پايدىسى كۆپ بەش چوڭ تور سودا كەسپى
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
1. بىلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىش .
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلوگى بار ، مانا مۇشۇ بىلوگغا ھەرخىل ئېلانلارنى قۇيۇش، باشقىلارغا ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەننەرخسىز پايدا ئالىدىغان كەسىپ .
2. تېلىفۇن ئۇچۇر ئېلانى .
كەسپى تىل بېلەن ئېيتقاندا : سودا ئۇچۇرلىرى، تېلىفۇندا تورغا چىقىپ، ئېلان ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش كەسپى، بۇ ئىشلارنى ھەر قانداق ئادەم قىلالايدۇ .
قىيىن نوقتا : ئەل ئارىسىدا بۇنى ”ئەخلەت ئۇچۇر “ دەپ قارىلىدۇ. لىكىن بۇ ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ تەرتىپكە سالغاندا يەنىلا بىر ياخشى سودا پۇرسىتى بۇلالايدۇ .
3. ئېلان ھەمكارلىق بىرلەشمىسىگە ئەزا بۇلۇش .
ئېلان ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ . مەسىلەن ئېلان چىكىپ ھەق ئالىدىغان ، تىزىملىتىپ پۇل تاپىدىغان قاتارلىق تۈرلەر ، ئەگەر سىز ئېلان تەشۋىقاتقا تايىنىپ مال سېتىپ بەرسىڭىز سىز نۇرغۇن تاپان ھەققىگە ئىرىشىسىز .
4. توردا ۋاكالىتەن سېتىش كەسپى .
ئىقتىسادى كىرزىس تەسىرىدىن نۇرغۇن تاشقى سودا شىركەتلىرى سودىسىنى توردا سېتىشقا قەراپ ئۆزگەرتتى . پەقەت تىزىملىتىش ئاقىلىق توردىكى ۋاكالەتچى بۇلغىلى بۇلىدۇ. بىر مەھسۇلات سېتىۋالسىمۇ ئەۋەتىپ بىرىدۇ . پەقەت بىر جايىڭىزدا تۇرۇپ مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلسىڭىزلا بۇلىدۇ.
5. ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ سىتىش .
سىزنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە يۇقىرى تېخنىكىڭىز بار ، ياكى بىر باشقىلاردا يوق مەلۇم بىر خاس بولغان ئىجابى پايدىلىق مولغان قاراشلىرىڭىزبار ، ياكى سىز باشقىلارنىڭ شۇنداق تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىپ ئالغان بۇلۇڭ ، سىز شۇلارنى بىر ئىلىكتىرونلوق كىتاپ قىلىپ توردا ساتسىڭىز بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە ئاز بىر قىسمىنى توردا ھەقسىز تارقىتىپ مەھسۇلاتىڭىزنى تەشۋىق قىلسىڭىز بۇلىدۇ . يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق باشقىلار كۈچۈرۈپ تارقىتالمايدىغان قىلسىڭىزلا ، چۇقۇم بۇنى ھەقلىق نۇسخىسىدىن سېتىۋالىدىغانلار چىقىدۇ.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
يەنە كەلدىم سىز مۇ كەپ تۇرۇڭ ماندا بولمىسا ئۇنتۇلۇپ قىلىشارمىز –
بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئەۋەتىلىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.مەنمۇ ئۆز ئالدىمىغاۈ بىر ئىگىلىكىمنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
بىلوگ ياشاسنى ئۆگىتىپ قويىدىغانلار بارمۇ؟
تىرىشساقلا ئۇلارمۇ بۇلۇپ قالغۇسى !
ئۇيغۇربەگ قاتارلىق بىلوگلاردا دەرىس سۆزلىنىۋاتىدۇ .
خۇدايىم ئارزۇلىرىىزغا يەتكۈگەي ، تىرىشساقلا ئۇ كۈنلەگە ئاز قالدى .
17:41
بىز گە مۇشۇ بلوگ ئىشى ماس كەگۇدەك