ تەلەپ قىلىدۇ.
2. مال باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتىدىغان دۇكان .
2010- يىلنى كۆپچىلىك ھەممە كىشى ئىقتىساد تەرەققى قىلدى دەپ قارايدۇ ، لىكىن كۆپچىلىك خېرىدار بىر ئاز تېجەشلىك كىلىدۇ، باھاسى چۈشۈرۈلگەن سۈپۈتلىك راست ماللارنى سېتىۋېلىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ بۇ دەل تەرەققى قىلىش پۇرسىتى.
قىيىن نوقتا : ئىھتىياج ئىنتايىن كۈچلۈك ، رىقابەتمۇ كەسكىن ، لىكىن ساختا مالدىن يىراق تۇرۇش بۇ ئىنتايىن قىيىن ھەم مۇھىم ھالقىلىق نوقتا .
3. ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى.
بۇ كەسىپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئىزچىل ياخشى باھاغا ئىگە بۇلۇ كەلمەكتە، سەۋەبى جەمىيەتتە ئىھتىياج بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ياشانغانلار پەرۋىشى ياكى ياشانغانلار يىمەكلىكلىرى ھەم ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بېلەن تەمىنلەش ھازىرقى بىر ئېھتىياج .
قىيىن نوقتا: شۇغۇللانغۇچىلاردىن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سەۋىرچانلىق روھىنى تەلەپ قىلىدۇ .
4. يەرلىك يىمەكلىكلەرنى تەمىنلەش .
يەرلىك يىمەكلىكلەرنى تەمىنلەش ۋە يىڭى پېتى يەتكۈزۈپ بىرىش ھازىر بازاردا كۈچلۈك ئېھتىياجغا ئېگە ، ئىلگىرى كىشىلەر مەھسۇلات ماركىسى ۋە مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقلىرى بېلەن ئانچە كارى بۇلۇپ كەتمەيتى . لىكىن ھازىر ھەممە كىشى مەھسۇلاتنىڭ قەيەردە كىم تەرپىدىن قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى ، ئۈزىنىڭ جايىدىن ھىققان ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى . مۇشۇنىڭ ئۈزى بىر ياخشى سودا پۇرسىتى .
قىيىن نوقتا : تەننەرخ ، سۈپەت ، باھادا ئەۋزەللىككە ئىگە بۇلۇش ئىنتايىن مۇھىم .
5. يېڭى تىپتىكى سودا بىخەتەرلىك سېستىمىسى .
ئەگەر سىز تۈزۈپ چىققان تىجارەت بىخەتەرلىك سېستىمىسى، تىجارەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىسا بۇ سىز نىڭ بىر ياخشى سودا پۇرسىتىڭىز ھېساپلىنىدۇ .
قىيىن نوقتا : كىچىك كارخانىلارنىڭ بۇ ئىشقا قاتنىشىشى قىيىن چۈنكى بۇ ئىشنىڭ تېخنىكا تەلىۋى ئىنتايىن يۇقىرى،مەبلەغ تەلىۋى يۇقىرى،مەبلەغنىڭ قايتىپ كىلىشى ئاستا .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com