ھاياتتىكى پۇل تاپىدىغان ئۈچ باسقۇچ

سەھپە: تىجارەتتە پاراسەت باھا:1

ھاياتتىكى پۇل تاپىدىغان ئۈچ باسقۇچ

پۇل تېپىشنىڭ تۈپ پرىنسىپ ۋە تۈپ ئۇسۇلىنى مۇنداق «بىر مەركەز، ئۈچ تۈپ نۇقتا»غا يىغقىلى بولىدۇ: پۇلنىڭ باشقۇرۇشىنى مەركەز قىلىپ «پۇل تېپىشنى پەللە، پۇل تېجەشنى مۇھىم نۇقتا، پۇلنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش». كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۈچ مۇھىم باسقۇچىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇنداق بۆلۈشكە بولىدۇ: ياشلىق دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇل تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناپ بېقىش؛ ئوتتۇرا ياش دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- داۋاملىق پۇل تېپىش، زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىش؛ ياشانغان دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇلنى ئوبدان ساقلاپ، ئاز-ئازدىن مەبلەغ سېلىش.

  ياشلىق دەۋر (18 ياشتىن 35 ياشقىچە)  ياشلىق دەۋر ئەمدىلا مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى باشلاپ خىزمەت ئورنىغا چىققاننىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغاچقا، كىرىم ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە تازا مۇقىم بولمايدۇ، ئەمما تۇرمۇشتا پۇل خەجلەيدىغان يەرلەر بەك كۆپ يەنى مۇھەببەت باغلاشقا، توي قىلىشقا، بالىلىق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر ئۆي سېتىۋالمىسا، ئاپتوموبىللىق بولمىسا تېخى بولمايدۇ. شۇنچىلىك ئاز كىرىمگە سېلىشتۇرساقلا، ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ياشلىق دەۋرىدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش «سۇ ئامبىرىنى رېمونت قىلىش»، ئۇنىڭ نەتىجىسى«سۇ ئامبرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر سۇ بولۇش» بولۇشى كېرەك. شۇڭا پۇل تېپىش ياشلىق مەزگىلىڭىزنىڭ پۇل تېپىش پىلانىدا مۇھىم نۇقتا بولمىسا بولمايدۇ، بىراق ياشلاردا خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولمايدۇ، شۇڭا «سۇ ئامبىرىڭىزدىكى سۇ»دىن ئازراق ئېلىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: پاي چەك ياكى فوند سېتىۋېلىڭ، شۇندىلا ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا قەدەم قويغان چېغىڭىزدا لازىم بولىدىغان تەجىربىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز، بۇ ئەلۋەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەبلەغ سېلىشىڭىزغا ئاساس بولۇپ بېرىدۇ.

ئوتتۇرا ياش دەۋر (35 ياشتىن 55 ياشقىچە)  ئادەم ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە يەتكەندە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا باشلايدۇ، كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا پىششىپ يېتىلىش يولىغا كىرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىرىممۇ تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ، گەرچە كۈندىلىك چىقىم ئېشىپ بارسىمۇ، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما پۇل تېپىش يولى كۆپەيگەچكە، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياشلىق دەۋرىدىكىدىن خېلىلا تېز بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا پىلانلىق چىقىم قىلىش يولىدىن ۋاز كەچمەي، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشىش كېرەك، شۇندىلا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشقا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. كىرىم بىر قەدەر مۇقىم، مالىيە ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە تىرىشماي بولمايدۇ. مەسىلەن: پاي چەك سېتىۋېلىش، كۆچمە مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، باشتا تىلغا ئېلىنغان «سۇ ئامبىرى»غا قۇيۇلىدىغان سۇ مەنبەسىنى ئۇلغايتىش لازىم. شۇندىلا «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېزلا يېتىپ كىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا مالىيە جەھەتتىن پۇختا تەييارلانغىلى بولىدۇ.

 ياشانغان مەزگىل (55 ياشتىن كېيىن) ياشانغان مەزگىل كىشىلىك ھاياتنىڭ بەھۇزۇر بەھرلىنىدىغان باسقۇچى، بۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ياشقا كەلگەندە پاي بازىرىدا لاغايلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆچمە مۈلۈك ۋە فوندلارغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشمۇ ھاجەتسىز، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، «سۇ ئامبىرى»مىزدىكى سۇنى ساقلاشقا كۈچەش ئەڭ مۇھىم. دېمەك ياشانغانلارنىڭ پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان ياخشى. جەمئىيەتتە پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ دېگەننى ئايىماي سېلىۋاتقان بوۋاي، مومايلار ئاز ئەمەس، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ارىشىچە، بۇنداق قىلىش ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە ياشانغان چېغىدىكى بەختنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىسىز ئىكەن. ئەمما ئاز-تول مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئكزىڭىز خالىسىڭىزلا، پاي چەك بىلەن فوندقا مۇۋاپىق سوممىدا مەبلەغ سېلىپ تۇرۇڭ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى ئازايتىڭ، بولسا پاي ۋە فوندقا سالغان مەبلىغىڭىزنى «سۇ ئامبىرى»ڭىزغا تولۇق چېكىندۈرۈڭ.  پۇل تېپىش قارىشىدىكى خاتالىقتىن قۇتۇلۇش  پۇل تېپىش كېرەكمۇ-يوق ۋە قانداق پۇل تېپىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە مۇنداق بىر خاتالىقتىن ئامال بار ساقلىنىڭ: پۇل تېپىش پۇلى بار ئادەمنىڭ ئىشى، پۇل بولمىسا پۇل تاپىمەن، دەپ جاپا تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا، مەيلى پۇلى بار ئادەم بولسۇن ياكى پۇلى يوق بولۇپ قېلىشتىكى تۈپ سەۋەب دەل ئاشۇ پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلمىغانلىقتا بولسا كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئېھتىمال ناھايىتى تېزلا پۇلى يوق ئادەمدىن پۇلى بار ئادەمگە ئايلىنىشىڭىز مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق ئادەم پۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرمەي، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلىشى كېرەك. بىزگە ئەجدادلار «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس!» دەپ ھېكمەت قالدۇرغان، ۇبنىڭ مەنىسى بەلكىم باشقىلاردىن قېلىشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەختلىك كەلگۈسىنى يارات! دېگەنلىك بولسا كېرەك.

 مەنبە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

2009.03.16 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.05.24
15:01
1-قەۋەت: «مۇھەممەت قادىر» مۇنداق دېدى:

رەھمەت قېرىندىشىم ،جاپا تارتىپسىز!

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup